ئويلاپ بىقىڭ، مەلۇم بىر بانكا ھەركۈنى سەھەردە سىزنىڭ ئامانەت پۇل كىنىشكىڭىزغا 86مىڭ 400دوللار پۇل سېلىپ قويدى دەيلۇق، ئەمما كەچ كىرگەندە سىز خەجلەپ بولالمىغان پۇللار ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كەتسە سىز قانداق قىلىسىز؟ سىز چوقۇم ئامال تېپىپ پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ بولۇشنى ئويلايسىز ئەلۋەتتە .
ھەر بىر ئادەمدە مۇشۇنداق بىر بانكا بار ،ئۇنىڭ ئىسمى[ ۋاقىت ]
ھەر كۈنى سەھەردە ئۇسىزنىڭ ئامانەت پۇل كىنىشكىڭىزغا 86مىڭ 400سېكۇنىتنى سېلىپ قويىدۇ، كەچ كىرگەندە ئۇنى بىراقلا يوق قىلىۋىتىدۇ. ئەگەر سىز مەبلەغ سالماي تۇرۇپ پايدىغا ئېرىشىمەن دىسىڭىز ئۇ چاغدا پۈتۈنلەي زىيان تارىتقان بولىسىز. ئارقىڭىزغا چىكىنىشكە يول يوق ،ھەتتا ئەتىنىڭ يېتىپ كىلىشىگە قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئامالىڭىزمۇ يوق. سىز پەقەت بۈگۈنكى ئامانەت پۇلىڭىزغا تايىنىپلا ياشىيالايسىز، ئۇنداقتا؛؛
[بىريىل]نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئادەمدىن سوراڭ .
[بىرئاي]نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز بالدۇر تۇغۇپ قويغان ئانىدىن سوراڭ .
[بىرھەپتە]نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ھەپتىلىك گىزىت چىقىرىدىغان گېزىتخانىنىڭ تەھرىرىدىن سوراڭ .
[بىر سائەت]نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز مەشۇقىنى ساقلاۋاتقان يىگىتتىن سوراڭ .
[بىر مىنۇت]نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز پويىزغا ئۈلگۈرەلمىگەن يولۇچىدىن سوراڭ .
[بىر دەقىقە]نىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مىدالغا ئېرىشكەن تەنھەركەتچىدىن سوراڭ .
يىغىپ ئېتقاندا، ئۆزىڭىزگە تەئەللۇق بولغان ھەر بىر مىنۇتنى قەدىرلەڭ، سىز ئۆزىڭىز بىلەن ۋاقىتتىن ئورتاق بەھرىمان بولىدۇ دەپ قارىغان ئادەم بىلەن بىرگە بولغاندا ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ .
[تۈنۈگۈن]ئۇ بىر تارىخ ،[ئەتە]ئۇ بىر سىر ، ئەمما [بۈگۈن]نىڭ ئۆزى بىر سوۋغا .
مەنبە؛ شىنجاڭ ئاياللىرى
0 comments