بۈۋى پاتىمە ۋە ئۇنىڭ تويلۇقى

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

       پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى بۈۋى پاتىمە بالاغەتكە توشۇپ،ھەزرىتى ئەلى شاھى مەردانغا جۈپتى ھالال ياتلىق بولۇشقا ھەقلىق،رازى رىزالىق بولىدۇ.تويلۇق ئۈچۈن نىمە ئىلىش،توينى قايسى دەرىجىدە قىلىش مەسلىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىجازەت بىرىشىگە تەقەززا بولىدۇ.مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۈممەتلىرىگە ئىغىر بولۇپ قالماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ،تويلۇق ئۈچۈن ئۈچ جىڭ ئارپا ئۇنى،بەش جىڭ خورما،ئۈچ دانە خام بىرىپ،توي پاتىھەسىنى ئوقۇتۇپ،ئاددى توي مۇراسىمى قىلىپ بىرىدۇ.
        تويدىن كىيىن بىر نەچچە يىل جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرگەن پاتىمە بىر كۈنى دادىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىشىغا كىلىپ ھال-ئەھۋالىنى ئىيتىدۇ:«كەرەملىك دادا،مەن ھەركۈنى ئۈچ قىتىم تاغقا ئوتۇن تىرىشقا چىقىپ،ئوتۇن تىرىپ،ئۆيگە ئەكىلىپ ئاش ئىتىمەن،چاي قاينىتىمەن،مانا كۆرۈپ تۇرۇپلا كىيىملىرىم يىرتىلىپ بەدەنلىرىم كۆرۈنۈپ قالدى،جاپالىق تۇرمۇش مىنى قىيناپ ھىچ ھالىمنى قويمىدى،سىلىدەك بىر كاتتا پايغەمبەرنىڭ قىزى تۇرۇپ مۇشۇنداق جاپالىق تۇرمۇز كەچۈرگىنىم ئۈچۈن باشقىلار مىنى مازاق قىلىشتى.شۇنىڭ ئۈچۈن ئوتۇن تىرىپ كىلىش ۋە ئۆينىڭ ئىغىر ئىزلىرىنى قىلىپ بىرىشكە بىر خىزمەتكار ياللاپ بىرىشكە رۇخسەت قىلسىلا ئىكەن.»دەيدۇ ۋە يىرتىق كۆينىكىنى تۈزەشتۈرۈپ كۆز يىشى قىلىدۇ.
    «قىزىم بۈۋى پاتىمە،-دەيدۇ رەسۇلۇللاھ مىھرىبانلىق بىلەن ،-تۇرمۇشىڭىز راست جاپالىق،بۇنى مەنمۇ كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن.بۇ جاپانى يىڭىشكە ئاللاھ مەدەت بىرىدۇ.جاپادىن قاچسىڭىز ھورۇن،تىرىكتاپ بولۇپ قالارسىز.ناۋادا سىزگە چاكار ياللاپ بەرسەم ئۈممەتىلىرىم پەيغەمبەر بولغاچقا چاكار ياللاپ بەردى دەيدۇ.شۇڭا چاكار بىرىشكە بولمايدۇ،ئۆزىڭىز غەيرەت قىلىپ جاپانى يىڭىڭ».
         پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈيئوغلى ھەزرىتى ئەلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە،پەيغەمبەر دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ كۆرۈشۈپ،ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ،ئاستىغا كۆرپە سالغان ۋە قولىغا سۇ بەرگەن.ساھابىلەر بۇنى كۆرۈپ:«سىلى پەيغەمبەر تۇرۇپ كۈيئوغۇللىرىنىڭ ئاستىغا كۆرپە سىلىپ، قولىغا سۇ بەرگەنلىرى نىمىسى ؟»دەيدۇ.مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام:«شۇنداق قىلماي بولمايدۇ،ئۇ بىر تاغار پوقنى ئىرىغدىدى ئەمەسمۇ»دىگەن.
       كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر بىسىپ،ئىككى بىسىپ پاتىمەنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كىلىدۇ.قارىسا ھويلا ئىشىكى ئوچۇق ئىكەن،ئۇ ھويلىغا كىرىپ قارىسا دالان ئۆينىڭمۇ ئىشىكى ئوچۇق،تىمتاس.مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆيگە كىرمەي پۇتىنىڭ ئۇچىدا ئاستا دەسسەپ دەرىزىدىن قارىسا پاتىمە ئەرئايال ئىككىسى بوينىغا گىرە سىلىشىپ ئۇخلاپ ياتقۇدەك.مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇنى كۆرۈپ خاتىرجەم بولۇپ،قايتىپ كىتىۋىتىپ :«بۇلارنىڭ ھال كۈنى جاپالىق بولغان بىلەن تۇرمۇشى كۆڭۈللۈك ئىكەن»دىگەن.
        پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاشۇنداق ئۈلگە كۆرسىتىشى كىيىنكى ئەۋلاردلار ئۈچۈن ماددى ۋە مەنىۋى ئاساس ئىدى.ئارىدىن 1400يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ بۇ دىيارىمىزدا تويلۇقنىڭ ئىغىرلىقىدىن،قىزلار ئىنتىلىۋاتقان ماددى شارائىتلارنىڭ كۈنسايىن ئىشىپ بىرىشىدىن بىر مۇنچە يىگىتلەر توي قىلالماي قىرى يىگىتلەرگە،بىر مۇنچە قىزلار ئەرگە تىگەلمەي قىرى قىزلارغا ئايلىنىپ قالماقتا.تويى بولغان كۆپلىگەن يىگىت قىزلار قەرزگە بوغۇلۇپ،قەرزنى تۆلىيەلمەي،تويدى كىيىن جىدەل تۈگىمەي،نىكاھتىن ئايرىلىپ،بالىلار يىتىم،ئائىلە ۋەيران بولماقتا.
        ھازىر بىر مۇنچە كىشلەردە ئىمان(نىيەت)،ئىنساپ(دىيانەت) يوقالماقتا.نىكاھ تويى ۋە ئازراق ئاداۋەت تۈپەيلى شىرەم تۇققانلار ۋە قۇدا باجىلار ئارازلىشىپ،يىللاپ گەپلەشمەي،بىرىش-كىلىش،كىرىش-چىقىش قىلماي ياتلىشىپ،ئاداۋەت ساقلاپ گۇناھى كەبىر سادىر قىلماقتا.
          مەن مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى شەخسىيەتچىلىك ،ئىتتىپاقسىزلىق ، مەزھەپچىلىك ، ئاچكۆزلۈك ، رەھىمسىزلىك، ھىيلە-مىكىر،سۈيقەستلىك،زومىگەرلىك،بەدنىيەتلىك، ۋىجدانسىزلىق ئىللەتلىرىگە قارىتا ھەممىگە قاردىر ئۇلۇغ ئاللادىن ئىمان ، ئىنساپ ، دىيانەت ، شەرمى-ھايا تىلەيمەن.ئامىن.

مەنبە:ھەدىس شەرىفتىن ۋە ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرى

0 comments

پىكىر بايان يوق