بەخىتلىك ئائىلىدىكى سىر

ئامېرىكىلىق يازغۇچى مارىك، توۋىن مۇنداق دېگەن ؛ئەگەر ئادەم 80 ياشتىن باشلاپ 18 ياشقا قاراپ ياشىغىلى بولسا، كىشىلىك ھاياتتا تېخىمۇ بەخىتلىك ياشىغىلى بولىدۇ، بىراق بۇ ئېنىقلا مۇمكىن ئەمەس .
      ئىجابىي پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىساق، بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز ھازىردىن باشلاپ ، ئائىلىمىزدىكىلەر بىلەن بىرگە خوشال ھالدا 80 ياشقىچە ياشاش، تۆۋەندە بەخىتلىك ئائىلىلەردە دائىم ئىشلىتىدىغان سۆزلەرنى بايان قىلىپ ئۆتسەك ئېھتىمال ئورۇنسىز بولماس .
   1. ماختاش
ياخشى گەپنى ھەممە ئادەمنىڭ ئاڭلىغۇسى كېلىدۇ. ئەڭ ياخشى گەپلەرنى ئەلۋەتتە ئائىلىدىكىلەرگە قالدۇرۇش كېرەك، ئائىلىڭىزدىكىلەر ئوخشىتىپ تاماق ئەتكەندە، يارىشىملىق كىيىم – كېچەك سېتىۋالغاندا، چوقۇم ماختىسىڭىز ئەرزىيدۇ.
     2.  ئىشىنىش
              ئىشىنىش – ئالماشتۇرۇش ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى. فورىڭىزنىڭ سىزنى سۆيىدىغانلىقىغا، پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ ۋاپادارلىقىغا، تۇغقانلىرىڭىزنىڭ ساداقەتمەنلىكىگە ئىشەنسىڭىز، بەخىتلىك تۇرمۇشىڭىزنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
   3. غەمخورلۇق قىلىش، كۆيۈنۈش
    ئائىلىڭىزدىكىلەر سىرتقا چىققاندا، سىرتتا ئېھتىيات قىلىشنى تاپىلىسىڭىز، ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە، بىر ئىستاكان قايناق چاي تۇتسىڭىز ، ئاغرىپ قالسا، ھالىدىن كۆپرەك خەۋەر ئالسىڭىز، بۇ ئىشلىرىڭىز جورىڭىزنى تەسىرلەندۈرمەي قالمايدۇ ھەمدە ئۇ سىزنى ئۆز ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەم دەپ بىلىدۇ.
    4.مۇھىم كۈنلەر  
             تۇغۇلغان ئاشۇ كۈندە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ ‹‹ تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى›› نى ئېيىتقىنىنى ئاڭلىغىنڭىزدا، كۆڭلىڭىز مېھىربانلىققا تولۇپ تەسىرلەندىڭىزمۇ؟ ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى،ھەرخىل مۇھىم خاتىرە كۈنلىرىنى يېزىۋېلىپ، ئىمكانقەدەر ۋاقىت چىقىرىپ ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈڭ.
    5.  ئىپادىلەش
مۇھەببەت ، تەپرىتىڭىز ئېنىق بولسۇن، ئائىلىڭىزدىكىلەرگە كۆڭۈل سۆزلىرىڭىزنى ئېيىتسىڭىز،م ئاندىن ئۆز- ئارا چۈشىنىش كۈچىيىپ ، ئىدىيىدە بىردەكلىكنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.
     6. ئەپۇ قىلىش
كۆپلىگەن ئاتالمىش‹‹ يىتەرسىزلىكلەر›› نى زىغىرلاپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق . راستىنلا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان تەغدىردىمۇ، ئۇنىڭغا ئۆزگەرتىش پۇرسىتى بېرىشىڭىز لازىم .
    7. سوۋغات
   سوۋغات ئارقىلىق خوشاللىق ئاتا قىلىش، كىشلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلايدىغان‹‹ سىلىقلاشتۇرغۇچ››، ئائىلىڭىزدىكىلەرگىمۇ ھەم شۇنداق . سوۋغات قىممەت بۇيۇم بولمىسىمۇ، سىز يەنىلا ئۇلارنىڭ قەلبىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىسىز .
  8.ساغلاملىق
  ساغلاملىق يوقالسا ھەممىدىن ئايرىلىدىغان گەپ مەيلى قانچىلىك ئالدىراش بولۇڭ، يەنىلا چوقۇم ساغلاملىقىڭىزنى ئاسراڭ ، شۇندىلا ئائىلىدىكىلىرىڭىزنى ساغلاملىقىڭىزدىن ئەنسىرەشتىن خالىي قىلالايسىز.
9.           قىزىقىش
     ئۆي ئىشلىرى تۈگىمەيدۇ، ئەگەر ئۆي ئىشلىرىنى بەك زېرىكىشلىك دەپ قارىسىڭىز، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچە ئىشنى ئۆزىڭىزنىڭ قىزىقىشىغا ئايلاندۇرۇۋالسىڭىز بولىدۇ. مەسلەن ، كۆكتات ئادالاش، گۈل بېقىش،تازىلىق قىلىش قاتارلىق ئۇششاق- چۈششەك ئىشلاردىنمۇ خوشاللىق تاپالايسىز .
10. ئورتاق مەشغۇلات
   پىسخولوگىيەدە مۇنداق بىر باھالاش كۆرسەتكۈچى بار : يەنى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئورتاق سىرتلارغا چىقىپ پائالىيەت قىلغان ۋاقتى ۋە قېتىم سانى قانچە كۆپ بولسا، ئائىلىنىڭ بەخىت تۇيغۇسى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ، بىرگە ساياھەت قىلىش، بىرگە دوستلارنى يوقلاش،بىرگە بازار ئايلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى توغرا ئۇسۇلدۇر .
11. سۆيۈش
   سۆيۈشۈش، قۇچاقلاپ قويۇشتەك بەدەن ئۇچرىشىشى ئارقىلىق چوڭ مېڭىدىكى ‹‹ خوشاللىق ماددىنىڭ›› ئاجىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شېرىن بەخت تۇيغۇسىغا چۆمگىلى بولىدۇ، بۇ خىل ئىشلارنى ئورۇنسىز ئىشلار دەپ قارىمىسىڭىزلا، مۇھەببىتىڭىزنى سۆز ۋە بەدەن ھەرىكىتىڭىزدە ئىپادلەپ تۇرالايسىز .
  12.ياخشى كۆرۈش
  ئائىلىڭىزدىكىلەرنى ياخشى كۆرۈش، ئەنسىرەش، قوغداش،سادىقلىق، ئۆزىنى بېشىلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  13.خوشال تەبەسسۇم
بەخىتلىك ئائىلىدەردە دائىم كۈلكە ئۈزۈلمەيدۇ. خۇشال بوغاندىلا، كۈلىمەن دېسە كۈلگىلى ناخشائېيىتقۇسى كەلسە ئېيىتقىلى ، سۆزلىگۈسى كەلگە سۆزلىگىلى بولىدۇ. ئائىلىڭىزدىكىلەر سىزنىڭ خوشاللىقىڭىزغا ھەمدەم بولالايدۇ .
14.     ئېھتىياج
14.ئائىلىڭىزدىكىلەر روھى چۈشۈپ گاڭگراپ قالغاندا ۋاقتىدا تەسەللىي بېرىپ بەخىت تىلەڭ .
      15.كۆزقاراش
بەخىتلىك ئائىلىلەردە ئىدىيەدە ئەركىن بولۇش، ھەربىر كىشىنىڭ كۆز قارىشىغا ۋە پىكرىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك، ھەرگىزمۇ ‹‹ سەن كىچىك بولغاندىكىن، ئېغىز غېرىچىلىمىغىن››،‹‹ مېنىڭ ئىشلىرىمغا ئارىلاشما›› دىمەسلىك كېرەك .
          16.ئائىلە ئەزالىرى بىرگە ئوينىغاندا، چوڭلارمۇ ياشىرىپ كىچىكلەرمۇ خوشال بولىدۇ. پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى خوشاللىققا چۆمۈىدۇ، ناۋادا پۇرسەت بولسىلا،ئائىلىڭىزنى خوشاللىق باغچىسىغا ئايلاندۇرۇڭ .  
        17.سۈپەت  
         ئائىلە بەختىنى ئىزدىسڭىز، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۇنۇتماڭ. ياخشى يىيىشتىن باشقا ، يەنە ئۆيدە كۆپ ئولتۇرۇڭ. ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن بىللە كىتاپ-ژورنال ئوقۇڭ، موزىكا ئاڭلاڭ.
       18.مەسئۇلىيەت
ئائىلىدە ھەربىر كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدۇ.ھەربىر ئادەم ئۆز رولى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.ئاتا-ئانىغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش،يولدىشىغا سادىق بولۇش ،بالىلارنى ئاسراش كېرەك.
19. تەڭ بەھرىمەن بولۇش
يالغوز خوشاللىق ئورتاق خوشاللىققا يەتمەيدۇ،ئائىلىگە نىسبەتەن خوشاللىق ۋە قايغۇدىن ئائىلىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە بەھرىمەن بولغاندىلا،ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلسا بولمايدىغان بىر پۈتۈن گەۋدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
20.مىننەتدار بولۇش
  ئائىلڭىزدىكىلەر سىز ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بەرگەندە، سىز بۇ ئۇلارنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى دەپ قارىماستىن، بەلكى دەل ۋاقتىدا ‹‹ رەھمەت›› دېيىشىڭىز كېرەك .
21.چۈشىنىش
ئائىلىڭىزدىكىلەرنى چۈشىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ‹‹ ئۆززىڭىزنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ تەپەككۇر قىلىشتۇر››.ئاتا- ئانىڭىزنىڭ جاپاسى، يولدىشىڭىزنىڭ تۆلىگەن بەدىلى، بالىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقىنى ئويلىسىڭىز،ئۇلارغا تېخىمۇ كۆيۈنىدىغان بولىسىز.
22.ۋەدە بېرىش
‹‹ مەن ۋەدە بېرىمەنكى›› بۇنداق سۆز ئاڭلىماققا كىشىنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرسىمۇ،يەنىلا ئائىلىڭىزدىكىلەرنى خاتىرجەم قىلىدىغان كومىلاچتۇر. كېيىنكى ب ەرگەن ۋەدىلىرىڭىز يەنىلا سىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۈندەيدۇ.
23. قىززىقچىلىق
  قىززىقچىلىق كەيپىياتىنى تەڭشەپ،بىئارامسىزلىقنى يوقىتىدۇ. ئاچچىقنى باسىدۇ. شۇڭا ،بالىلار بىلەن بىرلىكتە نىقاپ ياسا، قىزىق پاراڭلارنى قىلىپ ، بىر ئائىلە كىشلىرىنى خوشاللىقا چۆمدۈرۈش كېرەك .
24.ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش
ئائىلىدىكىلەر ئوتتۇرىسىدىمۇ ھەرخىل كۆڭۈلسىزلىكلەر پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ھەربىر پەيىتتنى خۇددى Xنۇرى ئارقىلىق تەكشۈرگەندەك تەكشۈرۈپ، ئۆزىنى يەنە بىر قېتىم ‹‹تازىلاش›› كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ .
25. سېغىنىش
ئائىلىڭىزدىكىلەر يېنىڭىزدا يوق ۋاقىتتا ئۇلارغا دائىل تېلىفون قىلىپ، ئۇچۇر يوللاپ،ئۇلارغا سىزنىڭ ئۇلارنى ناھايىتى سېغىنغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويۇڭ.
26.قىزغىنلىق
تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقنى ساقلاپ قېلىش بەخىتكە بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك كاپالەتنامە . پوزىتسىيە ئاكتىپراق بولغاندا، تۇرمۇشتىكى تېخىمۇ كۆپ گۈزەللىكلەرنى بايقىغىلى بولىدۇ.بۇ سىزگە تېخىمۇ كۆپ قىزغىنلىق ئاتا قىلىدۇ.
مەنبە:ھاياتلىق ژورنىلىدىن

0 comments

پىكىر بايان يوق