ھەر قانداق كىشى ئۆزى ياخشى كۆرگەن بىرى بىلەن ئىناق ، بەخىتلىك بۇلغان تۇرمۇشنى قۇرۇشنى خالايدۇ . تۇرمۇشىنىڭ بەخىت ئىچىدە ، خاتىرجەم غەم – ئەندىشىسىز ئۆتۈشنى ئايالىنىڭ ئۆزىگە سادىق بۇلىشىنى ، شۇنداقلا ئايال بۇلغۇچى ئۆز يولدىشىنىڭمۇ ئۆزىگە سادىق بۇلۇپ ، ھەرقانداق چاغدا ئۆزىگە كۆيىنىشىنى بەكمۇ خالايدۇ. ئۇنداقتا بۇ بەخىتلىك تۇرمۇش قانداق كىلىدۇ؟ بۇ ئەر- ئاياللىق تۇرمۇشنىڭ بەختى زادى قەيەردە؟ ئەر- ئاياللار قانداق قىلغاندا ، بۇ بەختىلىك تۇرمۇشنى قۇرۇپ ، بىر- بىرىنىڭ ھەقىقىي ھۆرمىتىگە ، ئىشەنچىگە ئېرىشەلەيدۇ؟
ھەممىمىز ئەتىراپىمىزغا نەزەر تاشلاپ باقايلى ، بەخىت ئىچىدە كۈلەلىگەنلەردىن زادى قانچىسى بار؟؟؟ بۇ ئەر- ئاياللىقتىن ئىبارەت نازۈك بۇلغان مۇناسىۋەتنى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتۇرۇپ ، بەخىتلىك ئائىلىنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىۋاتقانلار زادى قانچىلىك ؟؟ ھەممىڭلارنىڭ كاللىسىدا مۇشۇنداق سۇئاللار بۇلامدىكەن؟؟؟ نىمىشكىن تاڭ مەندە بۇنداق سۇئال دائىم بار . گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم شۇنچىلىك بەخىت ئىچىدە ئۆتىۋاتقان بۇلسىمۇ لىكىن بۇ تۇرمۇشۇمنىڭ بۇ بەخىت ئىچىدە ئۇزۇنغىچە داۋاملىشالماسلىقىدىن ، ئۆزۈمنىڭ بىلىپ بىلمەي سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قىلىپ ، يۇلدىشىم نەزىرىدىن چۈشۈپ كىتىپ ، بەخىتىىتن ئايرىلىپ قېلىشتىن بەكمۇ ئەنسىرەيمەن . ئۇلۇغ ئاللاھىمدىن ھەرۋاقىت مۇشۇ بەختىمنىڭ مەڭگۈلۈك بۇلىشىنى يۇلدىشىم بىلەن ئاللاھنىڭ جەننەتلىرىدىمۇ بەخىتلىك ئەر- ئاياللاردىن بۇلىشمنى ھەردائىم تىلەۋاتىمەن . ۋە باشقا قېرىنداشلىرىمنىڭمۇ بەخىت ئىچىدە ياشىشىنى تۇلىمۇ ئۈمۈد قىلىمەن . بەزىدە دوستلىرىمنىڭ يولدىشى ۋە يولدىشىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تەرىپىدىن ئەرزىيەتلەر چىكىپ ، تۇرمۇش سىناقلىرىغا بەرداشلىق بىرەلمەي ، قان – ياش يىغلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرگىنىمدە ، كۆزلىرىم لىق ياشقا تولىدۇ . ئۇلارنىڭ بەختى ئۈچۈن ئاللاھقا كۆپ زىكىرلەرنى ئېيتىمەن.
قەدىرلىك دوستلىرىم ئىنسان تۇلىمۇ ئاجىز ئىكەن . بۇلۇپمۇ ئاياللار بەكمۇ ئاجىز ھەم نازۈكتۇر. سىز ھەر ئىشتىن قايتىپ كەلگەندە ، ئايالىڭىزنىڭ كۆزلىرىگە سەپسېلىپ ، تىكىلىپ قاراپ باقتىڭىزمۇ؟؟ ئۇنىڭ چىھرىدە نىمىلەرنى كۆرۈدىكەنسىز؟ بىر ئەخلاقلىق ئايال ئۈچۈن ئىلىپ ئىيىتقاندا ، يولدىشىنىڭ ئىشتىن كەلگەندە ، ئايالىغا تەبەسسۇم بىلەن قاراپ ، ئۇنىڭدىن چىن قەلبىدىن ، مىھرى بىلەن : قانداق ئەھۋالىڭىز؟ تاماق يىدىڭىزمۇ ؟ زىرىكىپ قالمىغانسىز ……… دىگەندەك سۇئاللارنى سوراپ ئايالىدىن ئەھۋال سورىشى بىر ئايال ئۈچۈن زور بەخىتتۇر.ئەرنىڭ ئايالغا مىھرى بىلەن كۆيىنىشى ، ئۆيگە تەبەسسۇم بىلەن كىرىشى ئايالنى قانچىلىك خۇشال قىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟؟ سىز باشقىلارغا مۇھەببەت بېغىشلىيالىغان ئىكەنسىز چۇقۇم مۇھەببەتكە ئېرىشەلەيسىز!!!!
ئەمدى ھەقىقىي بەخىتلىك تۇرمۇشنىڭ ئاساسىغا كەلسەك:
1. بەخىتلىك ئەر ئايالىنىمۇ ھەم ئۆزىنىمۇ خۇشاللىققا ئېرىشتۈرەلەيدۇ . ئۆزىدىكى قايغۇ- ھەسرىتىنى ئايالىنىڭ كۈلكىسى بىلەن يۇشىرىدۇ . ئائىلىدە ، ئەرلىك كىبىرى بىلەن ئەمەس بەلكى بىر مەسئولىيەتچان ، كۆيۈمچان ئەرنىڭ سۈپپىتى بىلەن ياشايدۇ. تەربىيەنى ئەڭ ئاۋال ئۆزىگە بېرىدۇ. ئۆزىگە راۋا كۆرمىگەننى ئايالىغىمۇ راۋا كۆرمەيدۇ.
2.كىچىككىنە خاتالىقلار ئۈچۈن ئارتۇقچە خاپا بۇلۇپ يۈرمەيدۇ. بەلكى شۇ خاتالىقنى قىلغۇچى ئايالىغا مىھرىبانلىق بىلەن تۈزىتىش بىرىپ ، شۇ خاتالىقلارنىڭ قايتا يۈزبەرمەسلىكى ئۈچۈن مىھرىبانلىق بىلەن تەدبىر يۈرگۈزىدۇ.
3. ئايالىنى قۇل ئۇرنىدا كۆرمەستىن بەلكى ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك ھەمرايى ، ئۆمۈر سىردىشى دەپ بىلىپ ، ئايالىنىڭ كۈچى يەتمىگەن ئىشلار ئۈچۈن ئارتۇقچە چېچىلىپ يۈرمەي ، ئۆزى ھەم ياردەملىشىدۇ. چۈنكى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ئۆزى ئەڭ ئاۋال باشقىلارغا ئۈلگە بۇلاتتى.
4.ئائىلىنى مۇۋاپىق ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەپ ، ئايالىنىڭ باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
5. مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشنى خالايدىغان لاياقەتلىك ئەر پات-پات ئايالى بىلەن سىردىشىپ ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ ، دۇنيا ئىشلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى باشقا مەڭگۈلۈك بەخىت ئىشلىرى ئۈچۈنمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئايالىنىڭ كەيپىياتى ناچار بۇلۇپ قالسا ، ئۆيگە كىرىپلا دۇمبالاپ چۈشمەي ، ياكى چېچىلماي بەلكى نىمە بۇلغانلىقىنى ناھايىتى مىھرىبانلىق بىلەن سوراپ ، ئايالىغا سەبىرنى تەۋسىيە قىلىپ ، ئايالىغا مەنىۋى كۈچ- قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ.
6. لاياقەتلىك ئەر ئايالى بىلەن ئولتۇرغاندا ، باشقىلارنىڭ يامان گىپىنى ھەرگىز قىلمايدۇ . ئايالى بىلمەي قىلىپ قالسا ، ئايالىغا غەيۋەتنىڭ ئىنتايىن يامان ئىش ئىكەنلىكىنى دەپ ئۇنى غەيۋەت قىلىشتىن تۇسىدۇ. ئەر ئائىلىدە ئۆزى ئۈلگە بۇلۇپ ، ئەخلاقىنى ياخشىلىسا ، ئايالى ( ئەقلى بار بۇلسىلا) تەبىيلا يامان ئىللەتلىرىدىن يىراقلىشىپ ، يولدىشىنىڭ ئىسىل خىسلەتلىرىدىن ئۈلگە ئالىدۇ … ئايال كىشىنى تاياق بىلەن ئۇرۇپ ئۆزگەرىتكىلى بۇلمايدۇ. بەلكى مۇھەببەت ، ئىسىل خىسلەت بىلەن ئۆزگەرىتكىلى بۇلىدۇ. (ئۇرىۋەرسە ئايال كىشى بەك قاشاڭلىشىپ يولدىشىنى كۆزگە ئىلمايدىغان ، گەپلىرىگە پىسەنىت قىلمايدىغان بۇلىۋالىدۇ). ئەرنىڭ ئائىلىدىكى پەزىلىتى بەك مۇھىم بۇنى ھەرگىز ئۇنۇتماڭ. ، ئايالىڭىز سىزنىڭ ھەيۋىڭىزدىن قۇرقۇپ ئەمەس بەلكى يۈكسەك ئەخلاقىڭىزدىن ئەيمىنىدىغان بۇلسۇن!!!
پەزىلەتلىك ئايالنىڭ ئائىلىدىكى ئەخلاقى :
1. پەزىلەتلىك ئايال تۇلىمۇ مەسئۇلىيەتچان كىلىدۇ . يولدىشىنى مۇھەببىتى بىلەن كۈتۈپ ، يولدىشىغا ھەردائىم ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھىس قىلدۇرىدۇ. يولدىشىنى ئائىلىگە ھەقىقىي مۇھەببىتى بىلەن رام قىلىدۇ. بۇنداق بۇلۇشى ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال ئۆزىنى بىرقۇر تەكشۈرىدۇ. مىجەزىدىكى ئىتتىكلىكنى يوقىتىدۇ. يولدىشى ئىشتىن كىلىشى بىلەنلا تەبەسسۇم قىلىپ ، يولدىشىنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتىدۇ.
2. ئائىلە ئىشلىرىنى خۇشاللىق بىلەن قىلىپ ، ئۆزىدىكى بىردىنبىر دۈشمەن بۇلغان ھۇرۇنلۇقنى تاشلاپ ، ئائىلىنىڭ تەرتىپىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ.
3. ھەردائىم ئۆي ئىشلىرىنى خۇشاللىق بىلەن قىلىپ ، يولدىشى كىلىشى بىلەنلا تاماقنى تەييار قىلىپ ، يولدىشىنىڭ ماغدۇرىغا ماغدۇر قوشۇپ كۈچ- قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ. يولدىشىنىڭ كىيىم – كىچەكلىرىنىڭ پاكىزلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ. بۇلۇپمۇ يولدىشىنىڭ پايپىقىنىڭ پاكىزلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك . پايپاقلىرى پۇراپ قالماسلىقى كىرەك . يولدىشى ئىشقا مېڭىشتىن بۇرۇن چۇقۇم ئۇنىڭ كىيىملىرىگە بىر قۇر زەڭ سېلىپ قاراپ ، كىيىم – كىچەكلىرىدىكى رەتسىزلىكنى بايقىغان ھامانلا تۈزەشتۈرۈپ قۇيىشى كىرەك . يولدىشىنىڭ كىيىملىرىنىڭ رەتلىك ، پاكىز بۇلىشى ، ئائىلىنىڭ پاكىز ، رەتلىك بۇلىشى شۇ ئايالنىڭ ئەخلاقىنى كۆرسىتىدۇ . چېچىلاڭغۇ ، ئەخلاقسىز ئاياللار رەتسىز مەينەت كىلىدۇ. پاكىزلىقنىڭ ئىماننىڭ جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى ھەرگىز ئۇنۇتماڭ. مۇسۇلمان ئاياللار پاك ، پاكىزدۇر. سىزنى بىر كۆرگەن كىشى پاك ، پاكىز مۇسلىمە ئايال ئىكەن دەپ تۇنىسۇن!!!!
4.يولدىشىڭىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسىڭىز ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىنى ، دوست – بۇرادەرلىرىنى ھۆرمەت قىلىڭ . بۇنداق قىلىش يۇلدىشىڭىشنى ھۆرمەت قىلغانلىق بۇلىدۇ. يولدىشىڭىزنىڭ غەم ئەندىشىسى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلمەسلىكىڭىز. شۇڭا ئامال بار چىقىشىپ ئۆتۈڭ ، بۇنداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىز ھەم يولدىشىڭىز غەم – قايغۇدىن يىراق بۇلىسىلەر. ئائىلىڭىز پىتنىدىن يىراق بۇلىدۇ. ب
5 . يولدىشىڭىز بىلەن ئەڭ ياخشى مۇناسىۋەتنى ساخلاپ قالاي دىسىڭىز يولدىشىڭىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ سىزگە قىلغان – ئەتكەنلىرىنى كەچۈرۋىتىڭ . سىزگە قانچىلىك ئەرزىيەت يەتكۈزگەن بۇلسىمۇ بەك سەبىر قىلىڭ . بۇ ئىشلارنى ھەرگىز يۇلدىشىڭىزغا دىمەڭ. دىسىڭىز يولدىشىڭىز كىمگە يان بېسىشنى بىلمەي تەڭ قىسلىقتا قالىدۇ. ئۆزى كىيىن بىلىپ قالسا ، سىزگە بۇلغان ھۆرمىتى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ…..
قەدىرلىك دوستلىرىم مىنىڭ بۇ ماقالە توغرىسىدا تەۋسىيەلىرىم بەك كۆپ ئىدى. يازاي دىسەم دوستلارنىڭ كۆپ كۆرۈپ ئوقۇماسلىقىدىن ئەنسىرەپ مۇشۇنچىلىك قىلىپ يازدىم.گەپ- سۆزلەردە خاتالىقلار يوق دىيەلمەيمەن . تۈزىتىپ ئوقۇپ كىتىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن . قېرىندىشىڭلار لوتفىيەدىن .
0 comments