تويدا ئاتا – ئانىنىڭ رازى بولغىنى تۈزۈك

ئىلگىرى ئاتا – بوۋىمىزنىڭ زامانىسىدا قىز – ئوغۇللار توي قىلىش يېشىغا يەتكەندە ئاساسەن
ئاتا – ئانىلىرىنىڭ ياكى ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن نىكاھلىناتتىكەن . ئەلۋەتتە بۇ خىل نىكاھ نىسبەتەن مەجبۇرلاش تۈسىنى ئالغان بولسىمۇ ، ” نىكاھنىڭ مېھرى ئىسسىق دېگەندەك ، مۇتلەق كۆپچىلىق كىشىلەر يەنىلا جۆرىلىرى بىلەن مەڭگۈلۈك ھەمراھلاردىن بولۇپ قالاتتىكەن . ئاڭلىسام ، ئاتا – ئاناممۇ چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن بىرلا قېتىم يۈز كۆرۈشكەندىن كىيىن توي قىلغانىكەن ، مانا ئۇلار ھازىرغىچە مەن قاتارلىق ئۈچ بالىنى قاتارغا قوشۇپ ، ئىجىل – ئىناق ئۆتىۋاتىدۇ .

ھازىركى جەمىيىتىمىزگە نەزەر سالىدىغنا بولساق ، كۆپىنچە پەرزەنتلەر ئاتا – ئانىسىنىڭ
رازىلىقى بىلەن جۆرە تاللاپ ، كۆڭۈللۈك نىكاھقا ئېرىشىۋاتىدۇ ، بىراق قىسمەنلەر ئەركىن
مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىشنىڭ بەزى پايدىسىز تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن ، ئاتا – ئانىنىڭ
رازىلىقىسىز نىكاھلىنىپ داغدا قېلىۋاتىدۇ ، يەنە بەزىلەر ئاتا – ئانىسى تويىغا قوشۇلمىسا باشقا يۇرتلارغا قېچىپ يۈرۈپ توي قىلىۋاتىدۇ . مىنىڭچە ، ئاتا – ئانىنىڭ ئۇشبۇ نىكاھقا نىسبەتەن ئالاھىدە غەرىزى بولمىغان ئەھۋالدا ، ئۇلارنىڭ رازىلىقىسىز قىلىنغان توي ئېنىقكى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ .

يېقىندا بىر تونۇشۇم بىر چاغلاردا كىتاپىمۇ ياكى تېلىۋېزوردىمۇ ، ئەيتاۋۇر بىر يەردە كۆرگەن
ئامېرىلىقلارنىڭ ئەركىن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىشىغا ئائىت بىر نىكاھ مىسالىنى سۆزلەپ
بەردى : يىگىت ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي ، قىزى بار تۇل خوتۇن بىلەن ئۈچ يىل مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغان . بىر نەچچە يىلدىن كىيىن ئۆگەي قىزى بۇئەرنىڭ ئاتىسى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغان . شۇنىڭ بىلەن ئەر ئاتىسنىڭ قىينىئاتىسى بلۇپ قالغان .
ئۇلار بالىلىق بولغاندىن كىيىن بۇ ئىشلار تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ كەتكەن  . ئاتىسنىڭ بالىسى ئەرنىڭ ھەم ئىنىسى ، ھەم نەۋرىسى بولغان ….

شۇنداق ھېس قىلدىمكى ، ھەرقانداق ئىشنىڭ يامان تەرىپى بولغىنىدەك ، ئەركىن
مۇھەببەتلىشىشمۇ ياخشى – يامان نەتىجىگە باشلايدىكەن ، شۇڭا بۇنىڭ ئۈچۈن ” ياخشى
كۆرۈپ قالدىم ” دەپلا قانۇنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاققا قارشى چىقماستىن ، ئەڭ مۇھىمى
ئاتا -ئانىنىڭ رازىلىقىنى ئالغان تۈزۈككەن . بولمىسا يۇقىرىقى مىسالدىكى ئامېرىكىلىقتەك
غەلىتە ئەھۋالغا يولۇقۇپ قالمىغان تەغدىردىمۇ ، بەخىتلىك نىكاھ تۇرمۇشىغا ئېرىشكىلى
بولماسلىقى مۇمكىن .

مەنبە : – شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

0 comments

پىكىر بايان يوق