توينىڭ يېشى

بىرىنچى يىلى: قەغەز توي، دەسلەپكى بىرلىشىش خۇددى قەغەزدەك نېپىز بولىدۇ.
ئىككىنچى يىلى:تىرەك توي،شامالدا يوپۇرماققا ئوخشاش لىڭشىپ تۇرىدۇ.
ئۈچىنچى يىلى:خۇرۇم توي،ئەۋرىشىملىككە قاراپ ماڭىدۇ.
تۆتىنچى يىلى:يىپىەك توي،چىڭ يۆگەلگەن بولىدۇ.
بەشىنچى يىلى:ياغاچ توي،ياغاچتەك قاتتىق بولۇشقا باشلايدۇ.
ئالتىنچى يىلى:تۆمۈر توي، ئەر-خوتۇنلۇق ھېسسىيات خۇددى تۆمۈردەك مۇستەھكەم بولىدۇ.
يەتتىنچى يىلى:مىس توي،تۆمۈردىنمۇ مۇستەھكەم ۋە ئاسان داتلاشمايدىغان بولىدۇ.
سەككىزىنچى يىلى:ساپال توي،ساپال قاچىدەك مۇستەھكەم ھەم گۈزەل بولىدۇ.
توققۇزىنچى يىلى:سۆگەت توي،خۇددى مەجتۇنتلادەك بوران-چاپقۇندا سۇنۇپ كەتمەيدۇ.
ئونىنچى يىلى:قەلەي توي،قەلەيدەك يۇمشاق ھەم چىداملىق بولغاچقا ئاسان تىشىلىپ كەتمەيدۇ.
ئون بىرىنچى يىلى:پولات پۇت،ئاسان داتلاشمايدۇ،شۇنىڭدەك تۆمۈردىن چىداملىق بولىدۇ.
ئون ئىككىنچى يىلى:زەنجىر توي،خۇددى تۆمۈر زەنجىردەك مۇستەھكەم بولىدۇ.
ئون ئۈچىنچى يىلى:
كەشتىلەنگەن گۈل توي،چىداملىق بولۇپلا قالماستىن،ناھايىتى گۈزەل بولىدۇ.
ئون تۆتىنچى يىلى:پىل چىشى توي،ۋاقىت ئۇزارغانسېرى شۇنچە نەپىس بولۇپ كۆركەملىشىدۇ.
ئون بەشىنچى يىلى:خىرۇستال توي،سۈزۈك ھەم گۈزەللىكىدىن كۆزنى قاماشتۇرىدۇ.
يىگىرمىنچى يىلى:جانان چىنە توي،نۇقسانسىز سىلىق بولىدۇ،ئەمما يەرگە چۈشۈپ كەتمەسلىكى كېرەك.
يىگىرمە بەشىنچى يىلى:كۈمۇش توي،كۈمۇش توي يەنى تويدىن كېيىنكى تۇنجى چوڭ تەبىرىك توي.
ئوتتۇزىنچى يىلى:مەرۋايىت توي،مەرۋايىتتەك چىرايلىق ھەم قىممەتلىك بولغاچقا كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۇرىدۇ.
ئوتتۇز بەشىنچى يىلى: مارجان توي، قىممەتلىك ھەم تېخىمۇ جۇلالىق بولىدۇ.
قىرىقىنچى يىلى:قىزىل ياقۇت توي،قىممەتلىكىدىن ئاسان تېپىلمايدۇ. قىرىق بەشىنچى يىلى: كۆك ياقۇت توي،قىزىل ياقۇتتىنمۇ قىممەتلىك بولىدۇ.
ئەللىكىنچى يىلى:ئالتۇن توي،بۇ ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ تويدىن كېيىنكى تەبىرىكلەيدىغان ئىككىنچى چوڭ تويى.ئادەتتە بۇ توينى نەۋرىلەر بىلەن بىللە تەبىرىكلىگەچكە ،كۈمۈش تويدىن كۆپ داغدۇغىلىق بولىدۇ.
ئەللىك بەشىنچى يىلى:چەش توي،بەكمۇ قىممەتلىك .
ئاتمىشىنچى يىلى:ئالماس توي،ئاز ئۇچىرايدۇ دېيىشكە بولىدۇ.شۇڭا،بۇ توي ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئەڭ داغدۇغىلىق تويىدۇر.

تەيارلىغۇچى مۇنىردىن تۇنياز

0 comments

پىكىر بايان يوق