كەچتە ئۇنىڭغا تېلېفون بەردىڭىز ، سۆزلىشىدىغان ئالاھىدە ئىشمۇ يوق ، پەقەت قۇرۇق پاراڭ سېلىشتىڭلار ، قارشى تەرەپ قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەندە تېلېفوننى قويۇۋېتىش تەكلىپىنى بېرىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭ.
ئا __ بىر سائەتنىڭ ئىچىدە:
ب__ بىر سائەتتىن ئىككى سائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا:
س__ ئىككى سائەتتىن ئۈچ سائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا:
د__ ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق ياكى سىز قويۇۋېتىشنى ئېيتقۇچە :
ئا-دىكى ئەھۋال بولسا ، يارىڭىز ئىشلاردا ئەقىلگە تايىنىپ يەكۈن چىقىرىدىكەن، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتسىڭىز يامان ئەمەس تۇرمۇش كەچۈرىسىز ، بىراق ئاراڭلاردا ئورتاق پاراڭ ئازكەن ، شۇڭا تېخى توي قىلىش باسقۇچىغا يەتمەپسىلەر.
ب- دىكى ئەھۋال بولسا ، يارىڭىز بىلەن مۇھەببىتىڭىز چوڭقۇر ئىكەن . شۇ تاپتا مۇھەببەتنىڭ ئەڭ شېرىن مەزگىلىدە ئىكەنسىلەر، ئەگەر بىرىڭلار توي ئىشىنى ئوتتۇرىغا قويساڭلار ، ئىشىڭلار تېزلا روياپقا چىققۇدەك.
س_ دىكى ئەھۋال بولسا ، ھازىر توي قىلىشىڭلارنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىكەن . ئۆزئارا ئوبدان چۈشىنىشىدىكەنسىلەر. ئىككىلىڭلار بىر_بىرىڭلارنى ئەڭ ياخشى ھەمراھ دەپ بىلىدىكەنسىلەر، شۇڭا كەلگۈسى نىكاھ تۇرمۇشىغىمۇ ئىشەنچىڭلار باركەن.
د _ دىكى ئەھۋال بولسا ، توي قىلىدىغان ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇپسىز ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ، يارىڭىزنىڭ بالدۇرلا سىز بىلەن توي قىلغۇسى باركەنتۇق ، بۇنى بىلەلمەپسىز ، شۇڭا بىر مەزگىل ئايرىلىپ ، ئىشلىرىڭلارنى يېڭىباشتىن باشلىغىنىڭلار ياخشى .
مەنبە ؛ قانۇن گېزىتى
توي قىلىش پۇرسىتىڭىز كەلدىمۇ
پىكىر بايان يوق
0 comments