توي قىلىۋالسام بوپتىكەن
(مۇسئەب)
بۇ شېئىرىمنى بارلىق بويتاقلىق شۇئارى توۋلاۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا بېغىشلايمەن
ياشلىقىمنىڭ بارىدا توي قىلىۋالسام بوپتىكەن
شەيتان لەئىن مىكرىنى بىتچىت قىلسام بوپتىكەن
خوتۇن ئېلىپ بەختكە مەن چۈمۈلسەم بوپتىكەن
ئىمانىمنى قۇۋۋەتلەپ تەقۋا بولسام بوپتىكەن
ئائىلە قۇرۇپ ئىسلامى ئۈلگە بولسام بوپتىكەن
*******
ئى ياشلىرىم توي قىل دەپ پەيغەمبىرىم دەپتىكەن
بىز ياشلارنىڭ غېمىنى رەسۇلۇللاھ يەپتىكەن
ئاتا ئانام بۇ ھەدىستىن خەۋەرسىزلا قاپتىكەن
ئەمدى نۆۋەت كەلدى بىزگە بىزمۇ قىلساق بوپتىكەن
********
خوتۇن ئالدىڭ ئوتۇن ئالدىڭ دەيدۇ ئۇلارنىڭ بەزىسى
بەزىلىرى قورقۇتار ئېچىلىپ گۈلى قەقىسى
“خوتۇن ئېلىپ ئوخشاپ قالدىڭ قېرى ئىشەككە ئەتىسى”
ئىشەنمەيمەن بۇ يالغان بۇ شەيتاننىڭ نەغرىسى
ئېلىپ سالىھە ئايالنى كۆرسىتىپ قويسام بوپتىكەن
*********
خۇدا بەرگەن رىزىقتىن قورقىتىدۇ كاززاپلار
كەلگۈسىدىن تەقدىردىن سۆز ئاچىدۇ پاسىقلار
ئاغزىدىكى بال ئەمەس، ئاغزى سېسىق ماغزاپلار
ئۆزىنى دەر مۇسۇلمان،ئىمانى كەم،ئاقساقلار
پاسىقلارغا ئىماننى بىلدۈرۈپ قويسام بوپتىكەن
*********
قەلبىمدىكى ھېسلارنى بۇ قۇرلارغا تىزدىم مەن
ئاللاھ پۈتكەن تەقدىرگە بۇ بىشىمنى ئەگدىم مەن
بىز ياشلارنىڭ دەردىنى چۇڭقۇر بىلدىم سەزدىم مەن
رېئاللىققا تەن بېرىپ يۈرىكىمنى ئەزدىم مەن
مەشئەل بولۇپ ياشلارغا چىراق بولسام بوپتىكەن
***********
بوشاشماڭلار ياشلىرىم ئۆز “ھەققىڭلار”قوغداڭلار
شەيتان بىلەن گۇناھنى ئۈچ تالاق قىپ قوغلاڭلار
روزا بىلەن، تىرىشىپ نەفسىڭلارنى تاۋلاڭلار
كىچىلىرى قىيامدا يۇشۇرۇن ياش قۇيۇڭلار
ھەر بىر ياشقا بۇ سۆزنى دىيەلىسەم بوپتىكەن
2013-09-16 تابە
0 comments