تۆت خىل خاتا قاراش ئاياللارنى نىكاھتىن بەخىتسىز قىلپ قويىدۇ

1.نىكاھتىن كىيىنكى تۇرمۇشۇم باشقىلارنىڭكىدەك كۆڭۈللۈك ئەمەس.
ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشتىكى خۇشاللىققا بولغان قارشى ئوخشاش بولمايدۇ. ئىرىڭىزنىڭ نەزىردە سىز ئەتكەن مەززىلىك تاماقنى يېيىشنىڭ ئۆزى بىر بەخىت.لېكىن سىز داچىدا،ئېسىل پىكاپلاردا ئولتۇرۇشنى بەخىت،دەپ بىلگەچكە،نىكاھىڭىزدىن خۇشاللىق تاپالمايسىز.
2.ئاياللار توي قىلپلا مۇز چىراي بولۇپ قالىدۇ.
ئاياللار توي قىلغاندىن كىيىن ئۆزخاھىشى بويىچە ئىش قىلالمايدۇ.ئۆزىگە ئاجراتقان ۋاقتى ئازلاپ كىتىپ، تۇرمۇشتىكى خۇشاللىقتىن مەھرۇم قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئاياللار ئەڭ ياخشىسى نىكاھنى ئۆزىگەبېسىم قىلىۋالماسلىق كېرەك.
3.مەن چوقۇم مۇكەممەل ئەر تېپىپ ياتلىق بولىمەن. نۇرغۇنلىغان قىزلار ياخشى يىگىت تىپىش ئۈچۈن ئۆزىگە نۇرغۇنلىغان بەلگىلمىلەرنى تۈزىۋالدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئارلىشىش جەرياندا توختىماي يىگىتىدىن قۇسۇر ئىزدەپ،ياراتماي تىخىمۇ مۇكەممەل يىگىت تىپىشنى ئويلايدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇنى- بۇنى تاللاپ يۈرۈپ،تەلىپىگە ماس كەلگەن نامزاتلاردىنمۇ قۇرۇق قالىدۇ.شۇڭا مۇكەممەل ئەر تاپىمەن دىمەي،سىزنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان ئەرنى تېپىڭ،ئۇ سىزنىڭ ئەڭ چوڭ بەختىڭىزدۇر.
4.نىكاھنىڭ ئۇزاق داۋاملىشىشى ئۆزىگە ئەڭ ماس ماسلاشقان  جۈپتىنى تاپقانلىقىدۇر. نىكاھنىڭ ئۇزاق داۋاملىشىشى ھەرگىزمۇ بىر تەرەپنىڭ كۈچىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ، ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ تەڭ تىرىشىشىغا مۇھتاج.
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتىدىن ئىلىندى.

0 comments

پىكىر بايان يوق