تۇرمۇشنى  باياشات ئۆتكۈزۈش ئۆزىڭىزگە باغلىق


    بىر دوستۇمنىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا تۇرمۇشتىن زارلىنىپ : «بۇنداق ئوقۇپ نېمە جاپا، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن تەلىيىمىز كېلىپ قالسا بىر نەچچە مىڭ يۈەن ئۈچۈن قۇل بولۇپ ئىشلەيدىغان گەپكەن، مەن نىمە دېگەن بىتەلەي، ئەگەر پۇلى بار، باي- باياشات ئائىلىدە تۇغۇلغان بولسام ، ئوقۇشنىڭ نېمە ھاجىتى » دەپ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدىن زارلانغانلىقى ھېلىھىەم ئېسىمدە.
   باياشات تۇرمۇش ئادەم ئېھتىياجلىق نەرسىگە ئېرىشكەنلىكىتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ھاياتلىقتا باياشاتلىققا ئېرىشىشتىكى مەقسەت ئۆزى ئېھتىياجلىق نەرسىگە ئىگە بولۇشتىن .ئىبارەت.
   ئادەم پۇل، مال- دۇنيادىن باشقا نۇرغۇن نەرسىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئەلۋەتتە .
   تۇرمۇشنى باياشات ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھەقىقى ئىشەنچ بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ئىشلشىڭىز ھەمدە ئىشنى چوقۇم ياخشى قىلالايدىغىنىڭىزغا ئىشىنىشىڭىز لازىم.
   ھەممە نەرسىنى پۇل بىلەن ئۆلچەيدىغان، پۇلنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان، ماددى بايلىق توپلاشتىن ئىبارەت ئاچكۆزلۈكنى تاشلىشىڭىز كېرەك.
   تۇرمۇشنى باياشات ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈشنى بىلىش كېرەك. ئەگەر نېمىگە ئېرىشىدىغانلىقىڭىز بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، باشقىلارنى ئويلىمىسىڭىز، تۇرمۇشىڭىزنى ھەقىقى باياشات ئۆتكۈزۈش ئارزۇيىڭىزغا يېتەلمەيسىز.
   نەزىرىڭىزنى نەتىجىگىلا ئەمەس، بەلكى نىشانغا، ئەتىراپىڭىزدىكى تەسىرىڭىزگە قارىتىشىڭىز لازىم. تۇرمۇشتىكى بەخت سىز ئاخىر ئېرىشكەن پۇل، مال- دۇنيا ئەمەس، بەلكى سىز بېسىپ ئۆتىدىغان ھاياتلىق مۇساپىڭىزگە سىڭگەن بولىدۇ.
ئەمەلىي ئەھۋالىڭىزنى چىقىش قىلىپ، ئۆزىڭىز خۇش بولىدىغان، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتتە ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان ئشلارنى قىلىڭ، چىقارغان ھەر بىر قارارد امەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۈستىڭىزگە ئېلىڭ . ئەگەر قارغۇلارچە پۇل قوغلىشىش خاھىشىنى تاشلاپ، ھەقىقى قىزىقىدىغان ئىشلىرىڭىزنى پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن قىلسىڭىز، بۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيسىز؛ تۇرمۇشىڭىز تېخىمۇ بەخىتلىق بولىدۇ. ئەگەر ھازىرغا قەدەر تۇرمۇشتا ھېچقانداق باياشاتلىقنى ھېس قىلمىغان بولسىڭىز، دەرھال ھەركەتكە كېلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ئۇنى ئىزدەپ بېقىڭ، قېنى نەتىجىسى قانداق بولىدىكىن ؟!
      مەنبە: « شىجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» 2012-يىلى 12-ئۆكتەبىر

0 comments

پىكىر بايان يوق