تۇر مۇش بېسىمىنى يەڭگىللىتىشنى ئويلامسڭز ؟

        1 .بىر كۈندە غەم يەيدىغان ئىشىڭىز بىر دىن ئېشىپ كەتمىسۇن .ئاياللارنىڭ غەم ئەندىشىسى ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپرەك  بولىدىكەن ،خارۋاردئۇنۋېرسىتىنىڭ تەتقىقاچچىللىرى 166جۈپ ئەر ئايال ئۈستىدە 6ھەپتىلىك تەتقىقات ئىلىپ بېرىپ ،ئاياللارنىڭ غەم ئەندىشىسى ئاياللارنىڭكىدىن كۆپ بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان .
      2. ھەر كۈنى بىرنەچچە مىنۇت دىققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۇڭ ،بىر ئىشنى قىلغان ۋاقتىڭىز دا كەيىنىكى بىر ئىش ئۈچۈن غەم يەپ كەتمەڭ ،ئۇنداق بولغاندا قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنىڭ ئۈنىمى تەسىر  يەتكەندىن باشقا  ،ئۆزىڭىزگە زور بىسىم ئېلىپ كىلىسىز ، قولىڭىز دىكى بىر تۇر لۈك ئىشنى تۇگەتكەندىن كىيىن 20 مىنۇت ئەتراپىدا باشقا ئىشلارغا مەشغۇل بۇلۇڭ ئۆزىڭىزنى بىردەم بولسىمۇ ئازادە ھىس قىلىڭ .
     3. ئۆزىڭىزنىڭ غەم ئەندىشىنى ئېيتىڭ ياكى يىزىڭ ،كۈندىلىك خاتىرە يىزىش ياكى دوستىڭىز بىلەن پاراڭلىشىڭ ، بۇنداق قىلغاندا يالغۇزلۇقتىن قۇتىلالايسىز .
     4.مەيلى قانچىلىك ئالدىراش بۇلۇڭ بەدەن چىنىقتۇرۇشنى ئۇ نۇتماڭ ،تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە يىرىم سائەت بە دەن چىنىقتۇرۇش52% تۆۋەنلىتىلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان .
   5. سۆزلەش سۈرئىتىڭىزنى ئاستىلىتىڭ ،كۈندىلىك خىزمىتىڭىز مەيلى قانچىلىك ئالدىراش بولسۇن سىز پەقەت قىلىۋاتقان ئىشىڭىزغا توغرا روھى ھالەت بىلەن  قاراپ قىد دىلىشىشتىن ساقلىنالايسىز ،گەپ قىلغاندا تەمكىنلىك بىلەن سۆزلىسىڭىز ئۆزىڭىز نىڭ يەڭگىللەپ قالغانلىقىڭىزنى  ھىس قىلالايسىز.

مەنبە :پەن ۋە تۇر مۇش

0 comments

پىكىر بايان يوق