تەپەككۇر جەۋھەرلىرى
@ تۇيۇقسىز ئۆلۈش-ساغلام كىشىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش.
@ تۈزەلمىگەن كۆپ كەچۈرۈم سورار، ئاق كۆڭۈل كۆپ كەچۈرۈم قىلار.
@ ماددا بىر دۇنيالىق، روھ ئىككى دۇنيالىق.
@ خارەكتىر بىلەن جاسارەت سۆزۇڭنىڭ تارازىسى.
@ ئادەمدە ياسالمىلىق ئەۋج ئالسا،مەھسۇلاتتا ساختىلىق ئەۋج ئالار.
@ يوقسۇزنىڭ غېمى بايلىقتا،باينىڭ غېمى ساقلىقتا.
@ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم ھەرقانداق قورغاننى يىمىرەلەيدۇ.
@ ئىتتىپاقلاشقان قەۋمنىڭ ھەممىسى قەھرىمان.
@ دۈشمىنىڭنىڭ مىھمان بولۇپ كىلىشى-سىرىڭنى بىلىشنى مەخسەت قىلىدۇ.
@ كۆڭۈلچەككە ئالدامچى ئامراق كىلىدۇ.
@ ھازازۇل ئايال بار ئۆي ئەرگە ئاشخانا بىلەن ياتاقلا،خالاس.
@ ئانىنىڭ يۇمشاق قولى مىھرىبانلىقنىڭ،ئاتىنىڭ قاتتىق قولى
باتۇرلۇقنىڭ سىمۋولىدۇر.
@ تارىختىن مەلۇمكى،مىڭ دۈشمەندىن بىر خائىن يامان.
@ سۈكۈت قىلىش-باشقىلارغا پۇرسەت بىرىشتۇر.
@ مەغلۇبىيەت قورقۇنۇشلۇق ئەمەس،مەغلۇبىيەتتىن قورقۇش
قورقۇنۇشلۇق.
@ قاراپ قويغاننى بىلگەن ئادەم ئەقىللىقتۇر.
@ مىجەز-خارەكتىر تەقدىرنى بەلگىلەر،بىلىم-ھۈنەر قەدىر-قىممەتنى.
@ ئىنسان ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئېغىزىدىنمۇ خەتەرلىك دۈشمەن يوق.
@ نەتىجەڭ ئالدىدا دوستۇڭنىڭ يۈزى قىزىرىدۇ،دۈشمىنىڭنىڭ كۆزى.
@ ئاتا-ئاناڭنى ھەرەمگە ئاپارمىساڭ مەيلى،لىكىن خەققە يېلىندۇرما.
مەنبە؛شىنجاڭ مەدەنىيتى ژورنىلى.
0 comments