| نۆۋەتتە خانىم-قىزلارغا سۈت بېزى راكىدىن باشقا يەنە بالىياتقۇ راكىمۇ تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە. تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلگەن خانىم-قىزلار ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك: ھەيز مەزگىلى ئۇزاققا سۇزۇلغانلار. خانىم-قىزلاردا ھەيز مەزگىلى قانچە ئۇزاققا سۇزۇلسا، بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ھامىلدار بولماسلىق. بالا يۈزى كۆرگەن ئاياللار بىلەن بالا يۈزى كۆرمىگەن ئاياللارنى سېلىشتۇرغاندا ، تۇغمىغان ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. دىيابېت بىمارلىرى. دىيابېتقا گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولۇشى ئادەتتىكى ئاياللارغا قارىغاندا تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. مەنبە:تەڭرىتاغ تورى(ئۇيغۇرچە) |
خانىم، تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ
پىكىر بايان يوق
0 comments