خانىم – قىزلىرىمىز توغۇرلۇق قىممەتلىق ماقال تەمسىللەر

 بۇرۇن ئەجداتلىرىمىز، خانىم – قىزلىرىمىز توغۇرلۇق قىممەتلىق ماقال تەمسىللەرنى ئوتتۇرغا قويغان .   شۇ ئارقىلىق خانىم قىزلىرىمىزنى تەربىيەلىگەن .ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى رولىنى مۇئايەنلەشتۈرگەن  . مەن بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ تۆۋەندىكى ماقال تەمسىللەرنى سىلەرگە سۇندۇم .

1.     ئاياللارنىڭ مۇھىم ئورنىنى ئىپادىلىگەن كۆز قاراشلار ؛  
‹‹  تىرىكچىلىكنىڭ بەركىتى ياخشى خۇتۇن بىلەن ›،  .  ‹‹ ياخشى خۇتۇن ئەرگە دۆلەت ›› .  ‹‹ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خۇتۇن ، يەر قىلغانمۇ خۇتۇن ›› . ‹‹ خۇتۇن يوقنىڭ خۇنى يوق ›› .  ‹‹ ياخشى خۇتۇن يامان ئەرنى ئەر قىلار ، يامان خۇتۇن ياخشى ئەرنى يەر قىلار ›› .     ‹‹ ئاتاڭنىڭ باغ ھويلىسى بىلەن قالغۇچە ، ئاناڭنەڭ پىلتە سىۋىتى بىلەن قال ›› .  ‹‹ ئوغاق تۇتۇپ ئاتاڭ قالغىچە ، ئويماق تۇتۇپ ئاناڭ قالسۇن ›› .  ‹‹ ئۆيۇڭنى گۈل قىلغانمۇ خۇتۇن ، كۈل قىلغانمۇ خۇتۇن .›› .  ‹‹  ئالتۇن باش ئاتاڭ بىلەن قالغۇچە ، پاخما باش ئانال بىلەن قال ›› .  ‹‹  ئايال كىشى ئۆينىڭ زىننىتى ›› .‹‹  تالادىكى ئاي جامالدىن،  ئۆيۈڭدىكى ھەلىمە پاخپاق ياخشى ›› .   ‹‹ ئۆينىڭ بەركىتى خۇتۇندىن ›› .   ‹‹ ياخشى خۇتۇن ئەرنى تۈزەيدۇ ››.

2.  ئاياللارنىڭ ئائىلىدە پاسسىپ ئىدىيېسىدىكى كۆز قاراشلار .
‹‹ خۇتۇن كىشى تۆت تامنىڭ قۇلى ›› . ‹‹ خۇتۇن كىشىنىڭ چىچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا ›› . ‹‹ خۇتۇن كىشىنىڭ ھېلىسى قىرىق ئىشەككە يۈك ›› . ‹‹ خۇتۇنغا ئىشەنمە قۇمۇشقا يۈلەنمە  ›› . ‹‹ خۇتۇن ئالساڭ بايدىن ئال  پۇلۇڭغا پۇل قۇشۇلار ، يەر ئالساڭ سايدىن ئال يېرىڭغا يەر قۇشۇلار ›› . ‹‹ ئىت ۋاپا ، خۇتۇن جاپا ›› . ‹‹بىشەم خۇتۇن بەش كۈلۈك ، بىزەڭ يولداش بىر كۈنلۈك›› . ‹‹ ئات ئالساڭ ئاي كېڭەش ، خۇتۇن ئالساڭ يىل كېڭەش ›› . ‹‹ قىز ئال توي قىلغان يەردىن ، بىر ئۆي ئال ئۆي قىلغان يەردىن ››. ‹‹  خېنىمنىڭ قېشىغا قارىماي . جىسمىنىڭ ئىچىگە قارا ›› . ‹‹ ئىشچان خۇتۇن  سەھەر تۇرۇپ چىچىنى تارايدۇ ، ھورۇن خۇتۇن ۋاخچە قوپۇپ كۇلۇڭنى كولايدۇ ›› . ‹‹ پالاكەت خۇتۇن ئولتۇرسا ئۇچاق ئۆرۇيدۇ ، قوپسا مورىنى ›› . ‹‹ بۇ خېنىملىڭ  ئۇزلىقى ، ئاپتاپتا قاپتۇ تۇزلىقى ›› . ‹‹ چېچەن خۇتۇننى ئۇچاق بېشىدا سىنا ›› . ‹‹ ئاشنى بۇزۇپ ئۇماچ قىلدى ، ناننى بۇزۇپ كۈمەچ قىلدى ›› . ‹‹ بەرمەسنىڭ ئىشى پىشماس ، بەرمەسنىڭ قازان بىشىدىن چۈشمەس ›› . ‹‹ ئېرىڭدىن يامانلىغىچە ،ئەيىپىڭدىن يامانلا ›› ‹‹ خۇيى بار قىز ئۆي تۇتالماس ›› . ‹‹ ئۆي تۇتماس خۇتۇننىڭ جىدىلى تولا ›› . ‹‹ ئاختامنىڭ چالمىسى يامان ، خۇتۇننىڭ لالمىسى ››.‹‹ خېنىمنىڭ قېشىغا قارىماي ، تاۋىقىنىڭ تېشىغا قارا ›› . ‹‹ سارىخان ئاچام ئۆيدە ،  ئەخلەت كۈلى تۆردە ›› .

3. قىزلار توغۇرلۇق كۆزقاراشلار .
‹‹ قىزنىڭ ياخشىسى كېلىن بولغاندا ›› . ‹‹ كىلىڭنى كەلگەندە كۆر ،  پۆكنى كېيگەندە كۆر ›› . ‹‹كېلىن بولسىڭىز كېلىڭ ، بولمىسىڭىز كېتىڭ ›› . ‹‹ ئاتىسى ئۇرۇشقاقنىڭ ئوغلى ئۇرۇشقاق ، ئانىسى ئۇرۇشقاقنىڭ قىزى ئۇرۇشقاق ›› . ‹‹ قىزنىڭ تەربىيېسى باشتا قاتتىق بولسا ، كەينى تاتلىق بۇلىدۇ ›› . ‹‹ كالاڭغا كۆڭۈل بۆلگىچە،  قىزىڭغا كۆڭۈل بۆل ›› . ‹‹ ئەركە بالا جانغا جازا ،چوڭ بولغاندا بالا قازا ›› ‹‹ئانىسى ماختىغان قىزنى ئالماي ، خوشنىسى مخىتىغان قىزنى ئال›› .‹‹ چىرايلىق يۈزدە ئەمەس سۆزدە ›› .
مەنبە:ماقال تەمسىللەردىن

0 comments

پىكىر بايان يوق