بۇرادەر ، توي كۈنى خوتۇنىڭىزنى ئەمرىڭىزگە ئالغاندىن باشلاپ ئۇ سىزگە مۇتلەق تەۋەدۇر .شۇنداقلا سىزمۇ ئۇنىڭغا تەئەللۇقسىز . بەزىلەر ئىشلەيدىغان ئاياللارنىڭ يېرىمىغا ئېرى ،يېرىمىغا ئىدارە ئىگە دەۋالىدۇ ھەجىۋى قىلىپ .ئەمما ئىشلەمچىلىك مۇناسىۋىتىدە ئۇ مەلۇم بىر ئىدارە – ئورگانغا نىسبەتەن ھەقلىق ئىشلەش مۇناسىۋىتىدە بولسىمۇ ، ئەمما نىكاھ ۋە ئەر -ئاياللارنىڭ بىر- بىرىدىن مەنپەئەتلىنىش مۇناسىۋىتىدە ھەر ئىككى تەرەپ بىر – بىرىگە دەخلىسىزدۇر ، مۇتلەقتۇر .شۇڭا ئۇنىڭغا ياخشى ئىگە بولۇڭ . مەن بەزى ئەرلەرنىڭ ئىدارىگە باھالاش كېلىدىكەن ،مىھمان كۈتىدىكەن دەپ خوتۇنلىرىنى ئاخشاملىرىمۇ كىملەرنىڭدۇ خىزمىتىگە سېلىپ بېرىپ ، ئۆيدە پۇشۇلداپ ئولتۇرغىنىنى بىلىمەن ھەم بۇنداق ئەھۋاللارنى خېلى كۆپ كۆرگەنمەن . ئەما ، مەجبۇرىيەت كۈچلۈك بىر ئەر بولىدىغان بولسىڭىز ، ئايالىڭىزنىڭ ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ ھەر قانداق باھالاش ، كۈتۈۋېلىش شەكىلدىكى ئورۇنسىز ئولتۇرۇشلىرىغا سىزسىز قاتنىشىشىغا يول قويماڭ . مەن مۇنداق كۈتۈۋېلىش شەكىلدىكى ئولتۇرۇشلارنىڭ ماھىيىتىنى ئوبدان بىلىمەن .ئايالىڭىز نىكاھتىن باشلاپلا سىزلا بەھرىلىنىدىغان مۇتلەق نېئمەتكە ئايلاندى . ئۇنىڭدىن باشقىلارنىڭمۇ بەھرلىنىشىگە،كۆڭۈل ئېچىشىغا يول قويماڭ.شۇنداقلا ئايالىڭىز سىز سىزمۇ مۇنداق ئەر ئاياللار ئولتۇرشىغا ،كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا قاتناشماڭ. سىز ئۆزىڭىز ھەر يەر -ھەر سورۇنلاردا يايراپ يۈرۈپ ، ئايالىڭىزنى مېنىڭ خىزمىتىمنىلا قىلىسەن دەپ سىرتماققا ئالسىڭىز ، بۇ ئادالەتسىزلىك ھېساپلىندۇ ھەمدە ئوڭايلا ئايالىڭىزدىنمۇ قارشىلىشىش ، شۇنداق سورۇنلارغا بېرىپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلۇپ قالىدۇ . ئۆزۈڭگە راۋا كۆرمىگەنى باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلما…… بەزى سورۇن ،يىغىلىش،قاتنىشىشلارغا بېرىش زۆرۈر بولۇپ قالغاندىمۇ خەقنىڭ خوتۇنلىرى بىلەن تانسا ،ئۇسسۇل ئويناشتىن ساقلىنىڭ ، ~~شۇنداقلا خوتۇنىڭىزنىمۇ ئومۇمنىڭ مولكى ، كەم ئوينىسا بولۇۋېردىغان ئويۇنچۇققا ئايلاندۇرۇپ قويماڭ. بىزدە خوتۇنى باشقىلار بىلەن چاپلىشىپ تانسا ئوينىسا ئۆزى بىر تەرەپتە تۇرۇپ خوشلىقىدىن ئېغزى كېلە بولىدىغان ئەرلەر ئاز ئەمەس . ھەتتا بىرەر باشلىق خوتۇنى بىلەن تانسا ئويناپ قويسا ،خوشلۇقتىن كۆرەڭلەپ بېشى ئاسمانغا تاقىشىدىغان ، باشلىققا رەھمەت ئېيتىپ سۆيۈنۈپ كېتدىغان ئەرلەرمۇ ، ئۆزى ئۆيىدە داغ چايغا قاتتىق ناننى چىلاپ يەپ ئولتۇردىغان ، خوتۇنى رېستۇراندىن ، خەق بىلەن ئۇسسۇل ،تانسا ئويناپ بەزمىخاندىن كېلەلمەيدىغان ئائىلىلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس….. بۇرادەر ،،، ئۇنۇتماڭ ۋە دىققەت قىلىڭكى ،خوتۇن ئومۇمنىڭ مولكى ئەمەس ، خوتۇن ئەر بولغۇچىغىلا تەۋە. ئۇ شۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ، شۇنىلا كۈتۈش ، شۇنىڭلا كۆڭلىنى ئېچىش كېرەككى ، يات ئەرلەر بىلەن تانسا ئۇسسۇل ئويناپ ئۇنىڭ ئىچ -پۇشقىنى چىقىرىپ ، كۆڭلىنى ئېچىپ قويماسلىقى كېرەك. يات جىنىسلىق ئەرلەرنىڭ تەن ئەزايى بىلەن تولا ئۇچراشقان ئايال سىزنىڭ تېنىڭىز بىلەن ئۇچراشقاندا بارا – بارا غەيرى سېزىمدا بولماس ،ھەتتا سىزنى باشقا ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ سىزدىن قۇسۇر ئىزدەشكە ، نارازى بولۇشقا خۇشتار بولۇپ قالىدۇ ھەمدە ئۇچرىشىش ، ئولتۇرۇشلىرى تېخىمۇ كۆپىيىپ ئۆيدىن ،سىزدىن پەرزەنتىلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ .كىيىمگە ، گىرىمگە ، ئەرنىڭ ماختىشىغا ئامراق بولۇپ قالىدۇ-دە سىزدىن ئاستا-ئاستا يىراقلاپ كېتىدۇ . ئىشەنمىسىڭىز قاراپ بېقىڭ،رىستۇرانغا ،يات ئەر – ئاياللار ئولتۇرۇشىغا ئامراق خوتۇنلارنىڭ قايسىبىرى ئۆز ئېرى بىلەن ئەپ ئۆتىدىكەن؟ قايسىبېرى ئېرىنىڭ ياخشى تەرپىنى قىلىدىكەن ؟،،، ئئايالىڭىزنى تىزگىنلەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ . ئۇ ئومۇمنىڭ ئورتاق بەھرىلىنىدىغان مۈلكىگە ئايلىنىپ قالمىسۇن . ئايالىڭىز ئۈچۈن سىز ۋە نىكاھ ،ئائىلىدىن مۇھىم ئولتۇرۇش ، كۆڭۈل ئاچىدىغان سورۇن ، دوست يوق . سىزنىڭ ئىككىلەمچى ئورنىغا چۈشۈپ قالغىنىڭىز دەل ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئورنىڭىزنىڭ تۆۋەنلەۋاتقىنىدىن بولىدۇ .ۋاقتىدا ئۇنى تۇتۇپ قېلىڭ .ئۆز دائىرىڭىزدە كونترول قىلىۋېلىڭ. بولمىسا ئۇ ئگـگ – ئۆگۈن يەنە بىر گەدىنى توم ،يانچۇقى بوم بىرىنىڭ كەينىدىن سوكۈلداپ كېتىپ قېلىش مۇمكىن . كۆزۈڭنى ئاچ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر مەنبە:ئەرلەگە 101 تەكلىپ |
دىققەت قىلىڭ، خوتۇن ئومۇمنىڭمۇلكى ئەمەس
پىكىر بايان يوق
0 comments