روھىي ساغلام كىشىلەردە توۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر ئىپادىلىنىدۇ.
@ رىياللىققا نىسبىتەن توغرا پوزىتسىيەدە بولىدۇ.روھىي ھالىتى ساغلام بولغان كىشىلەر،رىياللىقتا دۇچ كلگەن ھەر قانداق مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرالايدۇ.
@ مۇستەقىللىق روھىغا ئىگە بولغان بولىدۇ.پىسخىكىسى ساغلام ھەرقانداق بىر كىشى ئىش قىلغاندا مۇستەقىل ئويلۇنۇپ ئىش قىلىدۇ،ئېغىر بېسىق بولىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ مۇۋاپىق پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.
ھالقىلىق پەيتتە قارار چىقىرالايدۇ، ئۆزىنىڭ قارارى ئېلىپ كىلىدىغان ھەر قانداق ئاقىۋەتنى ئۈستىگە ئالالايدۇ.
@ باشقىلارنى ياخشى كۆرۈشتىن ئۆزىگە خۇشاللىق تاپالايدۇ.ساغلام يىتىلگەن كىشىلەر ئائىلىسىدىكىلەرنى، ئۇرۇق تۇققانلىرىنى،دوستلىرىنى ياخشى كۆرۈش ئارقىلىق ئۆزىگە خۇشاللىق ۋە كۇچ-قۇۋۋەت تاپالايدۇ.
@ مۇۋاپىق ھالدا باشقىلارغا تاينىش ۋە كۆيۈنىش ئارقىلىق ئۆزىدە خۇشاللىق پەيدا قىلالايدۇ.
@ ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى باسالايدۇ.پىسخىكىسى ساغلام كىشىلەر بەزى ئىشلارغا ئاچچىقلىنىدۇ،ئەمما ئۆزىنى تۇتىۋالايدۇ،ئەقىلدىن ئازمايدۇ.
@ يىراقنى كۆرەلەيدۇ.كاللىسى سەگەك كىشىلەر كەلگۈسىدىكى مەنپەت ئۈچۈن ھازىرقى مەنپەتتىن كىچەلەيدۇ.
@ دەم ئېلشقا ماھىر كىلىدۇ.پىسىىكىسى ساغلام كىشىلەر ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە دەم ئېلىش ۋە كۆڭۈل ئېچىشقىمۇ ماھىر كىلىدۇ.
@ ئۆز ئىشىغا سالماق پوزىتسىيەدە بولىدۇ.پىسخىكىسى ساغلام كىشىلكەر ئۆز خىزمىتىنى ياخشى كۆرىدۇ.
شاختىن-شاخقا قونۇشنى خالىمايدۇ.
@ بالىلارغا ئامراق كىلىدۇ ۋە ئۇلارغا كەڭ قول بولىدۇ.بالىلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئاڭلاشقا، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىگەللەشكە قىزىقىدۇ.
@ باشقىلارغا كەڭ قوساق بولىدۇ ۋە ئۇلارنى كەچۈرەلەيدۇ.
@ ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ۋە قىزىقىش-ھەۋەس ھىسياتىنى كېڭەيتەلەيدۇ.بىلىم ئېلىش دائرسىنى كېڭەيتىپ.ئۆزىدىكى بىلىم-ماھارەتلىرىنى ئەمەلىيەتتە ئىپادىلەشكە ئەھمىيەت بىرىدۇ.
روھىي ساغلاملىقنىڭ ئاساسلىق ئىپادىللىرى
پىكىر بايان يوق
0 comments