روھى ۋە جىسمانى ساغلاملىغىڭىزغا دىئاگىنوز قويۇپ بېقىڭ!

    جەمىيەت كۈندىن كۈنگە تەرەققى قىلىۋاتقان، تۇرمۇش سۈپىتى كۈندىن كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ساغلاملىق بارغانسىرى كىشىلىك تۇرمۇش ۋە جەمىيەتتىكى كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەڭ مۇھىم تېمىغا ئايلانماقتا. ھالبۇكى جىددى خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش بېسىمى بەزىدە بەدەننىڭ كۆتۈرۈش كۈچىدىن ھالقىپ كېتىپ، جىسمانى ۋە روھى ساغلاملىغىمىزنى يوشۇرۇن ئىكەكلەپ بارماقتا. ئۇنداقتا قانداق قىلساق ئۆز ساغلاملىغىمىزغا توغرا دىئاگىنوز قويۇپ، ساغلاملىغىمىزغا كېلىۋاتقان يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز؟
  توۋەندە تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن «جىسمانى ۋە روھى ساغلاملىقنىڭ 10تۈرلۈك ئۆلچىمى» نى سۇنىمەن، قېنى ھەممەيلەن ئۆزىمىزگە دىئاگىنوز قويۇپ باقايلى!
  1. يىتەرلىك ۋە تولۇپ-تاشقان كۆچ-قۇۋۋەتكە ئىگە بولۇش، كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەت بېسىمىغا بىمالال تاقابىل تۇرالايدىغان بولۇش، زىيادە جىددىيلىك ھېس قىلماسلىق. ( 10نومۇر)
  2. ئىش قىلىشتا ئۈمىدۋار، پوزىتسىيىسى ئاكىتىپ بولۇش، مەسئۇلىيەتنى خوشاللىق بىلەن ئۈستىگە ئالىدىغان بولۇش، ئىشلارنى چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىماسلىق، ئېغىر-يېنىكىنى تاللىماسلىق.  ( 10نومۇر)
  3. دەم ئېلىشقا ماھىر بولۇش، ئۇيقۇسى ياخشى بولۇش، سەھەر ئويغىنالايدىغان، ئويغانغاندىكى روھى ھالىتى يەڭگىل، دەرھال ئورنىدىن تۇرالايدىغان بولۇش.  ( 10نومۇر)
  4. ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگىرىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇش، مۇھىتنىڭ ھەرخىل ئۆزگىرىشلىرىگە ماسلىشالايدىغان بولۇش.  ( 10نومۇر)
  5. ئادەتتىكى زۇكام ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە تاقابىلچانلىغى كۈچلۈك، سوغۇق،شامال،ئىسسىق،ئېگىزلىك قاتارلىق نورمالسىز موھىت كېلىماتقا ماسلىشالايدىغان بولۇش.  ( 10نومۇر)
  6. بەدەن ئېغىرلىغى مۇۋاپىق، تەن ھالىتى دۇرۇس بولۇش، ئۆرە تۇرغاندا باش، بىلەك، ساغرىنىڭ ئورنى ماسلاشقان بولۇش.  ( 10نومۇر)
  7. كۆزى چاقناپ تۇرىدىغان، ياللۇغلانمىغان، ئىنكاسى چاققان بولۇش.  ( 10نومۇر)
  8. چىشلىرى پاكىز بولۇش، كاۋاك بولماسلىق، ئاغرىق سېزىمى يوق بولۇش، چىش مىلىكىنىڭ رەڭگى نورمال بولۇش، قاناش ئەھۋالى بولماسلىق.  ( 10نومۇر)
  9. چېچى پارقىراپ تۇرىدىغان بولۇش، كىپەك بولماسلىق.  ( 10نومۇر)
  10. مۇسكۇللىرى، تېرىسى ئىلاستىكىلىققا ئىگە بولۇش، يول مېڭىش ھەرىكىتى يەڭگىل بولۇش.  ( 10نومۇر)
يۇقارقى ئۆلچەم بويىچە ھەر بىر تۈردە ئۆزىڭىزگە نومۇر قويۇپ بېقىڭ، 9دىن يۇقىرى نومۇر ناھايىتى ساغلام، 8نومۇر ساغلام، 6-7نومۇر دىققەت قىلىڭ، نومۇرىڭىز 6دىن تۆۋەن بولسا شۇتۈردە ئۆزىڭىزنى تەڭشەش،تەكشۈرتۈش ۋە ۋاقتىدا داۋالىتىشنى ئويلىشىڭ.
   ئومۇمىيۈزلۈك نومۇر قويۇپ بولغاندىن كىيىن ئېرىشكەن نومۇرلىرىڭىزنى قوشۇپ بېقىڭ. 90دىن يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەن بولسىڭىز سىزنىڭ روھى ۋە جىسمانى ساغلاملىق ھالىتىڭىز ناھايىتى ياخشى، 90-80نومۇر ساغلام، 60-80نومۇر ئاساسى جەھەتتىن ساغلام،60دىن تۆۋەن بولسا بۇ سىزگە نىسبەتەن بىر سىگنال ھېساپلىنىدۇ، نومۇرىڭىز تۆۋەن چىققان تۈرلەرنى ئانالىز قىلىپ دەرھال ئۆزىڭىزنى تەڭشەش،تەكشۈرتۈش ۋە ۋاقتىدا داۋالىتىشنى ئويلىشىڭ.
   ھەممىمىزگە ساغلام، كۆڭۈللۈك تۇرمۇش يار بولغاي!

   مەنبەسى:  «تۇرمۇش ساۋاتلىرى»

0 comments

پىكىر بايان يوق