ساغلام ئائىلە كىشىنى شاد _ خوراملىققا ، جۇشقۇنلۇققا ، ئىجادچانلىققا ئىگە قىلىدۇ .ساغلام ئائىلىلەر توۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم .
1 . ئائىلە ئەزالىرى ناھايتى ئىناق ئۆتۈشى ، ئۆز – ئارا ئىشىنىشى ، بىر – بىرىگە تايىنىشى لازىم .
2 . ئائىلە ئەزالىرى ئائىلە ئەمگىگىنى ئاكتىپ ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى ، بىر – بىرىگە ئىتتەرمەسلىكى لازىم .
3 . ئەر -خوتۇنلار ئۆز – ئارا ھۈرمەتلىشى ، بىر نىيەت ، بىر مەخسەتتە بولۇشى ، ئۆز – ئارا مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە قوللېشى لازىم .
4 . ئائىلىدە خوشاللىق ، يۇمۇرلۇق كەيپىيات بولۇشى ، كىشىگە ئازادە ۋە جۇشقۇنلۇق تۇيغۇسى بېرىدىغان مۇھىت يارىتىلىشى كېرەك .
5 . ئائىلە ئەزالىرى سۆز – ھەىكەتتە بىردەك بولۇشى ، گەپ _ سۆز ۋە يۈرۈش تۇرۇشتا مەدەنىي بولۇشى لازىم .
6 . ئائىلە ئەزالىرى باراۋەر بولۇشى لازىم .
7 . بالا تەربىيەلەشتە ئۆزى ئۈلگە بولۇشى ، ئىلمىي تەربىيەلەش ئوسۇلىنى قوللۇنۇشى ، بالىنىڭ .ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بىرىشى كېرەك .
8 . قىيىنچىلىققا يولۇققاندا بىر نىيەت ، بىر مەخسەتتە ھەمكارلىشىپ قىيىن ئۆتكەلدىن ئورتاق ئۆتۈشى ، قول قۇۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرماسلىقى ، ئۆز – ئارا ئاغرىنماسلىقى لازىم .
9 . ئائىلىدە ئارام ئالغاندا ئۆز – ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشى ، ھەرخىل مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ تۇرۇشى لازىم .
10 . ئائىلە ئەزالىرى بىر – بىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ھۈرمەت قىلىشى لازىم .
ساغلام ئائىلىلەرنىڭ ئۆلچىمى
پىكىر بايان يوق
0 comments