| ئەي قىزىم قىزلارنىڭ ئەڭ گۈزىلى ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسگە ئورالغىنددۇر.ھەققەتنمۇ قىزلار قەلەم قاش،ھەھلار كۆز، ئۇزۇن چاچ،كېلىشكەن،گۈزەل بولسىمۇ شەرم -ھايالىق بولمىسا ،ئۇلارنى ھېچكىم گۈزەل دېمەيدۇ.ئىپپەتلىك قىز دېگەندە،كۆز ئالدىمزىغا تەبىئىتى مۇلايىم ،ئەقىل -پاراسەتلىك ،ھايالىق ،نۇمۇسچان ،ئاتا-ئانىغا مېھرىبان،قىېرىنداشلىرىغا كۆيۈمچان ،چوڭ-كىچىكلەرگە ئېتىبارلىق قىز نامايان بولىدۇ ۋە بۇنداقلار كۆزىمىزگە چىرايلىق ،يېقىملىق كۆرۈنىدۇ.ھايا كىشلەرنى يامان يولدىن قايتۇرغۇچى ۋە ياخشىلىققا ئۈندىگۈچىدۇر.كىمنىڭ ھاياسى بولمىسا ،شۇنىڭ ئۇيىتى بولمايدۇ ۋە بارچە قەبىھ ئىشلارنى قىلشتنمۇ يانمايدۇ. ئەي قىزىم ئىپپەت–ۋىجدانې پاكلىق ،نۇمۇس ،ھايا دېگەنلىكتۇر.قىزلارنىڭ تەبئىتىگە خاس پاكىزلىق ،ھايا،نەپىسلىك ،زىبالىق ،ھوشىيارلىق كەبى پەزىلەتلەر ئۇلارنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن ،لاتاپىتىگە لاتاپەت قوشىدۇ.قىزنىڭ ھۆسنى يېرىم بايلىق ،ئەقلى بولسا خەزىنە،ئۇلۇغ ئالىم ئىبىن سىنا :<ئىنساندامەڭگۈ تۇردىغان ھۆسىن ۋە لاتاپەت ياھا بىلەن ئىپپەتتۇر ،ھاياسىز يۈز جانسىز جەسسەت كەبىيدۇر> دېگەن ئىدى.دەر ھەقىقەت ئادەمنى ئۆزىگە تارتىدىغان ئسىق كۆرسىتىدىغان نەرسە —–كىشنىڭ ھايا ۋە ئىپپەتىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن قىز ھامانەم ھەقىقىې ئىنسانلىق خارەكتېرىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ. مەنبە:( قىزلارغا 100 نەسھەت) دىن تاللاپ ئىلىندى. |
ساغلام تۇرمۇش يولى(قىزلارغا 100 نەسھەت)
پىكىر بايان يوق
0 comments