قانداق ئائىلىلەردە كېسەللىك كۆپرەك كۆرۈلىدۇ ؟  

 
1 . تازىلىققا دىققەت قىلمايدىغان ،ھاۋاسى بولغانغان ئۆيلەردە ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ .  
 
2 . ئەگەر ئائىلىلەردە تاماكا چىكىش ،ھاراق ئىچىش ،قىمار ئويناش قاتارلىق ناچار ئادەتلەر بولسا ،شۇ كىشىنىڭ ئۆزىلا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ قالماستىن ،ئائىلىدىلەرنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچۇرايدۇ .  
 
3 . ئاتا-ئانىنىڭ بىرىدە ئىرسىيەت كېسەللىكى بولسا ،ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرى ئوخشاش خىلدىكى ئىرسىيەت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشى ياكى كېسەللىك گېنى ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن .  
 
4 . ئائىلە ئەزالىرى ئىناق ئۆتمەي دائىم جېدەل -ماجرا قىلىشسا ياكى ئاچچىقلانسا ،پۇتۇن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ روھى ھالىتىگە تەسىر يىتىپ ،كەيپىيات جىددىلىشىپ كېتىدۇ ياكى چۈشكۈنلىشىدۇ .بۇمۇ كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .  
 
5 . بەزى ئائىلىلەردىكى بىر -بىرگە ئىشەنمەسلىك ،بىر -بىرنى قوللىماسلىق ،ئاسرىماسلىق سالامەتلىككە تەسىر يەتكۇزۇپ ،كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ .

0 comments

پىكىر بايان يوق