تۆنۈگۈنكى ئىشلار ئۈچۈن ،بۈگۈن قايغۇرغاننىڭ پايدىسى بارمۇ؟ بەزىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ ئىمتىھاندا لاياقەتسىز بۇلۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن قايغۇرىدۇ،لىكىن قايغۇرغانغا ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغىلى بۇلامدۇ؟بەزىلەر ئۆلۈپ كەتكەن يېقىنلىرى ئۈچۈن قايغۇرىدۇ،قايغۇرغانغا ئۇلار تىرىلىپ قالامدۇ؟بەزىلەر سودىدا زىيان تارتقانغا قايغۇرىدۇ،قايغۇرغانغا زىياننى تولدۇرۋالغىلى بۇلامدۇ ؟
قايغۇرماڭ،بىرەر قېتىملىق كۆڭۈلسىزلىك ئۈچۈن قايغۇرسىڭىز ،ئۇنى تېخىمۇ كۆپ غەم-قايغۇغا ئايلاندۇرۋېلىشىڭىز مۇمكىن.نامراتلىق ئۈچۈن قايغۇرسىڭىز ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ بەخىتسىز قىلىپ قويىشىڭىز مۇمكىن،باشقىلارنىڭ فىتنە-فاساتلىرىغا قايغۇرسىڭىز ،ئەمەلىيەتتە ئۇلارغا ئويۇن قۇيۇپ بەرگەن بولىسىز، بەرىبىر ساقلانغىلى بولمايدىغان ئىشلار ئۈچۈن قايغۇرسىڭىز ،يەنىلا ئۇ ئىشلارنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ .
قايغۇرماڭ،قايغۇرغان ۋاقتىىزدا ئازادە،راھەت ئۆيىڭىز،گۈزەل،مىھرىبان ئايالىڭىز،مال دۇنيارىڭىز،جەمئىيەتتىكى ئورنىڭىز،مۇنەۋۋەر ئوغلىڭىز،ھەممىسى سىزگە نىسبەتەن ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ.
قايغۇرماڭ،چۈنكى قايغۇرغان ۋاقتىڭىزدا بۇلاق سۈيىمۇ سىز ئۈچۈن زەھەردەك، ئەتىرگۈلمۇ سىز ئۈچۈن تىكەندەك،باغچىلارمۇ سىز ئۈچۈن قۇملۇقتەك،تۇرمۇشمۇ سىز ئۈچۈن مەجبۇرى ئەمگەكتەك بىلىنىپ قالىدۇ.
قايغۇرماڭ،چۈنكى سىزنىڭ كۆزىڭىز كۆرەلەيدۇ،قۇلقىڭىز ئاڭلىيالايدۇ،سۆزلىيەلەيسىز ،پۇت-قولىڭىز ئىشلەيدۇ،قەلبىڭىز ساغلام،تۇرمىشىڭىز خاتىرجەم،تۇرىدىغانغا ئۆيىڭىز،يەيدىغانغا تامىقىڭز ،ئىچىدىغانغا سۈيىڭىز ،كىيدىغانغا كىيمىڭىز ،ئەڭ مۇھىمى سىزنىڭ گۈزەل ئېتقادىڭىز بار!
“قايغۇرماڭ” دىگەن كىتاپتىن تەرجىمە قىلىندى.
قايغۇرماڭ
پىكىر بايان يوق
0 comments