بەزى ئەدىبلەرنىڭ ئۆز قىزلىرىغا سۆزلىگەن نەسىھەتلىرى :
* نىكاھ ۋاقتىدىكى بىرىنچى ئىش بۇزۇق خۇلۇقلۇق ئەردىن ساقلانماقتۇر . چۈنكى خۇلۇق جەھەتتىكى بۇزۇقلۇق بىر خىل كېسەللىك بۇلۇپ ، ئۇنىڭدىن ساقلانماق پەرزدۇر . ئەگەر ئەر بىلەن قوشۇلماقچى بولساڭ ، ئۇنى ئىخلاس بىلەن سۆيۈشكە ئىنتىل . ئېرىڭنىڭ خۇلقى بۇزۇق بولمىسا ، سېنىڭ سۆيۈشۈڭ بىلەن ئۇمۇ سېنى سۆيىدۇ . چۈنكى مۇھەببەت مۇھەببەتنى تۇغىدۇ . سېنىڭ سۆيۈشۈڭ ھايا بىلەن بىرلىكتە بولسۇن . تەربىيىلىك ئەرلەرنىڭ ئەقلىنى رام قىلىدىغان نەرسە ھايادۇر .
* ئېرىڭ توغرىسىدا بىلگەن سىرىڭنى ساقلىغىن ، قوشنا ئاياللارغا سۆزلىمە .
* ئەرنىڭ ئالدىدا سەت ، كۆرۈمسىز كىيىنىپ ، باشقا جايلاردا زىيادە كىيىنىشتىن ئېھتىيات قىل ، بۇنداق قىلىش تەربىيىلىك ئەرلەرنىڭ كۆڭلىگە شۈبھە سالىدۇ ۋە مۇھەببەتنىڭ سۇنىشىغا سەۋەب بولىدۇ . شۇڭا ئاياللار ئۈچۈن يات جايلارغا بارغاندا ئەڭ ياخشى ئاددى كىيىملەرنى كىيىپ ، ئەرلىرىنىڭ يېنىدا خۇش پىچىم بولماق لازىمدۇر .
* يالغان سۆزلىگۈچى ئايالنىڭ تەربىيىلىك ئەرلەرنىڭ ئالدىدىلا ئەمەس بەلكى زەبۇن ، بەدبەخ ئادەملەر ئارىسىدىمۇ ھۆرمىتى يوقتۇر ۋە ھېچقاچان بولماس .
* دۇنيادا ئىنسان لەززەتلىنىدىغان نۇرغۇن نېمەتلەر بار . ئەشۇ نېمەتلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى مۆئمىن ، توغرا يوللۇق خوتۇندۇر . _ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
ئىسلام دىنى نەزىرىدىكى ئايال
*خۇددى كىيىم بەدەنگە يىپىشقاندەك ئەرگە يىپىشىپ ياشايدىغان ، ئاللاھ قەدىرلەشكە ، قوغداشقا ، ياخشى مۇئامىلىدە بۇلۇشقا بۇيرىغان خۇتۇندۇر .
* ” قۇرئان كەرىم ” ، ھەدىسلەردە كۆرسىتىلگەندەك ، بېقىش ، ياخشى ئوقۇتۇپ ، تەربىيلەش ئەجرى ئۈچۈن ئاتا – ئانىسىنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە سەۋەبچى بولىدىغان قىزدۇر .
* ياراتقۇچى ئاتا قىلغان ئاياللىق تەبىئىيىتىگە مۇناسىپ مەسئولىيەت ۋە مەجبورىيەت بىلەن ئىنسانىيەتكە تۆھپە
قوشقۇچى ، جەمئىيەتنى تۈزىگۈچى ۋە ئىسلاھ قىلغۇچى جەمئىيەت ئەزاسىدۇر .
مەنبە: شەبنەم تورى
0 comments