…قىزلار ئۇزاق مەزگىل بويتاق يۈرسە، تۆۋەندىكىدەك پىسخىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدۇ:1. روھىي بېسىمى ئارتىپ، ئاسانلا بىئارام بولۇش، ھەسرەت چېكىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بويتاق قىزلار تۇرمۇش بېسىمىغا دۇچ كەلگەندە، بولۇپمۇ كەسپىي رىقابەت كۈچلۈك بولغاچقا، كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن، ئادەتتىكى كىشلەردىن ئارتۇق ۋاقىت، زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىدۇ. ئەگەر بۇ ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشسا كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىپ، ئاسان بىئارام بولۇش، ھەسرەت چېكىش، تەشۋىشلىنىش، ئېغىر بولغاندا، باشقا بىنورمال ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن.2. تەنھا ياشاش، كىشىلەرگە ئارلاشماسلىق. بويتاق قىزلار ئۇرۇق-تۇققانلىرى، دوستلىرىنىڭ توي ئىشىنى سوراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ھېيت-بايرام، ئارام كۈنلىرىمۇ دوستلىرى بىلەن بىللە تاماق يېيىش ھەم سورۇنلارغا بېرىشتىن قاچىدىغان، يالغۇز يۈرۈشنى خالايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئۇزاق داۋاملاشسا، يالغۇزلۇق، كىشلەرگە ئارلاشماسلىقتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.3. ئاسانلا ئۆزىنى كەمسىتىش. كەسىپ ۋە مۇھەببەتتە ئۇتۇق قازىنىش قىزلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ماختىنىدىغان ئىشى. دوستلىرىنىڭ بەختىنى تاپقانلىقىنى كۆرگەن ھەر قانداق بىر قىز ئۆزىدىن گۇمانلىنىدىغان، ھېچقانداق بىر ئىش قولىدىن كەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.مەنبە : جۇڭگو رادىئو تورى شىنجاڭ تارماق تورى http://www.radioxj.com/n18348c27.aspx |
قىزلار ئۇزاق مەزگىل بويتاق يۈرسە
پىكىر بايان يوق
0 comments