قىزلارغا 100نەسىھەت

بىرىنچى نەسىھەت
ئەي قىزىم ، قىزلارنىڭ ئەڭ گۈزىلى ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئورالغىنىدۇر ، ھەقىقەتەنمۇ قىزلار قەلەم قاش، شەھلا كۆز ، ئۇزۇن چاچ، كېلىشكەن ، گۈزەل بولسىمۇ ، شەرمى – ھايالىق بولمىسا ، ئۇلارنى ھىچكىم گۈزەل دىمەيدۇ، ئىپپەتلىك قىز دىگەندە ، كۆز ئالدىمىزغا تەبىئىتى مۇلايىم ، ئەقىل – پاراسەتلىك ، ھايالىق، نومۇسچان، ئاتا- ئانىغا مىھرىبان، قېرىنداشلىرىغا كۆيۈمچان، چوڭ- كىچىكلەرگە ئېتىبارلىق قىز نامايەن بولىدۇ ۋە بۇنداقلار كۆزىمىزگە چىرايلىق، يېقىملىق كۆرۈنىدۇ ، ھايا كىشىلەرنى يامان يولدىن قايتۇرغۇچى ۋە ياخشىلىققا ئۈندىگۈچىدۇر. كىمنىڭ ھاياسى بولمىسا ، شۇنىڭ ئۇيىتى بولمايدۇ ۋە بارچە قەبىھ ئىشلارنى قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ .
ئىككىنچى نەسىھەت
  ئەي قىزىم ، ئىپپەت – ۋىجدانىي پاكلىق،نومۇس ، ھايا دىگەنلىكتۇر،قىزلارنىڭ تەبىئىتىگە خاس پاكىزلىق، ھايا ، نەپىسلىك،زىبالىق،ھۇشيارلىق كەبى پەزىلەتلەر ئۇلارنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن، لاتاپىتىگە لاتاپەت قوشىدۇ ، قىزنىڭ ھۆسنى – يېرىم بايلىق،ئەقلى بولسا ،خەزىنە .ئۇلۇغ ئالىم ئىبىن سىنا:‹‹ ئىنساندا مەڭگۈ تۇرىدىغان ھۆسىن ۋە لاتاپەت ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر ، ھاياسىز يۈز جانسىز جەسەت كەبىيدۇر ››دېگەن ئىدى ، دەر ھەقىقەت ئادەمنى ئۆزىگە تارتىدىغان، ئىسسىق كۆرسىتىدىغان نەرسە – كىشىنىڭ ھايا ۋە ئىپپىتىدۇر.ھايا ۋە ئىپپەتنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن قىز ھامانەم ھەقىقىي ئىنسانلىق خاراكتېرىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ .

مەنبە : ‹‹ قىزلارغا 100 نەسىھەت ››دىگەن كىتابتىن ئېلىندى

0 comments

پىكىر بايان يوق