(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
ھەممىمىزگە مەلۇم،ئائىلە جەمىيەتنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى.ئىناق ئائىلە قۇرۇشنىڭ ئاساسى ئەرلەر ئۈچۈن مىھرىبان ،كۈيۈمچان ۋاپادار ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىش بولسا ، بىز ئاياللار ئۈچۈن ۋىجدانلىق، ئىمانلىق، ئۆزىنى ۋە ئايالىنى قوغدىيالايدىغان ئەرلەرگە ياتلىق بولۇشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى لايىق تاللاش ئىنتايىن مۇھىم .بۇلۇپمۇ بىز ئىسلام ئوغۇل – قىزلىرى ئۆزىمىزگە لايىق تاللاشتا قاتتىق ئېھتىياتچان بۇلىشىمىز، بۇ ئىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم .چۈنكى ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىغا كىرىپ چىققىلى بولمىغانلىقتىن ئۇنىڭ چىن ماھىيىتىنى بىلگىلى بولمايدۇ.تاشقى قىياپىتىگە قاراپ ئىشەنگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ پاك،ۋاپادار چىداملىق بۇلۇپ چىقىشى ناتايىن .تاشقى كۆرىنىشىگە قاراپ ئىشەنگەن ئادەملەردىن كۆپىنچە ھاللاردا چاتاق چىقىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ھازىر جەمىيەتكە قارايدىغان بولساق،شۆھرەت قازىنىش كويىدا،يۈز-ئابروي،مال-دۇنيا ئارقىسىدىن قوغلىشىدىغانلار كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ،ھەتتا پۇل-مالنى دەپ مىھىر-مۇھەببەتسىز توي قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرىلىۋاتىدۇ.بۇنداق قىلمىش ئۇلۇغ ئىسلام دىنىمىز تەرپىدىن قاتتىق چەكلىنىدۇ.يۇقىرقى مەخسەتتە توي قىلغۇچىلارنىڭ بەخىتلىك بۇلالىشى مۇمكىن ئەمەس .بۇنداق قىلىش ھەقىقەتەن چوڭ ئەخمىقانىلىقتۇر.ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ياخشى لايىق تاللىغىلى بولىدۇ؟زادى قانداق كىشىلەرنى لايىق قىلىپ تاللىساق،دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەڭگۈ بەخىتلىك بولالايمىز؟بۇ ھەقتە پۇتكۈل مەخلۇقات ئاجىز كەلگەن ئىشلىرىدا ياردەم سورايدىغان،دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئىگىسى،ئاسمان -زىمىن ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرسىدىكى بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ياراتقان پەرۋەردىگارى،
شانۇ شەۋكەتلىك ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالايلى.بۇ ھەقتە ئاللاھتائالا «قۇرئان كەرىم»دە قانداق ئەرنىڭ قانداق ئايالغا ،قانداق ئايالنىڭ قانداق ئەرگە لايىق ئىكەنلىكىنى تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:«يامان ئەرلەر يامان ئاياللارغا لايىقتۇر،يامان ئاياللار يامان ئەرلەرگە لايىقتۇر،ياخشى ئەرلەر ياخشى ئاياللارغا لايىقتۇر،ياخشى ئاياللار ياخشى ئەرلەرگە لايىقتۇر….»(سۈرە نۇر 24-سۈرە ،26-ئايەت). «مۇناپىق ئەرلەر بىلەن مۇناپىق ئاياللار(مۇناپىقلىقتا ۋە ئىماندىن يىراق بۇلۇشتا)بىر -بىرىگە ئوخشايدۇ.» (سۈرە تەۋبە 9-سۈرە 67-ئايەت) «مۆئمىن ئەرلەر بىلەن مۆئمىن ئاياللار بىر بىرى بىلەن دوستتۇر (سۈرە تەۋبە 9-سۈرە 71-ئايەت)
يۇقىرقى ئايەتلەردىن روشەنكى ،ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۆز خىلى بۇلۇپ ، ھەممە نەرسە ئۆز خىلىغا مۇناسىپ.شۇڭا ئىنسانمۇ ئۆزىگە مۇناسىپ لايىق تاللىشى كېرەك.كىمكى بۇ قانۇنىيەتتىن چەتنەپ كىتىدىكەن،ئۇ ھەرگىزمۇ بەخىتلىك بولالمايدۇ.
قىز – يىگىتلەرگە مەسلىھەت 2
پىكىر بايان يوق
0 comments