بىر ئېشەك تۇيۇقسىز تاشلاندۇق قۇدۇق ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ ، ئېشەكنىڭ ئىگىسى ئۇنى قۇتقۇزۇپ چىقىش ئاۋارىچىلىق دەپ ئېشەكنى تاشلاپ كېتىپ قاپتۇ . ئېشەك ئۆزىگە : مەن ئۆلسەممۇ ياخشىراق جايدا ئۆلسەم بولاتتى دەپتۇ .
ھەر كۈنى كىشىلەر كېلىپ بۇ تاشلاندۇق قۇدۇققا ئەخلەت تاشلايدىكەن . ئېشەك ئۆزىنى ناھايىتى بىچارە ھېس قىلىپتۇ . ئۆزىنىڭ شۇم پىشانىلىكىدىن قاتتىق ئازاپلىنىپتۇ .
لېكىن نەچچە كۈندىن كېيىنلا ئىشەككە تۇيۇقسىز ئەقىل كىرىپتۇ . ئۇ كۈندە كىشىلەر تاشلىغان ئەخلەتلەرنى دەسسەپ چىڭداپتۇ ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ، ئېشەكنىڭ قۇدۇق ئىچىدىكى ئورنى بارغانسېرى ئىگىزلەپ ، ئېشەك ئەڭ ئاخىرى قۇدۇقتىن چىقىپ كېتىپتۇ .
كىشىلىك ھاياتمۇ شۇنداق ، سىز ھەرگىز ئۆزىڭىزنىڭ نامرات بولۇشىڭىز ياكى چىرايىڭىزنىڭ سەت بولۇشىدىن ، ئاتا – ئانىڭىزنىڭ يوق ، مۇئاشىڭىزنىڭ تۆۋەن ، تۇرمۇش بېسىمىڭىزنىڭ يۇقىرىلىقىدىن ئاغرىنىپ يۈرمەڭ . سىزمۇ تۇرمۇشتا يولۇققان خىلمۇ – خىل قىيىنچىلىقلارنى << دەسسەپ >> ، ئۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشىڭىز ، ھەرگىزمۇ بەل قويۇۋەتمەسلىكىڭىز لازىم .
مەنبە: تەڭرىتاغ مۇنبىرى.
قۇدۇق ئىچىدىكى ئېشەك
پىكىر بايان يوق
0 comments