پەيغەمبەر ئەلەيھسالامغا كەلگەن ۋەھىينىڭ باشلىنىشى توغىرسىدا


مۆئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھارىس ئىبنى ھىشام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلدۇكى،ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامدىن:ئى رەسۇلۇللاھ،ساڭا ۋەھىي قايسى رەۋىشتە كىلىدۇ؟دەپ سورىدى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۇنىڭغا جاۋابەن:ۋەھىي ماڭا گايىدا قوڭغۇراق ئاۋازىدەك جاراڭلىق كىلىدۇ،بۇ خىلى ماڭا ئەڭ قىيىن تۇيۇلىدۇ،پەرىشتە مەندىن ئايرىلدۇ-دە،ئۇنىڭ ئىيتقانلىرىنى ئىسىمگە ئىلىۋالىمەن،گايىدا پەرىشتە ماڭا ئىنسان سۈرىتىدە بولۇپ سۆزلەيدۇ،ئۇنىڭ ئىيتقانلىرىنى ئىسىمگە ئىلىۋالىمەن،دىدى.ئائىشە مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا قاتتىق سوغۇق كۈنلەردە ۋەھىي كىلىپ،پەرىشتە ئۇنىڭدىن ئايرىلغاندا،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ پىشانىسىدىن چىپىلداپ تەر ئىقىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم.(1)
ئائىشە يەنە مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا كىلىدىغان ۋەھىي دەسلىپىدە راسىت چۈشلاردىن باشلانغان،ئۇنىڭ كۆرگەن چۈشلىرى تاڭ نۇرىدەك روشەن ئىدى.كىيىن ئۇ يالغۇزلۇقنى ياقتۇرۇپ قالدى،ئۇ ھىرا غارىدا ئۆيگە قايتماي قانچىلىغان كىچىلەر يالغۇز ئىستىقامەت قىلاتتى،ئىستىقامەتكە چىققاندا ئوزۇقلۇق ئىلىۋالاتتى.ئىستىقامەتتىن بوشىغاندا خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يىنىغا قايتىپ كىلىپ،ئىككىنجى قىتىم چىقىش ئۈچۈن تەييارلىناتتى.بۇ ئىش ھىرا غارىدا ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك ۋەھىي كەلگەنگە قەدەر داۋام قىلدى،پەيغەمبەر ئەلەيھئىسالامنىڭ ھوزۇرىغا پەرىشتە كىلىپ:ئوقۇ،دىدى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:ئوقۇشنى ئۇقمايمەن،دىدى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دەيدۇ:پەرىشتە مىنى تۇتۇپ قاتتىق سىقىپ قويىۋىتىپ،ئوقۇ،دىدى.مەن،ئوقۇشنى ئۇقمايمەن،دىدىم.مىنى ئىككىنجى قىتىم تۇتۇپ قاتتىق سىقىپ قويىۋىتىپ،ئوقۇ ،دىدى.مەن،ئوقۇشنى ئۇقمايمەن،دىدىم.مىنى ئۈچىنجى قىتىم يەنە تۇتۇپ سىقىپ قويىۋەتكەندىن كىيىن:”ئىنساننى ئۇيۇل قاندىن ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ،ئوقۇغىن رەببىڭنىڭ كەرەمى كەڭدۇر” دىدى.(سۈرە ئەلەق،1-،2-،3-ئايەتلەر.-ت)پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام پەرىشتە بىلەن تۇنجى قىتىم ئۇچراشقاندا پەيدا بولغان قورقۇنچ بىلەن خۇۋەيلىدنىڭ قىزى خەدىچە (مۆئمىنلەرنىڭ ئانىسى) نىڭ يىنىغا قايتىپ كىلىپ،قورقۇنچىسنى بىسىش ئۈچۈن،مىنى يۆگەپ قويۇڭلار،يۆگەپ قويۇڭلار،دىدى.ئۇ قورقۇنچىسى تۈگىگىچە تۈگىگىچە يۆگەپ قويۇلدى،ئۇ ئخەدىچىگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ،ئۆزۈم توغىرسىدا قورقۇپ قالدىم،دىدى.خەدىچە:ئۇنداق ئەمەس،ئەزبىرايى خۇدا،ئاللاھ سىنى ھەرگىز رەسۋا قىلمايدۇ،چۈنكى سەن خىش-ئەقرىبالارغا شەپقەت قىلىسەن،ئاجىز،بىچارىلەرگە ياردەم قىلىسەن،يوقسۇللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسەن،مىھمانلارنى ياخشى كۈتىۋالىسەن،بىشىغا كۈن چۈشكەنلەرگە ياردەم قىلىسەن،دىدى.شۇنىڭ بىلەن خەدىچە ئۇنى تاغىسىنىڭ ئوغلى ۋەرەقە ئىبنى نەۋفەل ئىبنى ئەسەد ئىبنى ئابدۇلززانىڭ ئالدىغا ئىلىپ كەلدى.ۋەرەقە جاھالىيەت دەۋىرىدە (ئىسلام دىنى بارلىققا كىلىشتىن بۇرۇنقى دەۋىر.-ت)خىرىستىئان دىنىغا كىرگەن ئىدى،ئىبرانى يىزىقىنى بىلەتتى،ئىبرانى يىزىق بىلەن ئىنجىلدىن كۆپ نەرسىلەرنى يازاتتى،ئۇ ياشانغان،كۆزى ئەما بولۇپ قالغان بوۋاي ئىدى.خەدىچە ۋەرەقەگە:ئى تاغامنىڭ ئوغلى،قىرىندىشىڭنىڭ(2) ئوغلىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سال،دىدى.ۋەرەقە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامدىن:ئى قىرىندىشىمنىڭ ئوغلى،نىمە بولدۇڭ؟دەپ سورىدى.رەسۇلۇللاھ كۆرگەنلىرىنى ئۇنىڭغا ئىيتىپ بەردى.ۋەرەقە ئۇنىڭغا:ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسالامغا چۈشۈرگەن شەرت مۇشۇ،ئىسىت،مەن سىنىڭ دىنغا دەۋئەت قىلغان ۋاقىتلىرىڭدا ياش يىگىت بولسامچۇ،ئىسىت،مەن خەلقىڭنىڭ سىنى يۇرتۇڭدىن ھەيدەپ چىقارغان ۋاقتىدا ھايات بولسامچۇ،دىدى.رەسۇلۇللاھ ئەجەبلىنىپ:خەلقىم مىنى يۇرتۇمدىن ھەيدەپ چىقىرارمۇ؟دىدى.ۋەرەقە:ھەئە،ھەيدەپ چىقىرىدۇ،پەيغەمبەر بولغان ئادەم دۈشمەنلىك بولىدۇ،سىنىڭ دىنغا دەۋەت قىلغان چاغلىرىڭدا ھايات بولغان بولسام،ساڭا يىقىندىن ياردەم قىلاتتىم،دىدى.ئۇزاق ئۆتمەي ۋەرەقە ۋاپات بولۇپ كەتتى،ۋەھىي ئۈزۈلۈپ قالدى.
(1)بۇ ئەھۋال بىرىنجىدىن،ۋەھىي نازىل بولىۋاتقاندا قاتتىق چارچاش ھىس قىلغانلىقتىن بولاتتى،چۈنكى ۋەھىي ئىنساننىڭ تەبىيتىگە تاسادىپىي تۇيۇلىدىغان ئىش:ئىككىنچىدىن،پەيغەمبەرلىك يۈكىنى كۆتىرەلەيدىغان قىلىپ چىنىقتۇرۇش يۈزسىدىن،پەيغەمبەرلىك چىداملىغىنى سىناش ئۈچۈن ئىدى.
(2) ۋەرەقەنىڭ 3-بوۋىسى رەسۇلۇللاھنىڭ 4-بوۋىسىنىڭ قىرىندىشى ئىدى.
مەنبە:سەھىھۇل بۇخارا جەۋھەرلىرى

0 comments

پىكىر بايان يوق