مەنبەسى: دىن ۋە ھايات
سۇئال : ئەر كىشىنىڭ ئايالىغا ئۆتەشكە تىگىشلىك بۇرچى قايسىلار؟جاۋاپ : ئەر كىشىنىڭ ئايالىغا ئۆتەشكە تىگىشلىك بۇرچى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ :(1) ئەرنىڭ ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى ، ئۇنىڭغا ئازار بەرمەسلىكى ، ئۇنى ئاسرىشى ، پۈتۈن مۇھەببىتى ۋە سۆيگۈسىنى ئۇنىڭغا بىغىشلىغان ھالدا ، ئۇنىڭغا ھەر ئىشتا مىھرىبانلىق كۆرسىتىشى .(2) ئايالىنىڭ بەزى خاتالىقلىرىغا بولۇپمۇ ئايالىنىڭ مىجەزى ئۆزگىرىپ قالغان چاغلاردىكى بەزى يىقىمسىز مۇئامىلىسىگە سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى ، خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىشى ، دەردىنى ئاڭلاپ ھالىغا يېتىشى .(3) ئايالىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشى ، ئايالىغا بولغان سۆيگۈسىنى ھەر ۋاقىت ئىزھار قىلىپ تۇرۇشى .(4) ئايالىنى باشقىلارنىڭ يامان نىيەتلىك كۆزلىرىدىن ۋە تەمەلىرىدىن مۇھاپىزەت قىلىشتا غورورلۇق بولىشى . ئايالىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ ، ئۇنى قەدىرلىشى ، ئائىلىنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بىرىشىدىن غەپلەتتە قالماسلىقى . لىكىن ئايالىنى كۈللىدىم دەپ ، ئۇنىڭ ئاقىدىن جاسۇسلۇق قىلماسلىقى ، بەدنىيەتلىك بىلەن ئايالىنى ئاساسسىز قارىلىماسلىقى لازىم . چۈنكى ئاللا تائالا قۇرئان كەرىمدە كىشىلەرنى يامان گۇمان قىلىشتىن مەنئىي قىلغان .(5) ئايالىنى ئىمكان قەدەر ئاتا – ئانىلاردىن ئايرىم ئۆيدە تۇرغۇزىشى ، ئۆينىڭ پۈتۈن ئىھتىياجلىق نەرسىلىرىنى ھازىرلاپ بېرىشى ، ئايالىغا قېيىن ئاتا – قېيىن ئانىسىنىڭ پۈتۈن يۈكلىرىنى يۈكلىۋالماسلىقى .(6) ئايالىنىڭ بىرىشكە تىگىشلىك مەھرىنى ۋە باشقا ھەقلىرىنىمۇ تولۇق ئادا قىلىشى.(7)ئايالىغا دىننىڭ ئەھكاملىرىنى ئۆگىتىشى _ ناماز ، روزا ، زىكىر، دۇئاۋە قۇرئان ئوقۇش قاتارلىق پۈتۈن ئىبادەتلەرنى ئۆگىتىشى ھەم ۋاقتىدا ئورۇنلىشىغا ئۈندىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىشى .(8) ئايالى ئۇنىڭغا يامانلىق قىلغان تەقدىردىمۇ ، ئۇنى ئۇرماستىن نەسىھەت قىلىپ يولغا كىرگۈزىشى ، ئىمكان قەدەر ئايلىنى ئۇرماسلىقى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام(س ئە ۋ ) :” سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللىرىنى ئۇرمايدىغانلاردۇر.”(ئىبنى ماجە رىۋايىتى) دەپ كۆرسەتكەن. ئايال ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى چارە ۋە قاتتىق جازا ۋاقىتلىق ئۇنىڭغا يىقىنچىلىق قىلماسلىقتۇر .(9) ئايالى ناۋادا تۇغۇشنى ئارزۇ قىلسا ياكى يامان غەرەز بىلەن ئەمەس بەلكى يوللۇق ئۆزرىسى تۈپەيلى تۇغماسلىقنى تاللىسا ، ئۇنى تۇغۇشقا زورلىماستىن ، ئۆز ئارا كىڭىشىش بىلەن ئىش كۆرۈشى.(10) ئايالىنى ياكى ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسىنى ياكى ئۇرۇق تۇققانلىرىنى تۆۋەن كۆرمەسلىكى ، ھاقارەتلىمەسلىكى ، مەسخىرە قىلماسلىقى .(11) ئايالىغا بالىلارنى بېقىش ، تاماق ئېتىش ، كىر يۇيۇش قاتارلىق ئۆي ئىشلىرىدا ياردەملىشىشى . چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئاياللىرىغا ئۆي ئىشلىرىدا ياردەملىشەتتى .(12) بىردىن ئارتۇق ئايالى بولسا ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پۈتۈن ئىشلاردا ئادالەتلىك ئىش كۆرۈشى .(13) ئايالى بىلەن ئاجرىشىشقا توغرا كەلسە، ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمەستىن، ئازار بەرمەستىن ، ئەيىبىنى ئاچماستىن چىرايلىقچە ئاجرىشىشى ، ئىلگىرى بەرگەنلىرىنى ۋە تويلۇقىنى قايتۇرۇپ ئېلىشنى تەلەپ قىلماسلىقى .
يۇقىرىقىلار ئەر كىشىنىڭ ئۈستىدىكى ئايالىغا ئۆتەشكە تىگىشلىك بولغان ھەقلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەس ، بەلكى مۇھىملىرىدىن بىر قىسمىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەججىدە نۇتۇق سۆزلىگەن خۇتبىسىدا مۇسۇلمان ئەرلەرگە ئاياللارنى ئاسراش توغۇرلۇق ناھايىتى مۇھىم ۋە تەسىرلىك ۋەسىيەتلەنى قىلغان .مەنبەسى : دىن ۋە ھايات
مۇسۇلمان ئەرنىڭ ئايالىغا ئۆتەشكە تىگىشلىك مەجبۇرىيىتى
پىكىر بايان يوق
0 comments