پەيلاسوپ: بالام،نېمىشقا بىئارام بولۋاتىسەن؟
بىئارام بولغۇچى: مەن مۇھەببىتىمدىن ئايرلدىم
پەيلاسوپ: شۇنداقمۇ،بۇ نورمال ئىش.ئەگەر مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ تۇرۇقلۇق بىئارام بولمىسا،مۇھەببەت دېگەننىڭمۇ ھېچقاندان لەززىتى بولمايدۇ.لېكىن بالام،بۇ سېنىڭ ھازىرقى مەيۈسلىنىشىڭ،ئەينى ۋاقىتتىكى مۇھەببەتلەشكىنىڭدىنمۇ بەك ئىچىگە كىرىپ كېتىپسەنغۇ؟
بىئارام بولغۇچى:قولغا چۈشكەن كەپتەر ئۇچۇپ كەتتى،بۇ خىل پۇشايمانلىق بۇ خىل بىراملىقنى ،سىزباشتىن كەچۈرمىگەچكە بىلمەيسىز…..
پەيلاسوپ: ئۇچۇپ كەتسە كەتمەمدۇ،نېمىشقا يەنە داۋاملىق ئالدىڭغا قاراپ ماڭمايسەن،نۇرغۇنلىغان ياخشى كەپتەرلەر تېخى بارغۇ…
بىئارام بولغۇچى:ساقلايمەن،تاكى قېرىپ ئۆلگۈچە ،ئۇنىڭ قايتىدىن يېنىمغا قايتىپ كېلىشىنى ساقلايمەن!
پەيلاسوپ:بەلكىم بۇكۈنلەر كەلمەسلىكى مۇمكىن .نەتىجىدە سەن ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن ماڭغانلىقىنى كۆرۈسەن
بىئارام بولغۇچى:ئۇنداق بولۇپ قالسا،مەن ئۆلۈۋىلىش ئارقلىق ئۆزەمنىڭ مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيمەن
پەيلاسوپ:ئەگەربۇنداق بولۇپ قالسا ،سەن ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭدىن ئەمەس،ئۆزەڭنىمۇ ئۇتتۇرۋىتىسەن
بىئارام بولغۇچى:ئۇنى ئۆلتۈرۋەتسەمچۇ؟مەن ئېرىشەلمىگەننى باشقىلار ئېرىشىمەن دەپ خام-خىيال قىلمىسۇن.
پەيلاسوپ:بۇنداق قىلساڭ ئۇنى سەن ئۆزەڭدىن مەڭگۈ يېراقلاشتۇرۋىتسەن،سەن ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشنى ئويلايدىغان تۇرساڭ!
بىئارام بولغۇچى:ئۇنداق بولسا قانداق قىلىمەن،مەن ئۇنى جېنىمدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغان تۇرسام
پەيلاسوپ:شۇنداق بەك ياخشى كۆرەمسەن ؟
بىئارام بولغۇچى:شۇنداق!
پەيلاسوپ:ئۇنداقتا سەن ئۇنى بەخىتلىك بولسۇن دەمسەن ؟
بىئارام بولغۇچى:ئەلۋەتتە
پەيلاسوپ:ئەگەر ئۇ سەندىن ئايرىلىشنى بىر بەخىت دەپ بىلسىچۇ؟
بىئارام بولغۇچى:ئۇنداق بولمايدۇ،بۇرۇن ئۇ ماڭا :سىز بىلەن بىللە بولساملا مەڭگۈ بەخىتلىك بولىمەن…..دىگەن!
پەيلاسوپ:ئۇ دىگەن بۇرۇن_ئۆتمۈش،ئۇ ھازىر بۇنداق قارىمايدۇ
بىئارام بولغۇچى:ئۇنداقتا،ئۇمېنى ئالداپ كەلگەنما؟
پەيلاسوپ:ياق،ئۇ ئەزەلدىن راستچىل! سېنى ياخشى كۆرىدىغان ۋاقىتتا سەن بىلەن بىللە ئىدى.ھازىر ياخشى كۆرمەيدۇ ،شۇڭا سەندىن يىراق تۇردى.ئەگەر سېنى ياخشى كۆرمەي،سېنى يالغاندىن ياخشى كۆرگەن بولۇپ ھەتتا سەن بىلەن توي قىلىپ بالىلىق بولسا ،بىز ماۋۇنى ئالدامچىلىق دەيمىز!
بىئارام بولغۇچى:لېكىن مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم بىكار بولامدا؟ماڭا كىم قايتۇرۇپ بېرىدۇ بۇلارنى؟
پەيلاسوپ:ئۇنداق دېمە سېنىڭ مۇھببىتىڭ ئەزەلدىن بىكار بولغىنى يوق .چۈنكى سەن مۇھەببەت ئۈچۈن قۇربانلىق بەرگەندە ئۇمۇ بەرگەن .سەن ئۇنىڭغا خوشللىق ئاتا قىلغان ۋاقتىڭدا ئۇمۇ ساڭا خوشاللىق بەرگەن .
بىئارام بولغۇچى:بىراق ھازىرئۇمېنى ياخشى كۆرمەيدۇ ،مەن بولسام ساراڭلارچە ياخشى كۆرىمەن
بۇ نېمىدىگەن ئادالەتسىزلىك….!
پەيلاسوپ:توغرا،ئادالەتسىزلىك.لىكىن ساڭا ئەمەس ئۇنىڭغا .ئەسلىدە ئۇنى ياخشى كۆرۈش بۇسېنىڭ ھوقوقۇڭ،ئۇنىڭ سېنى ياخشى كۆرۈش كۆرمەسلىگى ئۇنىڭ ھوقوقى.لېكىن سەن ھازىر ئۆزەڭنىڭ تاللىشىنى ئۇنىڭغىمۇ تاڭماقچى …….مانا بىز ماۋۇنى ئادالەتسىزلىك دەيمىز!
بىئارام بولغۇچى:قىزىقكەنسىزغۇ-سىز،ھازىر ئازاپلىنۋاتقىنى مەن،ئۇئەمەس،مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازاپ چېكىۋاتىمەن .
پەيلاسوپ: ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازاپ چېكىۋاتىمەن؟ ئۆزەڭ ئۈچۈن ئازاپ چېكىۋتىمەن دېسەڭ بولمامدۇ ،ۆزى ئۈچۈن تۇرۇقلۇق يەنە باشقىلارغا ئارتىپ قويۇش بۇ ئەخلاقى مەسىلە!
بىئارام بولغۇچى:سىزنىڭچە بولغاندا بۇنىڭ ھەممىسىنى ئۆزەم كەلتۈرۈپ چىقارغانما؟
پەيلاسوپ:شۇنداق،دەسلىپىدىنلا ئۆزەڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان خاتالىق بۇ….!ئەگەر سەن ئۇنىڭغا ھەققىي بەخىت ئەپ كېلەلىسەڭ،ئۇ سېنىڭ تۇرمۇشىڭىدىن ھەرگىزمۇ كەتمىگەن بولاتتى.بېلىپ قوي ،دۇنيادا ھېچكىم بەخىتتىن ئۆزىنى ئەپ قاچمايدۇ.
بىئارام بولغۇچى:ئۇماڭا ئازىراق پۇرسەتمۇ بەرمىگەن تۇرسا؟بۇ بەك ئەبلەخلىك بولۇپ كەتتىمۇ قانداق؟
پەيلاسوپ:ئەبلەخلىك ئېكەن .ياخشى يېرى سەن بۇ ئەبلەختىن قۇتۇلدىڭ،بۇنىڭدىن خوشال بولىشىڭ كېرەك.
بىئارام بولغۇچى:خوشال بول؟بۇ مۇمكىنمۇ؟نېمىلا دىمىگەن بىلەن مەن باشقىلار تەرىپىدىن تاشلىۋىتلدىم،بۇ بىر خىل ئادەمنى مەيۈسلەندىرۋىتىدىغان ھېسىيات!
پەيلاسوپ:ئۇنداق دېمە بالام.ياشلاردا پەقەت ئۆزىدىن پەخىرلىنىش تۇيغىسى بولىشى كېرەك ،ھەرگىزمۇ مەيۈسلەنسەڭ بولمايدۇ.ئېسىڭدە بولسۇن ،تاشلىۋىتىش چوقۇم ياخشى ئەمەس دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.
بىئارام بولغۇچى:نېمىشقا بۇنداق دەيسىز؟
پەيلاسوپ:مەن بىر قېتىم دۇكاندا شۇنداق ئېسىل بىر كاستۇمنى كۆرۈپ قالدىم،كىيسەم مەن ئۈچۈن تىككەندىكلا ياراشتى.پىركازچىك كېلىپ ئالامسىز دىگەنددە مەن نېمە دېدىم دە…
رەختى ياخشى ئەمەسكەن ئالمايمەن…! ئەسلىدى يېنىمدا پۇل يوق ئىدى.سەن بەلكىم مۇشۇ ئالماي چكەتكەن كاستۇم بولىشىڭ مۇمكىن.
بىئارام بولغۇچى:ئادەمگە تەسسەللى بېرىشقا ئۇستىكەنسىز،لېكىن مېنى يەنىلا ئايرلىپ كېتىش قايغۇسىدىن ئېلىپ چىقالمايسىز .
پەيلاسوپ:شۇنداق ئۆزەمنىڭ بۇندەق قۇدرىتى يوقلىقىدىن ئەپسۇسلىنىمەن،لېكىن مەن ساڭا بىردوستىمنى دەپ بېرەي ئۇنىڭ بۇ قۇدرىتى بار.
بىئارام بولغۇچى:كىمۇ؟
پەيلاسوپ:ۋاقىت،ۋاقىت ئىنسانلارنىڭ يول باشلۇغۇچىسى،مەن نۇرغىنلىغان ئادەملەرنىڭ مۇھەببەت سەۋەبىدىن ئۆلۈش گىردابىدىن قۇتۇلۇپ چىققانلىقىنى كۆرگەن.ۋاقىت يۈرەكتىكى زەردىنى ئەسلىگە كەلتۈردىغان ئەڭ ياخشى نەرسە .ۋاقىت ئارقىلىق كۆپلىگىن ئادەم ئۆزىنىڭ ھەققىي ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ ھەققي بەختىنى تاپقان
بىئارام بولغۇچى:مېنىڭمۇ شۇنداق كۈنلىرىم كېلىپ قالار. نەدىن باشلىشىمنى بىلمەيۋاتىمەن؟
پەيلاسوپ:سېنى تاشلىۋەتكەن شۇنىڭغا رەھمەت ئېيت ،ئۇنىڭغا بەخت تىلە…..!
بىئارام بولغۇچى:نېمىشقا؟
پەيلاسوپ:چۈنكى ئۇساڭا سادەقەتلىك ھەمدە يىڭى بىر بەخت تېپىۋىلىش پۇرسىتىنى بەرگەن….!
مۇھەببەتتىن مەھرۇم بولغانلارغا ئەڭ كېرەكلىك بولغان سۆزلەر
پىكىر بايان يوق
0 comments