بۇرۇن بىر ئارالدا خوشاللىق،ھەسرەت،بىلىم،مۇھاببەت ۋە ھەر خىل ھىسسىياتلار بىرگە تۇردىكەن. بىر كۈنى ھىسسىياتلار ئارالنىڭ چۆكۈپ كېتىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ،كۆپچىلىك بىر كېمە تەييارلاپ ئارالدىن كەتمەكچى بوپتۇ.پەقەت مۇھاببەتلا بۇ ئارالدا ئاخىرقى دەقىقىغىچە تۇرۇش نىيىتىگە كەپتۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئارال راستىنلا چۆكۈشكە باشلاپتۇ،مۇھاببەت باشقىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلماقچى بوپتۇ. بۇ چاغدا،بايلىق بىر چوڭ كېمىنى ھەيدەپ بۇ يەردىن ئۆتۈپتۇ. __بايلىق،مېنى ئېلىۋالامسەن؟__دەپتۇ مۇھاببەت. __ياق،كېمەمدە نۇرغۇن ئالتۇن-كۆمۈش بار،ساڭا ئورۇن يوق،__دەپتۇ بايلىق. مۇھاببەت شۆھرەتپەرەسنىڭ چىرايلىق بىر قولۋاقتا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا دەپتۇ: __شۆھرەتپەرەس،ماڭا ياردەم قىلغىن! __ساڭا ياردەم قىلالمايمەن،ئۈستى بېشىڭ چىلىق-چىلىق سۇ بولۇپ كېتىپتۇ،بۇ قولۋىقىمنى پاسكىنا قىلۋېتىسەن. ھەسرەت يېتىپ كەپتۇ،مۇھاببەت ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىپتۇ: __ھەسرەت،مېنى ئېلىپ كەتكىنە! __ھەي….مۇھاببەت،ھازىر كۆڭلۈم بەك يېرىم،بىر دەم يالغۇز تۇراي دەيمەن،__دەپتۇ ھەسرەت. خوشاللىق مۇھاببەتنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپتۇ،ئەمما ئۇ بەك خوشال بولغاچقا ،مۇھاببەتنىڭ ئۆزىنى چاقىرغىنىنى ئاڭلىماپتۇ. تۇيۇقسىز بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ: __بۇ ياققا كەل ،مۇھاببەت!مەن سېنى ئېلىپ كېتەي. بۇ بىر مويسىپىت ئىكەن.مۇھاببەت زىيادە خوشال بولۇپ كەتكەچكە ،ئۇنىڭ ئىسمىنى سوراشنىمۇ ئۇنتۇپتۇ.قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن مويسىپىت ئۆزى يالغۇز كېتىپ قاپتۇ. مۇھاببەت مويسىپىتتىن چەكسىز مىننەتدار بولۇپيەنە بىر مويسىپىت__بىلىمدىن سوراپتۇ؛ __ماڭا ياردەم قىلغان ئاۋۇ ئادەم كىم؟ __ۋاقىت __دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ بىلىم بوۋاي. ___ۋاقىت؟___سوراپتۇ مۇھاببەت،ۋاقىت ماڭا نىمىشقا ياردەم قىلىدۇ؟ ___پەقەت ۋاقىتلا مۇھاببەتنىڭ بۈيۈكلىكىنى چۈشىنىدۇ__دەپتۇ بىلىم بوۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ. مەنبە:تەرمىلەر.2000-يىلى 11-سان |
مۇھەببەت بىلەن ۋاقىتنىڭ ھىكايىسى
پىكىر بايان يوق
0 comments