| يېقىندا بىرقانچە دوستۇم بىلەن بىر ئولتۇرۇشتا بىللە بولۇپ قالدىم، بىر چاغدا سۆز تېمىمىز مۇھەببەت ۋە نىكاھ مەسلىلىرىگە كېلىپ توختىدى. _ھازىر جەمئىيتىمىزدىكى قىسمەن قىزلار ۋاپاسىز ھەم ھاياسىز بولۇپ كەتتى، ئۇلار مۇھەببەت ۋە نىكاھنى ئويۇن قاتارىدا كۆرىدۇ، ئۇ ئايدا بىر يىگىت بىلەن يۈرسە، بۇ ئايدا يەنە بىر يىگىت بىلەن يۈرىدۇ، ئۇلار تەپ تارىتماستىن ئاممىۋى سورۇن، ئاپتوبۇس ھەم كوچا-كويلاردا يىگىتلىرىگە ئېسىلىپ، ئۆرۈپ-ئادىتىمىزگە مۇخالىپ قىلىقلارنى چىقىرىدۇ. ئەسلىدە چۇڭقۇر دەريا تىنىچ ئاقاتتى، ھەقىقى مۇھەببەت داۋراڭسىز بولاتتى، ھازىرقى ھەددىدىن زىيادە غەرىپلەشكەن مۇھەببەت قارىشى قىزلىرىمىزدىكى نازاكەت ۋە شەرىم-ھايانى سۇسلاشتۇرىۋاتىدۇ، ئۇلار مۇھەببەتنى ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋىتىش، دەپ چۈشىنىپ قالغان بولسا كېرەك. ھاياسىز قىزلار قانداقمۇ مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ئانىلىرىدىن بولالىسۇن؟-دەپ قارشىنى ئوتتۇرغا قويدى بىر دوستۇم. يەنە بىر دوستۇم ئارقىدىنلا: _ھازىر جەمئىيتىمىزدىكى قىسمەن يىگىتلەرنىڭ قىزلارغا بولغان مەسئۇليەت ئېڭى تۆۋەنلەپ كەتتى، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قىزلار مىللەتنىڭ ئانىسى بولماستىن، ئەكسىچە كۆڭۈل ئېچىش قۇرالى. بەزى يىگىتلەر ئۆزىگە لايىق تاللىغاندا شەرم-ھايالىق، ئەخلاقلىق ۋە ۋاپالىقنى تاللىماستىن، قىزنىڭ ھەر خىل ماددىي شارائىتلىرىنى ئويلۇشۇپ تاللاۋاتىدۇ. بەزى يىگىتلەرنىڭ قويۇۋالغان چاچ پاسونى ياكى كىيىۋالغان كىيىمىنى كۆرسە ئادەمنىڭ غىدىقى كېلىدۇ. زىيادە ھاراق-تاماكا، ئويۇن-تاماشا ياكى كەيىپ-ساپاغا بېرىلىپكەتكەن يىگىتلەر ئارسىدا لايىقىنىمۇ ئۆزى كەچكەن كېچىككە كەچتۈرمەكچى بولدىغانلار، ھەتتا كەچتۈرۈپ بولغانلىرى بار. قىزلارغا كۆيۈنمىگەنلىك كەلگۈسىگە كۆيۈنمىگەنلىكتۇر. يىگىتلىرىمىزنىڭ قەلبىدىن مەسئۇليەت، قىزلىرىمىزنىڭ قەلبىدىن ھايا كۆتۈرۈلۈپ كەتسە، جەمئىيتىمىزنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىدىن سۆز ئاچماق قىيىنغا توختىشى مۈمكىن،_دېدى. _دەۋىر تەرەققىي قىلغانسېرى ئەتراپىمىزدىكى قىز-ئوغۇللار مۇناسىۋىتى بارغانسېرى مۇرەككەپلەشتى. كىشلەر قىزلارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرى ئېچىلىپ تۇرىدىغان كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشنى بۇرۇنقىدەك بەك يامان كۆرمەيدىغان، يىگىتلەرنىڭ غىتمەكلەرچە كىيىنۋېلىشىنى كۆرسىمۇ پەرۋا قىلمايدىغان بولۇۋالدى. ھازىر قىسمەن قىز-ئوغۇللارنىڭ مۇھەببەت ۋە نىكاھ قارىشىغا ئادەمنىڭ ئەقلى ھەيران قالىدۇ. پات-پات ئوتتۇرا مەكتەپ فورمىسى كىيۋالغان 16-17 ياشلاردىكى قىز-ئوغۇلللارنىڭ كوچا-كويلاردا بىر-بىرىگە چاپلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ماڭغانلىقىنى، ھەتتا بىر-بىرنى ھاپاش قىلىشىپ مېڭىشلىرىنى ئۇچۇرتىمەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قولىدا داڭلىق ماركىلىق يانفۇنلار بار، ئاڭلىسام ھازىر ئوتتۇرا مەكتەپلەردە يانفۇن قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق بىر-بىرىگە مۇھەببەت ئىزھار قىىلىش مودىغا ئايلىنىپتىمىش، مۇشۇ سەۋەپتىن بەزى ئوقۇغۇچىلار يانفۇن خۇمارلىقى كېسىلىگە گىرىپتار بوپتۇ. قىز-ئوغۇللار ئارسىدىكى پەردىشەپ مۇشۇ تەرىقىدە بۇزۇلغىلى تۇرسا، ئۇلارنىڭ گۈزەل ئىستىقبالى ۋە پارلاق كېلەچىكىدىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولار؟_دېدى ئۈچىنچى دوستۇم. دوسلىرىمنىڭ مۇنازىرسىنى ئاڭلاپ ئويلۇنۇپ قالدىم. ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن تۆۋەندىكى قۇرلارنى خاتىرەمگە پۈكتۈم: مۇھەببەت ھايا بىلەن مۇھەببەتتۇر. ئەگەر ئىككى ياشنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتە ھايا بولمىسا، ئۇ مۇھەببەت ئەمەس، ھايۋانىي قىلىقتۇر.مۇنداقچە ئېيىتقاندا، ئارىدا ئەدەپ-ئەخلاق ۋە پەردىشەپ بولمىغان مۇھەببەت ئادىمىي ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدىكى شەھۋانىي ئىنتىلىشتۇر. مۇھەببەت ئىككى ساپ قەلىبنىڭ قوشۇلۇشىدىن بەرپا بولىدۇ. دەل مۇشۇ خىل ساپ مۇھەببەتلا مەجبۇرىيەت، ئەخلاق ۋە ئەقىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇھەببەتنى كۆڭۈل خۇمارىنى چىقىرىش، دەپ چۈشەنمەستىن، ئۇلۇغ مەقسەتلەر يولىدا بىر-بىرىگە ھەمنەپەس بولۇش دەپ چۈشىنىش لازىم. يىگىتلەر ئۈچۈن قىزلار ھەرگىزمۇ خالىغانچە ئويناپ تاشلىۋەتسە بولىدىغان قورچاق قاتارىدا سانالماسلىقى لازىم. بۈگۈنى بىر قىزنى، ئەتىسى يەنە بىر قىزنى لايىقىم، دەپ يېتىلەپ يۈرۈش پەقەت تۇتۇرۇقسىز يىگىتلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى. بۇ ئالەم ئۆتنە ئالەم. مۇبادا بىر يىگىت بۇگۈنى بىر قىزنى ئانىي تېپىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆڭۈل ئېچىۋالغاندەك قىلغان بىلەن، كەلگۈسىدە شۇ يىگىتكە خوتۇن بولىدىغان قىزمۇ باشقىلار تەرىپىدىن شۇنداق قىسمەتكە يولۇققان بولۇشى مۈمكىن. لاياقەتلىك يىگىت ھەرقانداق بىر قىزغا مىللەتنىڭ ئانىسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىدۇ، بىر قىزنىڭ خورلىنىشىنى ئۆزىنىڭ خورلىنىشى، دەپ بىلىدۇ. قىزلارغا كەلسەك، كونىلارنىڭ: <قىز ساقلىغۇچە، تۇز ساقلا> دەپ بىكارغا ئېيىتمىغان. گۈزەل ئەخلاق ۋە شەرم-ھايا قىزلارنىڭ ئەڭ زور بايلىقىدۇر، ھايادىن ئايرىلغان قىزلار ئۆز ئەتىۋارىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. قىزلارنىڭ بىردەملىك كۆڭۈل خوشلۇقىنىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىشى ۋاختى كەلگەندە ئۇلارنى بىر پارچە سېسىق گۆشتىن پەرىقلەنمەس ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن، شۇڭا كەلگۈسىنىڭ ئانىلىرى بولمىش قىزلىرىمىز <ھايالىق ئادەم-باھالىق ئادەم> دېگەن ھېكمەتنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، قەدىر-قىممىتىنى ئەبەدىي ساقلاشنى ئۆگىنىۋېلىشى لازىم.مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى 2012-يىل 24-ئىيۇل سانىدىن |
مۇھەببەت ھايا بىلەن مۇھەببەتتۇر
پىكىر بايان يوق
0 comments