مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ 13 خىل ياخشى ئادىتى

بىرىنچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ھەر بىر ئىشنى قىلىشتىكى مەقسىتىنى ئېنىق بىلىدۇ.
مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ئىشنىڭ نەتىجىسىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، لېكىن بۇ ئىشنى قىلىپ يەتمەكچى بولغان مەقسەتكە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. مەقسەتنىڭ ئېنىق بولۇشى ئۇلارنىڭ نەتىجىگە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىپلا قالماي، ئۇلارنى ئىشنىڭ جەريانىدىنمۇ ھۇزۇرلاندۇرىدۇ.
ئىككىنچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار تېز بىر قارارغا كېلەلەيدۇ، قارارىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىشىدۇ.
ئۈچىنچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ زەن قويۇپ ئاڭلاش ئىقتىدارى بولىدۇ.
زەن قويۇپ ئاڭلاش قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشلا بولماستىن، بەلكى قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ ئاڭلاشتۇر. زەن قويۇپ ئاڭلاشنىڭ مۇنداق بىر نەچچە ئۇسۇلى بار: بىرىنچى، قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى بۆلمەسلىك؛ ئىككىنچى، قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى تولۇق ئاڭلاش؛ ئۈچىنچى، خاتىرە قالدۇرمىسىمۇ قارشى تەرەپنىڭ دېمەكچى بولغان مەقسىتىنى ئاڭلاپ چۈشىنىش؛ تۆتىنچى، بارلىق سوئاللارنى كاللىدا ساقلاپ، قارشى تەرەپنىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن ئاندىن سوراش قاتارلىقلار.
تۆتىنچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار «شۇ كۈنلۈك پىلان» تۈزىدۇ.
مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ئالدىنقى كۈنى كەچتە ياكى شۇ كۈنى سەھەردە شۇ كۈنى قىلىدىغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى يېزىپ چىقىپ، ئۇلارنى مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە ۋاقىتقا ئايرىپ، رەتكە تۇرغۇزىدۇ. ئۇلار ۋاقىتنى ئەمەس، ئىشلارنى باشقۇرىدۇ.
بەشىنچى، كۈندىلىك خاتىرە يېزىش.
يەتتىنچى، داۋاملىق ئاساسىي ماھارەتنى مەشىق قىلىش.
سەككىزىنچى، ئۆزىگە يوشۇرۇن بېشارەت بېرىش كۈچىدىن پايدىلىنىش.
ئۆزىگە يوشۇرۇن بېشارەت بېرىش دېگىنىمىز، نىشانىنى كۈچلۈك ئىنتوناتسىيە بىلەن توختىماستىن ئوقۇپ ئۆزىگە بىلدۈرۈش.
توققۇزىنچى، چوڭقۇر خىيال قىلىش.
توختىماستىن ئۆزىنىڭ نىشانغا يەتكەن ۋاقتىنى خىيال قىلغاندا، يوشۇرۇن ئاڭ بەدەننى شۇ ئىشلارنى قىلىشقا يېتەكلەيدۇ.
ئونىنچى، تەن قۇۋۋىتىنى ساقلاش ياكى تېخىمۇ كۆپ كۈچ – قۇۋۋەت توپلاش.
ئون بىرىنچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچلارنىڭ ھاياتلىقتىكى نىشانى ئۆزىدىن ھالقىش، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىشقا تىرىشىشتۇر.
پۇل تېپىش ئۈچۈنلا ئەمەس، مەجبۇرىيەت ئۈچۈن ئىشلەش.
ئون ئىككىنچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار سىستېمىلىق ئىش قىلىدۇ.
مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ پىكرى ۋە ھەرىكىتىنى تەرتىپكە سېلىپ تۇرىدىغان بىر يۈرۈش ئۇسۇلى بولىدۇ.
ئون ئۈچىنچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ئۇسۇل ئىزدەيدۇ، مەغلۇبىيەتچىلەر سەۋەب ئىزدەيدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار مەغلۇبىيەتچىلەر قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىشنىمۇ خالايدۇ
مەنبە؛شىنجاڭ رادىيو ئىستانسىسى تورى  

0 comments

پىكىر بايان يوق