بىر يىگىت سوقراتتىن سورىدى؛
ــ مۇۋە پپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى نىمە؟
سوقرات بىر پەس ئويلانغاندىن كېيىن،يىگىتكە؛
ــ ئەتە سەھەردە دەريا بۇيىغا بېرىپ مىنى ئىزدىسىڭىز ،شۇچاغدا جاۋابىنى ئېيتىپ بېرىمەن ــ دېدى
ئەتىسى سەھەردە يىگىت سۇقراتنىڭ دىگىنى بۇيىچە ،دەريا بۇيىغا كەلدى،سۇقرات مۇۋە پپەقىيەت قازىنىش تۇغىرسىدا ئارتۇق گەپ قىلماستىن،بەلكى يىگىتنى تارتىپ دەريا ئىچىگە ماڭدى.
سۇ يۇزى ئۇلارنىڭ تىزى ۋە بېلىدىن ئىشىپ،كۆكرەك قىسمىغا يەتتى،لىكىن ئۇلار تاكى مۇرىسى سۇغا چىلاشقىچەمېڭىۋەردى.ئاخىرى سوقرات يىگىتنىڭ دىققەت قىلمىغان پۇرسىتدىن پايدىلىنىپ يىگىتنى كۈچەپ
سۇغا چۆكتۇردى.يىگىت كۈچىنىڭ بارىچە تېركەشتى،لىكىن يىگىتنىڭ جۇغى كىچىك ئاجىز بولغاچقا،تەڭ كىلەلمىدى.سۇقرات يىگىتنى خېلى ۋاقىت سۇغا چۇكتۇر گەندىن كېيىن،ئاندىن قىرغاققا تارتىپ چىققاردى،يىگىت ئۆزىگە كىلىپ،گاڭگىرىغان ھالدا سۇقراتنى نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىلغانلىقىنى سورىدى.
ــ ئابايا سۇغا چىلىنىپ تۇرغان ۋاقتىڭىزدا،سىز نىمىگە ئەڭ تەقەززا بولدىڭىز؟ــ دەپ سورىدى سوقرات كۈلۇپ تۇرۇپ ئەلۋەتتە ھاۋاغا تەقەززا بۇلىمەن دەــ دىدى يىگىت.
ــ مانا بۇدەل مۇۋە پپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى،سىز مۇۋە پپەقىيەت قازىنىشقاخۇددى ئابايا ھاۋاغا تەشنا بولغاندەك تەقەززا بولغان ۋاقتىڭىزدىلا،ئاندىن مۇۋە پپەقىيەت قازىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيسىز،ــ دەپ جاۋاپ بەردى سوقرات. يۇقارقىلار دىن بىز مۇنداق يەكۈنگە ئېرىشەلەيمىز،يەنى مۇۋە پپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن بىز ئۇنىڭغا تەشنا بۇلىشىمىز ناھايتى زۆرۈر.بۇخىل تەشنالىق قانچە كۈچلۈك بولغانسېرى،ئۆز كۈچىنى شۇنچە كۆرسىتىپ بىزنى مۇۋە پپەقىيەت قاراپ شۇنچە سىلجىتىدۇ.ئەگەر ياشاش ئۈچۈن چۇقۇم مۇۋە پپەقىيەت قازىنىش شەرت بولسا،ئۇنداقتا بىز قانداق قىلغاندا ئۇتۇق قازىنالايدىغانلىقىمىز ئۇستىدە باش قاتتۇرماي،بەلكى ئەمىلىيەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ،بار كۈچىمىز بىلەن مۇۋە پپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بۇلاتتۇق.
ئالايلۇق،ئەگەر بىز كۈتىلمىگەن ۋەقەگە دۇچ كىلىپ،ئۇغرى قاراقچى ياكى يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن ھايات ــ ماماتلىق كۈرىشى ئېلىپ بارساق پەقەت ئۇلاردىن غالىپ كەلگەندىلا ئاندىن ھايات قالالايمىز، بۇنداق چاغدا بوكىس ماھىرىدىن مەسلىھەت سوراش بۇجەڭنى قانداق قىلىش ئۇستىدە ئويلىنىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس،پەقەت جان تىكىپ ئېلىشىش غەلبىنى قولغا كەلتۇرگىلى بۇلدىغان بىردىن بىر يول،ھالبۇكى بۇنداق ئەھۋاللاردا غەلبىنى ھەمىيشە مۇشۇ خىل يول ئارقىلىقلا ئۆز ئىلكىمىزەگە ئالالايمىز.
مەنبە؛تەرمىلەر ژۇرنىلىنىڭ 3-سانىدىن ئېلىندى
0 comments