مەن بەخىتسىز ئەمەس

كىچىكىمدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە مىنى يۈرەك پارەم دەپ ئەتىۋارلاپ كۆپ ئەجىرلەرنى سىڭدۈرۈپ چوڭ قىلغان،بارلىق مىھرىنى، سۆيگۈ -مۇھەببىتىنى ئايىماي بىرىۋاتقان،ھەر كۈنى بەش ۋاخ نامىزىدا مىنىڭ بەختىم ئۈچۈن ياخشى دۇئالارنى قىلىۋاتقان،چىھرى قۇياشتەك ئىللىق،قەلبى قاردەك ئاق سۆيۈملۈك ئانام بار.ھەمىشە بالىلارنىڭ كىچىكى دەپ مىنىڭ غىمىمنى يەيدىغان،مىنى ئاسرايدىغان،قوغدايدىغان،ئىغىرچىلىقم چۈشسە ئۆزىگە بىسىم ھىس قىلمايدىغان،تاللىغان  نىشانىم توغرا بولسلا مەن تەرەپكە ئۆتۈپ ئىزچىل مەدەت بىرىدىغان قوللايدىغان،رەنجىتىپ قويسام ھىچقاچان غۇم- ئاداۋەت ساقلىمايدىغان قەدىرلىك ئاكام ۋە ئاچاملار بار،مىنى شۇنداق ياخشى كۆرىدىغان ئىناق، كۆڭۈللۈك بىر ئائىلىدە ياشاۋاتقان تۇرۇقلۇق ،ئۆزۈمنى قانداقمۇ بەخىتسىز دىگۈدەكمەن؟
باشقىلار ئۆز دوستلىرىنىڭ ياخشى خىسلەتلىرىنى تىلىغا ئىلىپ قانچىلىك پەخىرلەنسە،مىنىڭمۇ شۇنداق پەخىرلىنىشىمگە ئەرزىگۈدەك ئىسىل دوستلىرىم بار.ئۇلارنىڭ سەمىمىيلىكىدىن،ساداقەتمەنلىكىدىن،كۆڭلىنىڭ پاكلىقىدىن ، نىيتىنىڭ توغرىلىقىدىن ،ئەخلاقىنىڭ ياخشىلىقىدىن شۇنچىلىك خاتىرجەممەنكى، بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ئورتاق بولغان چۈشىنىش ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بار،مەن ئۇلاردىن ياخشىلىق كۆردۈم،يامانلىق كەلگىنى يوق،خۇشاللىق كۆردۈم،خاپىلىق يەتكىنى يوق،ئۇلار مىنىڭ تۈگىمەس مەنىۋى بايلىقىم،قولدىن بىرىپ قويۇشنى خالىمايدىغان قىممەتلىك ئەڭگۈشتەرىم.ئەنە شۇنداق چىقىشقاق ،خۇش پىئىل، مىجەز -خۇلقى ئىسىل، ۋاپاغا جاپا قىلمايدىغان ،يارامغا تۇز سەپمەيدىغان،ئىھتىياجىم چۈشكەن كۈنى مەندىن يىراق قاچمايدىغان،ئىشەنچىمنى يەردە قويمايدىغان،كۆڭلۈم پەرىشان چاغلاردا ماڭا  تەسەللىي بىرىشنى ئۇنۇتمايدىغان سىرداشلىرىم بار تۇرۇقلۇق،ئۆزۈمنى قانداقمۇ بەخىتسىز دىگۈدەكمەن؟
ئۆيۈمدىكى بىر چامىداندا تۇغۇلغان كۈنلىرىمدە تاپشۇرۇپ ئالغان سوۋغات بويۇملىرىم بار، ئالبۇمىمدا ئائىلەمدىكىلەر بىلەن دوسىتلىرىم يىقىنلىرىم ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىرگە چۈشكەن كۆپ خاتىرە سۈرەتلەر بار،ھەر بىر قىتىم شۇ سوۋغات بويۇملىرىنى قولۇمغا ئالغىنىمدا ،خاتىرە سۈرەتلەرنى كۆرگىنىمدە ئەسلىمىلەر قوينىغا كىرىپلا كىتىمەن دە – بالىلىقتىكى بىغۇبار غەمسىز چاغلىرىم كۆز ئالدىمدا نامايەن بولىدۇ.كىچىىك ۋاقتىمىزدا بىللە قونچاق ئوينايدىغان،تەپكۈچ تىپىدىغان ،تانا سەكرەيدىغان،يەنە تىخى بىرگە تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان ئامراق دوستلىرىم بىلەن تۇرمۇش بىسمى ۋە ياكى خىزمەت ئالدىراشلىقى دىگەندەك سەۋەپلەر بىلەن كۈندە دىگۈدەك ئىزدىشىپ بولالمىساقمۇ، يۈز كۆرۈشكەندە  ئۆسمۈر چاغلىرىمىزنى ئەسلەپ،ئىيتساق ئىيتىساق تۈگىمەيدىغان نۇرغۇن تاتلىق پاراڭلىرىمىز بار.شۇ گۈزەل ئەسلىمىلەر بىلەن ئۆزۈمنى قانداقمۇ بەختسىز دىگۈدەكمەن؟….
سۆيۈملۈك دادامدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ بىر يىتىم قىز بولۇپ قالغىنىم ئۈچۈن،باشقىلار مىنى تەلىيى كاج،شور پىشانە، بەختى قارا دىيىىشۋاتىدۇ.ئەجىبا ئەزرائىل ئۇلارنىڭ ئاتا -بوۋىسىنى ئامان-ئىسەن قالىدۇ،مەڭگۈ ھايات يۈرىدۇ دەپ ۋەدە بەرگەنمىدۇ؟…مەن ھەرگىز   ئۇلار ئويلىغاندەك بەختسىز ئەمەس،قازاغا رىزادىن باشقا چارە يوق، كىملەر ئۆلۈمدىن قىچىپ قۇتۇلالىغان؟ مەن ئۇلارئويلىغاندىن بەكرەك چىداملىق،غەيرەتلىك سەۋىرلىك بىر قىزمەن
ئەڭ مۇھىمى -بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ياراتقۇچسى، ئەڭ چىرايلىق ئەڭ قولايلىق شەكىلدە ئىنسانلارنى ئاپىرىدە قىلغۇچى، ئۇلۇغلۇقتا تەڭدىشى يوق، ئوخشىشى يوق،شىرىكى يوق سىخىي ،مىھرىبان، شەپقەتلىك ئاللاھ بەرگەن رىزىقلارنى يەۋەتقان تۇرۇغلۇق،ئىرىشكەنلىرىگە شۈكرى- قانائەت قىلماي ،تەقدىرگە زارلاپ ،نالا -پەريات ئۇرۇپ ئاللاھنىڭ ھۆكۈمىدىن نارازى بولۇپ ياشاش نانكورلۇق ئەمەسمۇ؟…

ئاللاھ ھار قاچان بەندىىسگە يار -يۆلەك ،ئاللاھ بەندىىسىگە ئاساننى خالايدۇ،مۈشكۈلچىلىكنى خالىمايدۇ.مەن ئەزەلدىن ئاللاھنىڭ شەپقىتىدىن ئۈمىدىمنى ئۈزۈپ باقمىدىم. مىنىڭ بەخىت توغرىسىدىكى ئاددى چۈشەنچىلىرىم باشقىلارغا نىسبەتەن ئەرزىمەس نەرسىدەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن.لىكىن مەن ھەرگىز باشقىلار ئىيتقاندەك بەختسىز ئەمەس،بۇرۇن بەخىتلىك كۈنلىرىم ئۆتكەن،ھىلىھەم بەخىتلىكمەن،ئاللاھ خالىسا بەخىتلىك كۈنلەر تىخى ئالدىمدا…

مىسرانىم مۇنبىرى.

0 comments

پىكىر بايان يوق