نىكاھتىن ئاجراشتۇرۇش ماشىنىسى

جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ئىشلار قولايلىقلاشتى. يېقىندا كوچا-كويلاردا «نىكاھتىن ئاجىراشتۇرۇش ماشىنىسى» پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇ ماشىنىغا ئەقلىي ئىقتىدارلىق كومپيۇتېر سەپلەنگەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئاجرىشىش ئىلتىماسىغا ئاساسەن رەسمىيەت ئۆتەيدىكەن.

    بىر ئايال بىر كۈنى ئېرى بىلەن سوقۇشۇپ قېلىپ، ئاجراشتۇرۇش ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنى قوزغىتىپتۇ. ئېكراندا دەرھال تاللاش سوئالى چىقىشقا باشلاپتۇ.
    ــ سىز ئەرمۇ، ئايال؟
    ــ ئايال.
    ــ ئېرىڭىز بىلەن چوقۇم ئاجراشماقچىمۇ؟
    ــ شۇنداق.
    ــ ئېرىڭىز كەچۈرگۈسىز خاتالىق ئۆتكۈزدىمۇ؟
    ــ شۇنداق.
    ــ بەك ئاچچىقلاندىڭىزمۇ؟
    ــ شۇنداق.
    ــ ئېرىڭىزنى مەڭگۈ كەچۈرمەمسىز؟
    ــ شۇنداق.
    ــ ئېرىڭىز ئۆيگە دائىم كەچ قايتامدۇ؟
    ــ شۇنداق.
    ــ ئېرىڭىزنىڭ سىزگە بولغان مۇئامىلىسى بارغانسېرى سۇسلىشىۋاتامدۇ؟
    ــ شۇنداق.
    ــ ئېرىڭىز بەك ھورۇنمۇ؟
    ــ شۇنداق.
    ــ ئېرىڭىز ئاتا-ئانىڭىزغا ئىش قىلىپ بېرەمدۇ؟
    ــ شۇنداق.
    ــ ئېرىڭىز بەك مەسئۇلىيەتسىزمۇ؟
    ــ شۇنداق.
    ــ ئېرىڭىز تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى دائىم ئۇنتۇپ قالامدۇ؟
    ــ ياق.
    ــ بالىڭىز ئېرىڭىزگە ئۆچمۇ؟
    ــ ياق.
    ــ ئېرىڭىزنىڭ خورىگى ئارام بەرمەمدۇ؟
    ــ ياق.
    ــ ئېرىڭىز پۇتىنى ھەپتىدە بىرلا قېتىم يۇيامدۇ؟
    ــ ياق.
    ــ ئېرىڭىزنىڭ قولتىقى پۇرامدۇ؟
    ــ ياق.
    ــ ئۆزىڭىزنى قەتئىي خاتالىق ئۆتكۈزمىدىم، دېيەلەمسىز؟
    ــ ياق.
    ــ كەچۈرۈڭ، سىز كىرگۈزگەن ئۇچۇرلارنىڭ باش-ئاخىرىدا زىددىيەت بار. ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە ئامالسىزمەن.

مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

0 comments

پىكىر بايان يوق