مىھرى- مۇھاببەت گۈلگە ئوخشايدۇ، سىز پەرۋىش قىلسىڭىز ئۆسۈپ بارىدۇ، پەرۋىش قىلمىسىڭىز قۇرۇپ كىتىدۇ. ياشلار توي قىلغىچە ئىنتىلىدۇ، مۇھاببەت گۈلىنى پەرۋىش قىلىدۇ، شىرىن ئارزۇ ئىستەكلەرگە چۆمىدۇ، غايىۋىي رۇمانتىكلىق دەرياسىغا غەرق بولىدۇ، ئەمىلىيەتتىن چەتنەپ كىتىدۇ، توي قىلغاندىن كىيىن مۇرادىمغا يەتتىم دەپلا ئويلاپ ئارىدىكى مىھرى مۇھاببەتنى پەرۋىش قىلىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن رەھىمسىز رىياللىققا، رىياللىقتىكى ئەمىلىي تىمىلارغا يىنىپ كىلىدۇ دە، ھەر ئىككەيلەن بىر -بىرىدىن نارازى بولىدۇ، مۇھاببەت گۈلى سولىشىدۇ.
توي قىلماق تولىمۇ ئاسان، (ئەلۋەتتە كۆڭۈلدىكى لايىق بولسىلا) سىز مىنىڭ بەختىم كەلدى دەپ ئويلىغان ئادەم ئۆيىڭىزنىڭ سۇغاق كىرىدىغان يۇچۇقلىرىنى ئىتىشكە تىرىشماي نىمىشكە يۇچۇقنى چوڭايتىۋىتىسىز؟ كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچىدۇ، كۆڭلى سىزدىن ئۆسمىگەن يولدىشىڭىز تالادىن سۇ ئىزلىمەي، يىنىڭىزدا قاغجىراپ ئولتۇرامدۇ؟ ئەشۇ بىركۈن سىزنىڭ ئائىلىڭىز ۋە تۇرمۇشىڭىزغا قانچىلىك قورقۇنۇچلارنى ئىلىپ كىلەر مەن دىمىسەممۇ ئەلۋەتتە چۈشىنىسىز، ئۇنداقتا سىز تۇرمۇشىڭىزنى قانداق قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇشنى ئويلاشتىڭىزمۇ؟
1. ئائىلىڭىزنى رەتلىك پاكىز، مەدىنىي بىزەڭ.
2. مىڭىش- تۇرۇش كىيىنىشىڭىزگە ئېتىۋار بىرىڭ، ئاددى بولسىمۇ رەتلىك ياراشتۇرۇپ ماسلاشتۇرۇپ مەدىنىي كىيىڭ.
3. تاماقنى ۋاختىدا ئىتىپ يولدىشىڭىزنى ساقلاپ تۇرۇڭ، يولدىشىڭىز ئۆيگە كىرىپلا ئائىلىنىڭ پاكىز، سىزنىڭ رەتلىك، تامىغىنىڭ تەييارلىغىدىن دىلى سۆيىنىپ، سىزنىڭ كۈلكە يىغىپ تۇرغان چىھرىڭىزگە قاراپ، خۇددى باغچىغا كىلىپ قالغاندەك يىنىكلەپ، مۈرىسىنى بىسىپ تۇرغان تۈرلۈك تۈمەن بىسىملارنى تاشلىۋەتسۇن.
4.ۈيولدىشىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ، بولۇپمۇ ئۇرۇق تۇققان، خولۇم- خوشنا، دۇست- يارەنلىرى ئالدىدا تولىمۇ ھۆرمەتلەڭ.
5. بىشەم بولماستىن كەڭ قوساق، ئەپۇچان ، ئىغىر بىسىق بولۇڭ. يەنى يولدىشىڭىزنىڭ ياخشى دۇستى،كۆيۇمچان”ئانىسى” ۋاپادار يارى ، ياخشى مەسلىھەتچىسى بولۇڭ ،يولدىشىڭىز سىزگە قەلبىدىكى ھەممە گىپىنى دىيەلەيدىغان بولسۇن.
6.يولدىشىڭىزنىڭ ئاتا-ئانا ۋە قىرىنداشلىرىنى ھاقارەتلىمەڭ، كۇنىلار ياخشى گەپ ئىستقۇ،يان گەپ سويۇتقۇ دەپ تۇغرا ئىيىتقان.
7. يولدىشىڭىز ھىرىپ ئاچقاندا، ئۇيقىسى كەلگەندە جىلى بولغاندا سۇكۇتنى ساقلاڭ.
8. ئەركىشى ھامان ئەر كىشى. جاۋاپ ياندۇرۇپ تەڭ بولماڭ.
9.يولدىشىڭىزنى باشقىلارغا سىلىشتۇرماڭ، غورۇرىنى چۇشۇرمەڭ.
10. ئىقتىساتنى مەسلىھەت بىلەن باشقۇرۇپ،ئىقتىسادىي بىسىمنى ئاۋۇتماڭ.
11. ئورۇنسىز كۇنلەپ ئوزىڭىز ۋە مىھرى مۇھاببىتىڭىزگە بولغان ئىشەنچنى يوقىتىپ قويماڭ.
12.ئارىدىكى ئىشەنچنى كۇچەيتىپ، چىقىمچى، سۇخەنچىلەرگە ئارىدىن ئۇرۇن بەرمەڭ.
13.كۇلۇشنىمۇ بىلىڭ، كۇلكە ئاتا قىلىشنىمۇ بىلىك. كۇلكىنىڭ پەيزىنى سۇرۇشنىمۇ بىلىڭ، مانا بۇ ھەقىقى بەخت.
14. ۋاپادار،كۆيۇمچان، مىھرى شەپقەتلىك، تىرىشچان، غورۇرلۇق بولۇڭ.
15.ھەممە جەھەتتە مۇكەممەل يولدىشىڭىز سىزدىن پەخىرلەنگىدەك بولۇڭ.
16. يولدىشىڭىز باشقىلارغا قىزىقسا، سىز ئۇنىڭغا خاپا بولماي باشقىلارنىڭ سىزنى بىسىپ چۇشكىدەك ئارتۇقچىلىغىنى ئۇگىنىڭ.
17.سىز يولدىشىڭىزنىڭ قانۇنلۇق ئايالى بولغاندىن كىيىن، ئەتىدىن كەچكىچە سۆزلەپ تاپا-تەنە بىلەن قاۋاۋەرمەي، مەيلى قانداقلا ئۇسۇل بولسۇن تارتىنماي كۆڭلىنى ئۇتۇشقا تىرىشىڭ، سىزنى ھىچكىم زاڭلىق قىلمايدۇ. يولدىشىڭىزنىڭ قەدىرلىشىگە ئىرشەلمىسىڭىز كىم سىزنى قەدىرلەيدۇ.بارغانلا يىرىڭىزدە بىر ئەرنىڭ نىنى تۇتۇپ يەممىگەن قانداق قىزبالا ئۇ دىگەن سۆزلەرنى ئاڭلاۋاتقانسىز، ھازىرقى قىيىن ئانىلارنىڭمۇ بۇرۇنقىدەك ياۋاش يۇمشاق دەپ كىلىن تاللىماستىن، جەمىيەت بۇزلۇپ كەتتى، ئۇغلۇمنىڭ كۆڭلىنى ئالالىغىدەك بولمىسا بولمايدۇ دىگىنىنىمۇ ئاڭلىمىدىڭىزمۇ؟ ياكى چوڭلۇق قىلىپ ئەردىن چىقىپ ئەرگە تىگىشنى شەرەپ دەپ قالدىڭىزمۇ؟سىز يەنە قايتا توي قىلسىڭىز توغرا سىزنى ئەر ئالىدۇ، بىراق مەڭگۇ قارا كىگىز بولماستىن كىر كۆتەرمەيدىغان ئاق كىگىز بولۇپ ياشايسىز، قايسىنى تاللىغۇڭىز بار؟
سىز يۇقارقىلارنى قىلالىسىڭىزلا يولدىشىڭىز سىزنى بىشىدا كۆتىرىدۇ، سىزنىڭ مىنى تاشلاپ كىتەرمۇ دەپ ئەنسىرشىڭىز ئورۇنسىز، يولشىڭىزنى مىنى تاشلاپ كەتسە قانداق قىلارمەن دىگەن ھالغا چۈشۈرۈپ قويىسىز.
قىزچاق توي قىلشتىن بۇرۇن بۇلارغا نىسبەتەن كاللىڭىزدا سان بولسۇن، ھىچ بولمىغاندا ئەرگە تەگمەكنىڭ ئاسان ئۇنى تۇتۇپ تۇرماق تولىمۇ تەسلىگىنىنى بىلسىڭىزلا بولدى
ئەرگە تەگمەك ئاسان ئۇنى تۇتۇپ تۇرماق تولىمۇ تەس
پىكىر بايان يوق
0 comments