مەكتىپىمنىڭ ھەر ۋاقىت چېنىقىۋاتقانلار بىلەن توشۇپ تۇرىدىغان تەنتەربىيە سارىيى تېمىغا “ھەرىكەت – ھايات دىمەكتۇر” دەپ يىزىلغان بولۇپ، بۇ گۈلەننىڭ “ئامېرىكىلىقلاردا ھەرىكەت ۋە ھوزۇر” دىگەن يازمىسىدا تىلغا ئالغىنىدەك، ئامىرىكا مائارىپىدا تەنھەرىكەتكە نەقەدەر ئەھمىيەت بىرىلىدىغانلىغىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى بولالايدۇ. تەنھەرىكەتنىڭ ساغلاملىق ۋە زىلۋالىقنى ساقلاشتىكى تەڭداشسىز كۈچى ۋە جىسمانىي ساغلاملىققا بولغان ساناپ تۈگەتكۈسىز پايدىسى بەلكىم كۆپچىلىككە ئايان، لىكىن تەنھەرىكەتنىڭ كىشىنى خۇشھال قىلىدىغان ئۈنۈمىنىڭ بارلىقىنى بىر قىسىم كىشىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئامرىكىلىقلارنىڭ چېنىقىشىدىكى سەۋەبىنى سورسىڭىز، نۇرغۇنلىرى “خۇشھال بولۇش ئۈچۈن (to feel good)” دەپ جاۋاب بىرىشىدۇ. ئۆتكەن مەۋسۇم “دوراشۇناسلىق (pharmacology)” دەرىسىدە مەيۈسلىنىش كىسىلىگە ئىشلىتىدىغان دورىلارنى تونۇشتۇرىۋىتىپ، پرافىسور دائىم بەدەن چېنىقۇرىدىغان كىشىلەردە بۇ خىل كېسەلنىڭ تۆۋەنرەك نىسبەتتە كۆرۈلىدىغانلىقىنى، ھەتتا بەزى دورا تەسىر قىلمىغان كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق روھىي ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى تىلغا ئىلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلىشكە قىزىقىپ قالدىم ۋە بۇ توغۇرلۇق ئىلان قىلىنغان ئىلمي ماقالىلەرنى كۆرۈپ چىقىپ سەۋەبىنى بىلىۋالدىم. تۆۋەندە مەن سىلەرگە نىمە ئۈچۈن ھەرىكەت كىشىنى خۇشھال قىلىدىغانلىقىنڭ ئىلمي ئاساسىنى سۆزلەپ بىرەي: ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى مېڭىدىكى “مۇكاپات سىستىمىسى (reward system)” دەپ ئاتىلىدىغان مېڭىدە مۇۋاپپىقىيەت، ھاياجان ۋە رازىمەنلىك تۇيغۇسى پەيدا بولغاندا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان نېرۋا خېمىيىلىك ماددىلىرى ۋە باشقا ھورمۇنلار يۇقىرى كۆتۈرىدىغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى خېمىيىلىك ماددىلار دوپامىن، سېروتونىن، ئېندورفىن ۋە ئېپىنېفىرىن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خېمىيىلىك ماددىلارنىڭ بەدەندىكى مىقدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندە، ئادەمنىڭ كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ؛ بەدەندىكى مىقدارى تۆۋەنلىگەندە بولسا، ئەكسچە بولىدۇ. شۇنىمۇ قوشۇپ قويايكى، ئېندورفىن ئادەم بەدىنىدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تەبئىي مورفىن (خېروئىن ۋە ئەپىيۇن تەركىبىدىكى ئاكتىپ خېمىيىلىك ماددا) دىگەن نامغا ئىگە بولۇپ، ھاياجانلىنىش ۋە ئازاپلىنىشنى كونتىرول قىلىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك تەبئىي خېمىيىلىك ماددىدۇر. ھەرىكەتلىنىش جەريانىدا، ئادەم بەدىنىدە يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان ماددىلارنىڭ مىقدرى ئاشىدىغان بولغاچقا، ھەرىكەتتىن كىيىن كىشى خۇشھال كەيپىياتتا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغاندىن كىيىن، كىشىدە رازىمەنلىك تۇيغۇسى ئېشىپ مېڭىدىكى مۇكاپات سىستىمىسىنى يەنىمۇ قوزغىتىدۇ. تەتىقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ھەرىكەت ئاخىرلىشىپ 12 سائەتكىچە ھەرىكەت قىلغان كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى ھەرىكەت قىلمىغان كىشىلەردىن ياخشى بولىدىغانلىغى بايقالغان. دېمەك، بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ پايدىسى جىسمانىي ساغلاملىقنى ئاشۇرۇشتىلا ئىپادىلىنىپ قالماي، روھىي ساغلاملىق ۋە كەيپىياتنى تەڭشەشتىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز چوقۇم ئىزچىل بولغان بەدەن چېنىقتۇرۇش ئادىتى يىتىلدۈرۈشىمىز بەكمۇ زۆرۈر. |
نىمە ئۈچۈن ھەرىكەت كىشىنى خۇشھال قىلىدۇ؟
پىكىر بايان يوق
0 comments