ياخشى روھىي ھالەت تەقدىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ

 پىسخىكا بىر ئادەمنىڭ روھىي ھالىتىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ، پىسخىكىڭىز ياخشى بولسا، سىز ھەركۈنى خۇشال-خۇرام ياشايسىز. روھىڭىزنى ئۇرغۇتۇپ يۈرسىڭىز، تەلەي ئۆزى سىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن،ئىش قىلغاندا چوقۇم ئاكتىپ بولۇڭ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز، دەرھال ئۆزىڭىزنى ئېلىپ قېچىڭ، كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەشنى ئۆگىنىڭ، پىسخىكىڭىز ياخشى بولسا خىزمىتىڭىزمۇ نىشانغا ئىگە بۇلىدۇ، ئادەمنىڭ نىشانى بولسا ئۆزىنى يۇقىتىپ قويمايدۇ.
        پىسخىكىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى ئادەتتە ئادەتنى ئۆزگەرتىش، تاۋلاپ چىقىش ۋە يىتىلدۈرۈشتە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنداقتا پىسخىكىنى قانداق تەڭشەش كېرەك؟
        1-ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىز بەك چوڭ بولۇپ كەتمىسۇن. ئارزۇ-ئارماننىڭ چېكى يوق. ئارزۇ قانچە چوڭ بولغانسىرى، ئەمەلگە ئاشۇرالمىسىڭىز، ئۈمىدسىزلىكمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ، پىسخىكىمۇ ئاسانلا تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىدۇ.
        2-ئۆزىڭىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرماڭ. ئەگەر ئۆزىڭىزنى باشقىلار بىلەن قارىغۇلارچە سېلىشتۇرسىڭىز، «ئۆزىڭىزنى ئالدۇرۇپ قويىسىز». ئەگەر ئىشتىن قالدۇرۇلغانلار بىلەن تەمىناتىڭىزنى، دېھقانلار بىلەن كىرىمىڭىزنى، ئىلغارلار بىلەن تۆھپىڭىزنى سېلىشتۇرسىڭىز، پىسخىكىڭىز نورماللىشىپ، قاقشاشلىرىڭىزمۇ تەبىئىي ھالدا يۇقاپ كېتىدۇ.
        3-ئۇنتۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. ئۆتكەن ئىشلارنى بەك ئەسلەپ كەتمەڭ، ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار ئۆتۈپ كەتسۇن، بۇنداق بولغاندا نۇرغۇنلىغان باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلۇپ، كۆڭۈل ئازادىلىكىگە ئېرىشەلەيسىز.
        ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق تۇرمۇش قارىشى بولىدۇ، بەزىلەر ناھايتى خوشال ياشايدۇ، بەزىلەرنىڭ ھاياتى ئۈمىدسىزلىككە تولغان بولىدۇ، يىغىپ ئېيتقاندا بۇلارنىڭ ھەممىسى پىسخىكا مەسىلىسى. تۇرمۇشتادائىم تۇيۇقسىز قىيىنچىلىق ۋە ئاپەتلەر بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلار بىزنى قايمۇقتۇرۇپ، تىت-تىت قىلىپ تىرىكتۈرىدۇ، ھەتتا بىزنى ياشاشتىن ئۈمىدىمىزنى ئۈزدۈرىدۇ.
        كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، رىقابەت بارغانسىرى كەسكىنلىشىپ، كىشىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان تۈرلۈك بېسىملىرى ئاشماقتا. ئەگەر بۇنداق بېسىم ئېشىپ كېتىۋەرسە، كىشىنىڭ كەيپىياتىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئادەم مۇۋاپىق باسقۇچتا ئۆزىگە بىر سەۋەپ تېپىۋالسا، بۇخىل روھى بېسىمنى يوقىتىپ، پارلاق يولغا قاراپ ماڭالايدۇ.
        قانداق قىلغاندا بۇخىل پاسسىپ كەيپىياتنى يىنىكلەتكىلى بولىدۇ؟ 
        1-ئۆزىڭىزنى تېنچلاندۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، شەيئىلەرگە بولغان ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىزنى ئاستا-ئاستا تۆۋەنلىتىڭ. بىر قەدەم چېكىنسىڭىز دۇنيا سىزگە تەۋە بولىدۇ.
        2-ئۆزىڭىزگە كۆيۈنۈڭ. ئۆزىڭىزگە كۆپرەك كۆيۈنگەندىلا، باشقىلارغا تېخىمۇ كۆيۈنەلەيسىز، ئەگەر قۇربىڭىز يەتسە، ياردەم بېرەلىگۈدەك ئادەملەرگە ئامالنىڭ بارىچە ياردەم بېرىڭ، بۇنداق بولغاندا سىز تېخىمۇ خوشال بۇلالايسىز. باشقىلارغا كۆپرەك ياردەم بېرىپ، ئۆزىمىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بېسىمنى يىنىكلىتىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى.
        3-ئادەمنى تەشۋىشلەندۈرىدىغان ئىشلارغا يولۇققاندا، بىر ئىستاكان قايناقسۇ ئىچىپ، يىنىك مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ، كۆزىڭىزنى يۇمۇپ، ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەر ۋە ئىشلارنى ئويلاڭ، كەلگۈسىڭىزنى پىلانلاڭ، بۇنداق بولغاندا ھەم ئارام ئالالايسىز، ھەم سوغوققانلىق بىلەن پىكىرنى داۋاملاشتۇرالايسىز. 
        4-ئۆزىڭىزگە كۆپرەك جەڭ ئېلان قىلىڭ، باشقىلارغا ھەسەت قىلىشنىڭ، ھەۋەس قىلىشنىڭ ئورنى يوق. ئۆزىڭىزنىڭ ھەربىر قېتىملىق ئىلگىرىلىشىڭىزدىن خۇشال بولۇڭ (ئىشنىڭ چوڭ-كىچىكى يوق، مۇرەككەپ ئىشلارنى ئاددىي قىلىڭ، ئاددىي ئىشلارنى ئەستايىدىل قىلىڭ، ئەستايىدىل قىلىدىغان ئىشلارنى قايتا-قايتا قىلىپ، ئەڭ ياخشى قىلىشقا تىرىشىڭ).
        5-كۆپلەپ ئوقۇڭ. ئوقۇش بىلىم ئىگەللەش جەريانى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. 
        6-ھەر قانداق شارائېتتا، ئۆزىڭىزنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئىشنى قىلماڭ. ھەتتا پۈتۈن دۇنيا سىزگە بولغان ئىشەنچنى يوقىتىپ، سىزنى كۆزگە ئىلمىغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ.
        7-كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، ئىشنى ياخشى تەرەپكە بۇراڭ. قول تۇتىدىغان ئىشلارغا يولۇققاندا تەمكىن بۇلۇڭ، ئاندىن بۇ ئىشنى قانداق قىلغاندا ياخشى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلىنىڭ، سىز ئىشلارنى ياخشى تەرەپكە بۇراپ ئويلىغانسىرى، كۆڭلىڭىز شۇنچە كەڭىيىدۇ، يامان تەرەپكە بۇراپ ئويلىسىڭىز، كۆڭلىڭىز بارغانسىرى تارىيىپ كېتىدۇ.
        8-ئەتراپىڭىزدىكىلەرنى قەدىرلەڭ. تىلىڭىز ئارقىلىق باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەڭ، قارشى تەرەپنى ھەرقانچە ياقتۇرمىسىڭىزمۇ، سەۋەب كۆرسىتىپ ئۇنىڭ يېنىدىن كېتىڭ، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمەڭ، بۇنداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىنى ناچارلاشتۇرۇۋېلىپلا قالماي، يەنە سورۇننىڭ كەيپىياتىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىسىز. ئەتراپىڭىزدىكى بارلىق ئادەملەرنى قەدىرلەڭ.
        9-ھاياتنى قىزغىن سۆيۈڭ. ھەر كۈنى يېڭى ئوزۇقلۇقلارنى يەڭ، ھەر كۈنى ئوخشىمىغان تەپەككۇر قىلىڭ. پىكىر يولىنى ئۆزگەرتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، يېڭى شەيئىلەرنى ئۆگىنىپ دۇنياغا بولغان قىزىقىشىڭىزنى قاندۇرۇڭ.
        10-سەمىمىيلىك، مېھرىبانلىق، كىشىلىك پەزىلەت ئارقىلىق تۇرمۇشقا يۈزلەنسىڭىز، تۇرمۇشىڭىز تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.
        ھەر كۈنى ئۈمىدۋار بولۇڭ، ئىچىڭىزنى پۇشۇرىدىغان ئىشلارغا يولۇقسىڭىز، ئۆزىڭىزنى خوش قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ قەيسەر، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىلىڭ. ياخشى پىسخىكىلىك ھالەتنى ساقلاشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇل: دۇنياغا مىننەتدارلىق پوزىتسىيىسى بىلەن قاراش، ئېرىشكەن ۋە يوقاتقانلىرىڭىز بىلەن ھىسابلاشماسلىق، ئەتراپىڭىزدىكى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە تىگىشلىك ئىشلارنى بايقاش. 
                       مەنبە:  ئوكيان ئۈندىدار ئاممىۋىي سۇپىسى

0 comments

پىكىر بايان يوق