1. بىر ئىستاكان سۈزۈك سۇغا بىر تامچە يۇندا تىمىپ كەتسە، بۇ بىر ئىستاكان سۇ بۇلغىنىپ كېتىدۇ. بىر ئىستاكان يۇندىغا بىر تىمىم پاكىزە سۇ تىمىپ كەتكىنى بىلەن بۇ ئىستاكان يۇندا سۈزۈلمەيدۇ.
2. دۇنيادا ئۈچ نەرسىنى باشقىلار ئېلىپ كېتەلمەيدۇ. بىرىنجىسى: قارنىڭىزغا يەپ بولغان تاماق؛ ئىككىنجىسى: قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇر يېرىگە ساقلاپ قويغان ئارزۇ ئارمانلىرىڭىز؛ ئۈچىنجىسى: ئوقۇپ كاللىڭىزغا ساقلاپ قويغان كىتاب (بىلىم)؛
3. ئات يۇمشاق توپىلىق يولدا ئاسانلا پۇتلىشىپ كېتىدۇ؛ ئادەم شېرىن – شېكەر سۆزلەرنىڭ ئالدىدا ئاسانلا قېيىپ كېتىدۇ؛
4. دۇنيادا كومىدىيەلىك ۋە تىراگىدىيەلىك دەپ ئايرىلمايدۇ. ئەگەر سىز تىراگدىيەنىڭ ئىچىپ چىقىپ كېتەلىسىڭىز مانا بۇ كۆمىدىيە؛ ئەگەر سىز كۆمىدىيەگە چۆكۈپ كەتكەن بولسىڭىز مانا بۇ دەل تىراگىدىيە؛
5. كىتاپ ئوقۇمىسىڭىز، مەيلى قانچە ئۇزۇنغا مېڭىڭ، پوچيالىيۇندىن پەرقىڭىز يوق.
6. خوشنىڭىز يېرىم كېچە سائەت 2 دە رويال چالسا ھەرگىزمۇ ئاچچىقلانماڭ، ئەكسىنچە سەھەر سائەت 4 دە ئۇنى ئويغىتىپ ئۇنىڭ ئورۇنلىغان مۇزىكىسىدىن تولىمۇ ھوزۇرلانغانلىقىڭىزنى دەپ قويۇڭ.
7. ئەگەر سىز پەقەت ساقلاپ تۇرماقچى بولسىڭىز، يۈز بەرگەن ئىشلار سىزنى قېرىتىۋاتىدۇ.
8. ھەقىقىي دوستلار بىلەن دىيىشىپ بولالمىغىدەك گەپ بولمايدۇ، ئەكسىنچە، چىن دوسىت بىلەن بىرگە بولغاندا بىر ئېغىز گەپ قىلمىسىڭىزمۇ زىرىكىپ قالمايسىز.
9. ۋاقىت قەلىب يارىسىنى ساقايتقۇچى ئەڭ ياخشى مەلھەم، لېكىن ھەرگىزمۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ئۇسۇل ئەمەس.
10. پۇشايمان قىلساڭمۇ مەيلى، لېكىن پۇشايمان قىلىشنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۋەتمە.
0 comments