پۇل توغرىسىدىكى 15 ئەقىليە سۆز


پۇل گۇناھتىن دىرەك بىرەمدۇ ياكى خوشاللىقتىن دىرەك بىرەمدۇ؟پۇل ھەققىدە دۇنيادىكى ھەرخىل كىشلەر ھەر خىل تەبىرلەرنى بىرىپ كەلدى.مەيلى نىمىلا دىمىگەن بىلەن پۇل يەنىلا مۇھىم.قېنى ئەمدى قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۆتكەن دانىشمەنلەرنىڭ پۇل توغرىسىدىكى تەبىرلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى:1)    پۇللا بولسا،دۇنيانىڭ ھەممە يىرىگە بارغىلى بولىدۇكى،پەقەت بىرلا جايغا،يەنى جەننەتكەبارغىلى بولمايدۇ؛پۇللا بولسا،ئالىمەن دىگەن ھەرقانداق نەرسىنى سېتىۋالالايسەن،شۇغۇنىسى خوشاللىقنى سېتىۋالالمەيسەن.2)    دوستۇڭدىن پۇل سورىماقچى بولغىنىڭدا،شۇنى ئوبدان ئويلانغىنكى،ساڭا پۇل لازىممۇ ياكى دوستمۇ؟3)    يانچۇقىدا پۇلى بار ئادەم نامرات بۇلىشى ناتايىن،پۇلدىن باشقا ھىچنېمىسى يوق ئادەملا نامراتتۇر.4)    قانائەت پەقەت سىنىڭ پۇل تېپىش ئىقتىدارىڭ بىلەن كۆڭۈلدىكى ئارزۇيۇڭ توغرا تاناسىپ بولغاندىلاھاسىل بولىدۇ.5)    بىىر ئادەم توساتتىن باي بۇلۇپ كەتكەندە ياكى بىراقلا بىر مۇنچە پۇل زىيان تارتقاندا،ئۇنىڭ پەزىلىتى ئەڭ جىددى سىناققا دۇچ كىلىدۇ.6)    بەزىلەر پۇلنى جېنىدىن ئەزىز بىلىپ،پۇلنى دەپ ھەرقانداق ئىشتىن باش تارىتماي،گۇناھ ئىشلارنى،يامان ئىشلارنى قىلىدۇ.پۇل ئەكسىچە ئۇنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ-دە،كىشلەر تەرىپىدىن”گۇناھ مەنبەسى”دەپ ئاتىلدۇ.7)           پۇل _ناھايىتى ياخشى مالاي،بىراق ناھايىتى ئەسكى خوجايىن.8)    ئىلگىرى،ئاياللارپۇل ئۈچۈن ئەرگە تېگەتتى؛ھازىر،ئاياللار پۇل ئۈچۈن ئەردىن ئاجرىشىدىغان بولدى.9)    ھەممەيلەن ۋاقىت-پۇل دېمەكتۇر دېيىشىدۇ.شۇنداقلا دوستلار ئارا بىر بىرىدىن پۇل ئايىماسلىق مەردلىكى ئۈستىدە سۆزلىشىدۇ.لىكىن گەپ پۇل سوراشقا بېرىپ يەتكەندە،ئۇ دوستۇڭ ساڭا ۋاقىت بىرىپ تۇرۇشنى سورايدۇ.10)     پۇلنى خۇدا دەپ بىلگەن كىشى ئاخىر چۈشىدە ئالۋاستىنى كۆرۈپ قارا باسىدۇ.11)  پۇل ياكى سېنى ئۆز تۇرمۇشۇڭ بىلەن تېخىمۇ زىچ باغلايدۇ،ياكى سىنى ئۆز تۇرمۇشىڭدىن ئايرىۋىتىدۇ.12)     پۇلنى قانچىكى كۆزگە ئىلمىغان كىشى پۇلغا شۇنچە ئاچكۆز كېلىدۇ.13)     پۇل گويا ئۇغۇتقا ئوخشايدۇ،ئۇنى چېچىپ تۇرمىساڭ،ئۇنىڭ قىممىتىنى ئەسلا كۆرەلمەيسەن.14)  ئەگەر سەن بارلىق دوستلىرىڭنى رەنجىتەي دىسەڭ،ئەڭ ياخشى چارە:ئۇلاردىن پۇل سورا،ئاندىن بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولۇۋال.15)  ئاتا ئانىنىڭ بالىسىغا بىرىدىغان ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسى پۇل ئەمەس،بەلكى مۇھەببەت.ئىدىرىس بارات تەييارلىغان”جەزبىدار گۈلدەستە 10-سانى”دىن ئېلىندى.

0 comments

پىكىر بايان يوق