ھاياتنىڭ يوشۇرۇن سىرلىرى ئۇستىدە 50 سوئال


بىر كۇنى نۇشىرۋان ئادىل ۋەزىرى بۇزۇرجۈمىھر بىلەن يالغۇز قالدى.-سەن،-دېدى نۇشرىۋان  ۋەزىرگە،-ئەقىل  ۋە ھېكمەتتە زاماننىڭ داناسىسەن،شۇڭا  سەندىن ھاياتنىڭ سىررى نىھانلىرى< يۇشۇرۇن سىرلار> ئۇستىدە ئەللىك سوئال سورىماقچىمەن،تەخىر قىلماي جاۋاب بەرگەيسەن .-قۇللۇق ،-دېدى ۋەزىر ،-ئاللاھ پىكىرىمگە جاۋاب سالماقنى نېسىپ قىلغاي!نۇشرىۋان سوئالنى باشلىدى،ۋەزىر جاۋاب  بەردى.سوئال: خۇدايىتائالادىن نېمە تىلىمەك كېرەك؟جاۋاب : ياخشىلىق ۋە ئىككىلا دۇنيادا سالامەتلىك.سوئال : يول نېمىدۇر ؟جاۋاب : خۇدانىڭ ئەمىرىنى تۇتماق ۋە بەندىلىرىگە شەپقەت قىلماق.سوئال : ھاياتنى قانداق ئۆتكۈزمەك كېرەك ؟جاۋاب : خوشاللىق ۋە باشقىلارغا ئازا بەرمەسلىك.سوئال : ئۆمۇرنى قايسى كەسىپكە سەرىپ قىلماق كېرەك؟جاۋاب : تەھسىلى ئىلىمىگە< ئىلىم ئالماققا>سوئال : ئىلىمنىڭ نەتىجىسى نەتىجىسى نېمىدۇر؟جاۋاب : ئىلىم ئوقۇغۇچى بولسا ،ئۇلۇغ بولغاي،كەمبەغەل بولسا باي بولغاي.سوئال : توغرا يول نېمە بىلەن مەلۇم بولۇر ؟جاۋاب : ئىلىم نۇرى بىلەن.سوئال : دۇنيا دەپ نېمىگە ئېيتىدۇ؟سوئال : ئاخىرەتكە يارىمىغان ھەر قانداق نەرسىنى.سوئال : سۈلۈك يولىنىڭ روشەنلىكى نېمە بىلەن بولۇر؟جاۋاب : نەپىسكە غالىب كەلمەك بىلەن.سوئال : قانداق تەدبىر بىلەن نەپىسكە غالىب كەلگىلى بولىدۇ؟جاۋاب : ئۇنىڭ تەتۈرىگە ماڭماق بىلەن.سوئال : ھەممىدىن بۇرۇن كېمگە ياخشىلىق قىلماق كېرەك ؟جاۋاب : ئاتا-ئانىنىڭ ھەققىگە.سوئال : كىمگە يامانلىق قىلماق كېرەك ؟جاۋاب : ئۆز نەپىسىگە.سوئال : خۇدانىڭ خۇشلۇقى نېمە بىلەن ھاسىل بولۇر ؟جاۋاب : ئاتا-ئانىغا خىزمەت قىلماق بىلەن.سوئال : قايسى ياخشىلىق خۇدانىڭ ئالدىدا مەقبۇلدۇر ؟جاۋاب : ئاتا-ئانا،پەرزەنىت،قېرىنداشلىرىغا قىلغان ياخشىلىق.سوئال : قايسى يامانلىق خۇدانىڭ ئالدىدا ئالدىدا خاردۇر؟جاۋاب : پەرزەنىتلىرىگە دۇئايى بەد < قارغىماق> قىلماق ۋە ئاجىزلارغا زۈلۈم يەتكۈزمەك.سوئال : بەختىيار كىشىنى قانچە دەلىل بىلەن تونۇغىلى بولغاي !جاۋاب : ئۈچ دەلىل بىلەن : بىرىنچى ،ئىلىم تەلەپ قىلماق. ئىككىنچى ،ساخاۋەتلىك بولماق. ئۈچىنچى ،ئوچۇق يۈزلۈك بولماق ۋە كۈلۈمسىرەپ تۇرماق.سوئال : ھەممە ئىشنىڭ ياخشىراقى نېمە ؟جاۋاب : ئالىملار ۋە دانىشمەنلەرنىڭ سۆھبەتلىرىدىن بەھىرە ئالماق.سوئال : تونۇغۇچى كىشىنىڭ دەلىلى نېمىدۇر ؟جاۋاب : باشقىلارغا ئازار بەرمەك پىكىرىدە بولمىسا.سوئال : كەم ئازارلىق قانداق ھاسىل بولۇر؟جاۋاب : ھەممە جانلىقلاردىن ئۆزىنى كەم ۋە ناچار بىلمەك بىلەن.سوئال : بۇ خىسلەت قانداق ھاسىل بولۇر ؟جاۋاب : ئالىم  ۋە دانىشمەنلەر سۆھبىتىنىڭ بەركىتىدىن.سوئال : يوقسۇزلۇقتا نېمىنى ئىختىيار قىلماق كېرەك ؟جاۋاب : خۇدانىڭ رازىلىقىنى .سوئال : خۇدانىڭ ئىبادىتىگە كۆڭۇل نېمە بىلەن مايىل بولۇر ؟جاۋاب : ئولۇمنى يادلىماق بىلەن .سوئال : كۆڭۇل نېمە بىلەن قاراڭغۇ بولۇر ؟جاۋاب : دۇنيا مېلىنىڭ مۇھەببىتى بىلەن.سوئال : كۆڭۇل نېمە بىلەن روشەن بولۇر ؟جاۋاب : دۇنيا مېلىنى دوسىت تۇتماسلىق بىلەن.سوئال : دۇنيادا تۇرماقلىق نېمىگە ئوخشايدۇ ؟جاۋاب : بىر مۇساپىر بىر سارايغا چۈشۈپ ،كېچىنى ئۆتكۈزۈپ تاڭ ئاتقاندا كۆچكەنگە.سوئال : كىشىگە جاندىن ئېزىزراق نېمە بار ؟جاۋاب : دىندار كىشىگە ئىمان ،دىنسىز كىشىگە ئاقچا .سوئال : كىشىنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىقلىرىدىن قانداق خەۋەردار بولماق كېرەك ؟جاۋاب : مۇئامىلە بىلەن.سوئال : قايسى سۆز راسىت بولسىمۇ يالغاندەك تۇيۇلىدۇ ؟جاۋاب : ياشلىقتىكى كۈچ -قۇدىرەتنى قېرىغاندا سۆزلىمەك ۋە بايلىق راھىتىنى كەمبەغەللىكتە ھېكايە قىلماق.سوئال : دوستىنى قانداق چاغدا سىنىغىلى بولغاي ؟جاۋاب : ھاجەت چۇشكەن چاغدا .سوئال : يامان پەرزەنىت نېمىگە ئوخشايدۇ ؟جاۋاب : گويا ئالتىنچى بارماققا،ئۇنى كەسسە ئاغرىيدۇ،كەسمىسە ئەيىب .سوئال : ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئوتتۇرسىدا قانچىلىق پەرىق بار ؟جاۋاب : ئاسماندىن يەرگىچە ،ئاسماندىن ياغمىسا يەردە كۆكەرمىگەي.سوئال : مۇساپىرلىق < سەپەر قىلماق> ياخشىمۇ ياكى مۇقىملىق ؟سوئال : مۇساپىرلىق ئېقىن سۇغا ئوخشىسا ،مۇقىملىق توختام سۇغا .سوئال : گۈناھنىڭ داۋاسى نېمە ؟جاۋاب : تۆۋە قىلماق .سوئال : دۆلەتمەن كىشىگە قايسى ئەمەل ياخشى ؟جاۋاب : مۇھتاجلارغا نان بەرمەك  ۋە مېھمانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلماق .سوئال : نېمىنى كۆپ يادىلىماق كېرەك ؟جاۋاب : ئاللانىڭ نامى بىلەن ئۆلۇمنى .سوئال : رىزقى نېمىدۇر ؟جاۋاب : ساڭا يەتكەن ھەر قانداق نەرسە .سوئال : قانداق كىشىلەرنى قەيەرگە بارسىلا كىشلەر دوسىت تۇتىدۇ ؟جاۋاب : ئەدەبلىك كىشىنى .سوئال : ئۇيقۇ ياخشىمۇ ئويغاقلىق ؟جاۋاب : زالىمغا ئۇيقۇ ياخشى ،ئادىلغا ئويغاقلىق.سوئال : ئۇ قانداق كىشىدۇركى ،يۈزلەپ ئەيىپى بولسىمۇ ،كىشلەر ئۇنى ئەيىب قىلمىغاي ؟جاۋاب : سېخىي كىشىسوئال : قانچە نەرسە قايغۇنى يوقاتقاي ؟جاۋاب : ئىككى نەرسە ،بىرى ،مۇۋاپىق يولداش ،يەنە بىرى سادىق دوستىنى ككرمەكلىك .سوئال : ئاقىل كىشى كىمدۇۇر ؟جاۋاب : دۇنيانىڭ ئىگىز-پەسلىكىدىن كۆڭلىنى يېرىم قىلمايدىغان كىشى .سوئال : ئالىي ھىممەت كىشى كىمدۇر ؟جاۋاب : ئاخىرەت نېمىتىىنى دۇنيا نېمىتىدىن ئايرىغان كىشى .سوئال : قايسى كېسەلدۇركى ،تىۋىپ ئۇنىڭ ئىلاجىنى قىلىشقا ئاجىز كەلگەي ؟جاۋاب : ئەخمەقلىق ۋە ئەبلەخلىق .سوئال : قايسى ئىشنى قىلماق بىلەن جاھان ئەھلىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ ؟جاۋاب : دوسلارغا مېھرىبان بولماق  ۋە دۇشمەن بىلەن چىقىشماق بىلەن .سوئال : تىرىكلىكتىن ياخشىېاق ،ئولۇمدىن يامانراق نېمىدۇر ؟جاۋاب : تىرىكلىكتىن ياخشىراق نەرسە –ياخشى نامدۇر.ئۆلۇمدىن يامانراق نەرسە  –بەتنام < يامان نام >دۇر .سوئال : ھەممە ئەمىرلەرنىڭ ئىچىدە قايسى بىرى ياخشى ؟جاۋاب : ئاللانىڭ ېازلىقى .سوئال : تەننىڭ ساقلىقى نېمە بىلەن بولۇر ؟جاۋاب : ھەقىقى ئىشتىھا قوزغالغاندا تاماق يېمەك ۋە ئىشتىھاسى بار تۇرۇپ تاماقتىن قول يىغماقلىق بىلەن .سوئال : دوسىت كىمدۇر ؟جاۋاب : ئەيىپىنى يوشۇرۇپ ،ئارتۇقچىلىقىڭنى ئاشكارلىغان كىشى .سوئال : ئىنسان قايسى ئەمەلنى قىلماق بىلەن ھەممە كۆڭۇللەرگە ياققاي ؟جاۋاب : راسىت مۇئامىلە قىلماق  ۋە كۈلۈمسىرەپ تۇرماق بىلەن.سوئال : دۇنيا نىمەتلىرىدن قانچىسى ياخشىراقتۇر ؟جاۋاب : بىرى ياراملىق پەرزەنىت .ئىككىنچىسى ،ھالال كەسىپتىن تاپقان مال . ئۈچىنچىسى ،ياخشى قىلىق ۋە ساھىبجاماللىق .سوئال : سادىق دوسىتنىڭ ئالامىتى نېمە ؟جاۋاب : دوسىتقا يار -يولەك بولماقلىق ۋە ئۆز دوستىنى يامانلىقتىن ياندۇرماق  ۋە توسماقلىق .نۇشرىۋان ۋەزىرنىڭ جاۋابلىرىنى ئاڭلاپ ،ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇدى ۋە ئىنتايىن كۆپ ئىنئام ئاتا قىلدى.مەنبە: قىياپەتنامە ۋە سائەتنامە دېگەن كىتابدىن ئىلىندى.

0 comments

پىكىر بايان يوق