ئايال بولۇش بىر ئىلىم كېلىن بولۇش بىر سەنئەت

ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە ئانىسىدىنمۇ ئۇلۇغ ، نوقسانسىز ، كۆيۈمچان ئايال بولماس . شۇڭا ئۇلار ئانىسىنىڭ ئۆلچىمى بۇيىچە ئايالىنى دەڭسەيدۇ ، ئانىسىغا سېلىشتۇرىدۇ . ئاياللار ئەرلەرنىڭ بۇ قارشىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ . قىسقىسى ، ئېرىنى سۆيۈشنى بىلگەن ئايال چوقۇم ئالدى بىلەن ئېرىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ياخشى كۆرۈشى ، ھۆرمەتلەشنى بىلىشى زۈرۈر .

ئۇنداقتا ، كېلىن بولغۇچى قېينىئانىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ۋە مېھرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك ؟

    1. كېلىن ئېرىگە بولغان مۇھەببىتىنى دائىم قېينىئانىسىغا بىلدۈرۈپ تۇرۇش بىلەن بىللە ، خۇددى ئۆز ئانىسىدەك كۆرىدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇشى كېرەك ؛

    2 . قېينىئانىسىنىڭ ئالدىدا ئېرىنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ بېرىشى كېرەك ، چۈنكى ھەر قانداق ئانا ئوغلىنىڭ غەيۋىتىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرمەيدۇ ؛

    3 . كېلىن قېينىئاتا-قېينىئانىسىنىڭ ئالدىدا بىلەرمەلىك قىلماسلىقى ، بەزى مەسلىلەردە قېينىئانىسىنىڭ پىكرى بىلەن ئۆزىنىڭ كۆز قارشى زىت بولغان تەقدىردىمۇ قېينىئانىسىغا يول قويۇش كېرەك ؛

    4 . كېلىن ھەر ۋاقىت قېينىئانىسى تەرەپتە تۇرۇپ گەپ قىلىشى كېرەك ، ئەگەر ئېرى بىلەن قېينىئانىسى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلسە ، كېلىن چوقۇم قېينىئانىسى تەرەپتە تۇرۇپ ئېرىنى بېسىشى كېرەك . چۈنكى نۇرغۇن قېينىئانىلار ئوغلىنىڭ<<ئۆزگىرىپ كېتىش>>ىنىڭ سەۋەبىنى كېلىنىدىن كۆرىدۇ ، شۇڭا كېلىن چوقۇم قېينىئانىسىغا ئۆزىنىڭ ئۇ تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۇرۇپ قويۇشى كېرەك ؛

    5 . كېلىن قېينىئانىسىنىڭ ئالدىدا ئېرىگە بەكمۇ يېقىنچىلىق قىلىپ كەتمەسلىكى كېرەك ، بولمىسا قېىنىئانىسىدا ھەسەت قوزغاپ قويىدۇ . شۇڭا كېلىن بۇ نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك ؛

    6 . كېلىن قېينىئانىسىغا ئۆز قىزىدەك كۆيۈنۈشى ، ئۆز ئانىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشى كېرەك ، لېكىن يېقىنچىلىق قىلىپ چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك ؛

    7 . كېلىن قېينىئانىسىغا ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىكى مۇھىم ئورنىنى بىلدۈرۈپ قويۇشى كېرەك ، شۇنداق بولغاندىلا قېينىئانىنىڭ قەلبىدە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ ، ئۇلاردىن رازى بولىدۇ ؛

    8 . كېلىنى قېينىئانىسىنىڭ ئالدىدا ياغاچتەك قېتىۋالماسلىقى ، چوڭ ئىشلاردا مەيدانى مۇستەھكەم ، كىچىك ئىشلاردا دۆت بولۇۋېلىشى كېرەك ، بۇنداق بولغاندا قېينىئانا كېلىنگە ھەم قايىل بولىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ ؛

    9 . كېلىن قېينىئانىسى بىلەن ئازارلىشىپ قالسىلا ، ئېرىگە چاقماسلىقى كېرەك . ئۇنداق قىلغاندا قېينىئانا بىلەن بولغان مۇناسىۋەت يىرىكلىشىپلا قالماي ، ئېرىنىڭ غەزىۋىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ ، شۇڭا ئېرىگە قېينىئانىسى بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن كۆڭۈللۈك ۋاقىتلىرىنى دائىم سۆزلەپ بېرىشى كېرەك ، شۇندىلا ئەر ئايالىنىڭ ئىقتىدارىغا قايىل بولىدۇ ھەم ئۇنى بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك قەدىرلەيدۇ ؛

    10 . ئەگەر قېينىئانا ھەق گەپ ئۇقمايدىغان ، جاھىل بولسا ، كېلىن چوقۇم قېينىئانىسىغا ئۆزى ۋە قېينىئانىسىنىڭ ئوغلى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ، قەدىرلەيدىغان ئايال ئىكەنلىكىنى ، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلەشسە ، ئائىلىنىڭ ئومۇمى كەيپىياتىغا ، پۈتۈنلۈكىگە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشى كېرەك ؛

مەنبەئە : <<شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى>>

0 comments

پىكىر بايان يوق