كۈلىۋېلىڭ 1

ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﮬﻮﺭﯗﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺳﺎﺗﯩﺮﺍﺷﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭙﺘﯘ :
ﺳﺎﺗﯩﺮﺍﺵ: ﭼﯧﭽﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﺍﻣﺴﯩﺰ ، ﺳﺎﻗﯩﻠﯩﯖﯩﺰﻧﯩﻤﯘ ؟ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯘ .
ﮬﻮﺭﯗﻥ : ﺳﺎﻗﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﺩﻩﭘﺘﯘ .
ﺳﺎﺗﯩﺮﺍﺵ : ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺑﯧﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﯓ ﺩﯦﺴﻪ .
ﮬﻮﺭﯗﻥ : ﺑﻮﻟﺪﯨﻼ ﭼﯧﭽﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﺍﻱ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ .

چەتئەلدە ئىش ئىزدەپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺷﻪﺧﺴﻰ ﺭﺍﺯﯞﯦﺪﭼﯩﻜﻼﺭدىن مۇنداق ئىمتاھان ئالدىكەن :
-ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭖ ﻗﯩﺰ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﻐﺎ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯩﮕﯩﻠﻰ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺗﯚﻟﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ مۇناسىۋەت ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ؟
-ﺋﺎﺷﻨﯩﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖ .
-ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻗﯩﺰ ﺗﯚﻟﯩﺴﯩﭽﯘ ؟
-ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻥ .
-ﻗﯩﺰ ﻳﯩﮕﯩﺖ ئۆز ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺗﯚﻟﯩﺴﯩﭽﯘ ؟
-ﺩﻭﺳﺖ .
-ﮬﯧﭽﻘﺎﻳﺴﯩﺴﻰ ﺗﯚﻟﯩﻤﯩﺴﯩﭽﯘ ؟
-ﻗﺎﺭﺍﻗﭽﻰ .
-ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﻳﻪﭖ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﻼ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﯩﭽﯘ ؟
-ﺷﻪﺧﺴﻰ ﺭﺍﺯﯞﯦﺪﭼﯩﻚ .
-ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﯨﯖﯩﺰ .

ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻐﺎ ﻛﺎﻳﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ :
-ﻗﺎﺭﯨﯖﻪ ، ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯘ ، ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﻮﺧﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺗﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ، ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺗﻰ ﭼﻮﯓ ﺗﯘﺭﻣﺎﻣﺪﯗ ؟
-ﻣﯘﻻﺯﯨﻢ ﭘﻪﺭﯞﺍﺳﯩﺰھالدا ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﭘﺘﯘ ؟ ﺳﯩﺰ ﺋﯘ ﺗﻮﺧﯘﻧﻰ ﻳﻪﻣﺴﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﯕﺴﺎ ﺋﻮﻳﻨﺎﻣﺴﯩﺰ ؟ ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ .

بىر موماي قوشنىسىنىڭ قىزىدىن سوراپتۇ : ﺳﯩﯖﻠﯩﻢ ، ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﭼﺎﻣﯩﻤﭽﻪ 75 ﺗﯩﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﺪﯗ-ﮬﻪ ؟ ﻗﺎﭼﺎﻧﻼ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﺳﻪﺗﻪﯓ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺳﻮﻛﯘﻟﺪﺍﭘﻼ ﻳﯜﺭﯛﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﺘﯩﯟﻩﺭﺳﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻤﯩﻜﯩﻦ . دەپتۇ ﻣﻮﻣﺎﻱ :
-ﺭﺍﺳﺖ ﺩﻩﻳﺴﯩﺰ موما ، 80 ﮔﻪ يىقىنلاپ ﻗﺎﻟﺪﻯ ، ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﻮﻛﯘﻟﺪﯨﻐﯩﺴﻰ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺳﻮﻛﯘﻟﺪﺍﯞﻩﺭﻣﻪﻣﺪﯗ . ﻛﻮﭼﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﯞﯗ ﺋﯩﺘﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﯖﻪ ، ﭘﯩﻜﺎﭘﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻣﺎﻣﺪﯗ ؟ ﺋﯘ ئىت ﭘﯩﻜﺎﭘﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ﭘﯩﻜﺎﭘﻨﻰ ﮬﻪﻳﺪﻩﭖ ﻣﺎﯕﺎﻻﻣﺘﻰ ؟

بىر دېرىكتور ئايال كاتىپىغا جېكىلەپتۇ : ئەگەر سارى ئىسىملىك قىز تېلفۇن بېرىپ قالسا ، مېنى ئۇنىغا ئالغان خۇرۇم پەلتونىڭ پۇلىنى تۆلىگىلى كەتتى دەڭ .
ئەگەر بانكىدىن تېلفۇن كېلىپ قالسا ، مېنى بوغالتىر بىلەن چەك رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىۋاتىدۇ دەڭ .
ئەگەر بوغالتىردىن تېلفۇن كېلىپ قالسا ، مېنى مۇدىرىيەتنىڭ جىددىي يىغىنىغا كەتتى دەڭ .
ئەگەر مۇدىرىيەتتىن تېلفۇن كېلىپ قالسا ، خانىمىنىڭ بىر جىددىي ئىشىنى بېجىرىش تۈپەيلىدىن يىغىنغا بارالمايدىكەن دەڭ .
ئەگەر خانىمىمدىن تېلفۇن كېلىپ قالسا ، مېنى سىرىتقا چىقىپ كەتتى ، سىزنى خۇدا ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي دېدى ، دەڭ . دەپتۇ :
بۇ چاغدا كاتىپ سوراپتۇ: ئەگەر خۇدادىن تېلفۇن كېلىپ قالسا ، سىزنى ھازىر يېتىپ بارىدۇ دەيمەنمۇ ؟

بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئىككى ياشلىق ئوغلىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپتۇ . ئەر تاماق شىرەسىگە يۈز دوللارلىق پۇلدىن بىرنى ، بىر <<ئىنجىل>>نى ۋە بىر بوتولكا ھاراقنى تىزىپ قويۇپتۇ .
-بۇ نىمە قىلغىنىڭ ؟-دەپ سوراپتۇ ئايالى.
-كىشىلەر ئارىسىدا مۇنداق بىر گەپ بار-دەپتۇ ئەر چۈشەندۈرۈپ ، ئەگەر كىچىك بالا پۇلغا قول ئۇزاتسا ، كەلگۈسىدە كاتتا باي بولىدۇ . <<ئىنجىل>>نى ئالسا ، پوپ بولىدۇ ، ھاراقنى ئالسا زابوي بولىدۇ . دەپتۇ :
تاماق ۋاقتى بولغاندا ، ئايال بالىنىڭ شىرەنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ . بالا دەر ھال ئوڭ قولىنى ئۇزارتىپ يۈز دوللارنى ، سول قولىنى ئۇزارتىپ ، <<ئىنجىل>>نى ئاپتۇ . ئارقىدىن ئۇ <<ئىنجىل>>نى قولتۇقىغا قىستۇرۇپتۇ-دە ، يەنە سول قولى بىلەن ھاراق بوتولكىسىنى ئاپتۇ .
ئەر ئۇھسىنىغان ھالدا دەپتۇ : -ۋاي خۇدايىمەي ، بۇ شۇمتەك كەلگۈسىدە سىياسىئون بولىدىكەن-دە .

مىسرانىم تورىدىن

0 comments

پىكىر بايان يوق