| بىرىنچى يىلى: قەغەز توي، دەسلەپكى بىرلىشىش خۇددى قەغەزدەك نېپىز بولىدۇ. ئىككىنچى يىلى:تىرەك توي،شامالدا يوپۇرماققا ئوخشاش لىڭشىپ تۇرىدۇ. ئۈچىنچى يىلى:خۇرۇم توي،ئەۋرىشىملىككە قاراپ ماڭىدۇ. تۆتىنچى يىلى:يىپىەك توي،چىڭ يۆگەلگەن بولىدۇ. بەشىنچى يىلى:ياغاچ توي،ياغاچتەك قاتتىق بولۇشقا باشلايدۇ. ئالتىنچى يىلى:تۆمۈر توي، ئەر-خوتۇنلۇق ھېسسىيات خۇددى تۆمۈردەك مۇستەھكەم بولىدۇ. يەتتىنچى يىلى:مىس توي،تۆمۈردىنمۇ مۇستەھكەم ۋە ئاسان داتلاشمايدىغان بولىدۇ. سەككىزىنچى يىلى:ساپال توي،ساپال قاچىدەك مۇستەھكەم ھەم گۈزەل بولىدۇ. توققۇزىنچى يىلى:سۆگەت توي،خۇددى مەجتۇنتلادەك بوران-چاپقۇندا سۇنۇپ كەتمەيدۇ. ئونىنچى يىلى:قەلەي توي،قەلەيدەك يۇمشاق ھەم چىداملىق بولغاچقا ئاسان تىشىلىپ كەتمەيدۇ. ئون بىرىنچى يىلى:پولات پۇت،ئاسان داتلاشمايدۇ،شۇنىڭدەك تۆمۈردىن چىداملىق بولىدۇ. ئون ئىككىنچى يىلى:زەنجىر توي،خۇددى تۆمۈر زەنجىردەك مۇستەھكەم بولىدۇ. ئون ئۈچىنچى يىلى: كەشتىلەنگەن گۈل توي،چىداملىق بولۇپلا قالماستىن،ناھايىتى گۈزەل بولىدۇ. ئون تۆتىنچى يىلى:پىل چىشى توي،ۋاقىت ئۇزارغانسېرى شۇنچە نەپىس بولۇپ كۆركەملىشىدۇ. ئون بەشىنچى يىلى:خىرۇستال توي،سۈزۈك ھەم گۈزەللىكىدىن كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. يىگىرمىنچى يىلى:جانان چىنە توي،نۇقسانسىز سىلىق بولىدۇ،ئەمما يەرگە چۈشۈپ كەتمەسلىكى كېرەك. يىگىرمە بەشىنچى يىلى:كۈمۇش توي،كۈمۇش توي يەنى تويدىن كېيىنكى تۇنجى چوڭ تەبىرىك توي. ئوتتۇزىنچى يىلى:مەرۋايىت توي،مەرۋايىتتەك چىرايلىق ھەم قىممەتلىك بولغاچقا كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۇرىدۇ. ئوتتۇز بەشىنچى يىلى: مارجان توي، قىممەتلىك ھەم تېخىمۇ جۇلالىق بولىدۇ. قىرىقىنچى يىلى:قىزىل ياقۇت توي،قىممەتلىكىدىن ئاسان تېپىلمايدۇ. قىرىق بەشىنچى يىلى: كۆك ياقۇت توي،قىزىل ياقۇتتىنمۇ قىممەتلىك بولىدۇ. ئەللىكىنچى يىلى:ئالتۇن توي،بۇ ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ تويدىن كېيىنكى تەبىرىكلەيدىغان ئىككىنچى چوڭ تويى.ئادەتتە بۇ توينى نەۋرىلەر بىلەن بىللە تەبىرىكلىگەچكە ،كۈمۈش تويدىن كۆپ داغدۇغىلىق بولىدۇ. ئەللىك بەشىنچى يىلى:چەش توي،بەكمۇ قىممەتلىك . ئاتمىشىنچى يىلى:ئالماس توي،ئاز ئۇچىرايدۇ دېيىشكە بولىدۇ.شۇڭا،بۇ توي ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئەڭ داغدۇغىلىق تويىدۇر. تەيارلىغۇچى مۇنىردىن تۇنياز |
توينىڭ يېشى
پىكىر بايان يوق
0 comments