ساغلام ئائىلىلەرنىڭ ئۆلچىمى

            ساغلام ئائىلە كىشىنى شاد _ خوراملىققا ، جۇشقۇنلۇققا ، ئىجادچانلىققا ئىگە قىلىدۇ .ساغلام ئائىلىلەر توۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم .
            1 .  ئائىلە ئەزالىرى ناھايتى ئىناق ئۆتۈشى ، ئۆز – ئارا ئىشىنىشى ، بىر – بىرىگە تايىنىشى لازىم .
            2 .  ئائىلە ئەزالىرى ئائىلە ئەمگىگىنى ئاكتىپ ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى ، بىر – بىرىگە ئىتتەرمەسلىكى لازىم .
            3 .  ئەر -خوتۇنلار ئۆز – ئارا ھۈرمەتلىشى ، بىر نىيەت ، بىر مەخسەتتە بولۇشى ،  ئۆز – ئارا مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە قوللېشى لازىم .
            4 .  ئائىلىدە خوشاللىق ، يۇمۇرلۇق كەيپىيات بولۇشى ، كىشىگە ئازادە ۋە جۇشقۇنلۇق تۇيغۇسى بېرىدىغان مۇھىت يارىتىلىشى كېرەك .
            5 .  ئائىلە ئەزالىرى سۆز – ھەىكەتتە بىردەك بولۇشى ، گەپ _ سۆز ۋە يۈرۈش تۇرۇشتا مەدەنىي بولۇشى لازىم .
            6 .  ئائىلە ئەزالىرى باراۋەر بولۇشى لازىم .
            7 .  بالا تەربىيەلەشتە ئۆزى ئۈلگە بولۇشى ، ئىلمىي تەربىيەلەش ئوسۇلىنى قوللۇنۇشى ، بالىنىڭ .ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بىرىشى كېرەك .
            8 .  قىيىنچىلىققا يولۇققاندا  بىر نىيەت ، بىر مەخسەتتە ھەمكارلىشىپ قىيىن ئۆتكەلدىن ئورتاق ئۆتۈشى ، قول قۇۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرماسلىقى ،  ئۆز – ئارا ئاغرىنماسلىقى لازىم .
            9 .   ئائىلىدە ئارام ئالغاندا ئۆز – ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشى ، ھەرخىل مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ تۇرۇشى لازىم .
          10 .  ئائىلە ئەزالىرى بىر – بىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ھۈرمەت قىلىشى لازىم .

0 comments

پىكىر بايان يوق