بۇرۇن ئەجداتلىرىمىز، خانىم – قىزلىرىمىز توغۇرلۇق قىممەتلىق ماقال تەمسىللەرنى ئوتتۇرغا قويغان . شۇ ئارقىلىق خانىم قىزلىرىمىزنى تەربىيەلىگەن .ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى رولىنى مۇئايەنلەشتۈرگەن . مەن بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ تۆۋەندىكى ماقال تەمسىللەرنى سىلەرگە سۇندۇم .
1. ئاياللارنىڭ مۇھىم ئورنىنى ئىپادىلىگەن كۆز قاراشلار ؛
‹‹ تىرىكچىلىكنىڭ بەركىتى ياخشى خۇتۇن بىلەن ›، . ‹‹ ياخشى خۇتۇن ئەرگە دۆلەت ›› . ‹‹ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خۇتۇن ، يەر قىلغانمۇ خۇتۇن ›› . ‹‹ خۇتۇن يوقنىڭ خۇنى يوق ›› . ‹‹ ياخشى خۇتۇن يامان ئەرنى ئەر قىلار ، يامان خۇتۇن ياخشى ئەرنى يەر قىلار ›› . ‹‹ ئاتاڭنىڭ باغ ھويلىسى بىلەن قالغۇچە ، ئاناڭنەڭ پىلتە سىۋىتى بىلەن قال ›› . ‹‹ ئوغاق تۇتۇپ ئاتاڭ قالغىچە ، ئويماق تۇتۇپ ئاناڭ قالسۇن ›› . ‹‹ ئۆيۇڭنى گۈل قىلغانمۇ خۇتۇن ، كۈل قىلغانمۇ خۇتۇن .›› . ‹‹ ئالتۇن باش ئاتاڭ بىلەن قالغۇچە ، پاخما باش ئانال بىلەن قال ›› . ‹‹ ئايال كىشى ئۆينىڭ زىننىتى ›› .‹‹ تالادىكى ئاي جامالدىن، ئۆيۈڭدىكى ھەلىمە پاخپاق ياخشى ›› . ‹‹ ئۆينىڭ بەركىتى خۇتۇندىن ›› . ‹‹ ياخشى خۇتۇن ئەرنى تۈزەيدۇ ››.
2. ئاياللارنىڭ ئائىلىدە پاسسىپ ئىدىيېسىدىكى كۆز قاراشلار .
‹‹ خۇتۇن كىشى تۆت تامنىڭ قۇلى ›› . ‹‹ خۇتۇن كىشىنىڭ چىچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا ›› . ‹‹ خۇتۇن كىشىنىڭ ھېلىسى قىرىق ئىشەككە يۈك ›› . ‹‹ خۇتۇنغا ئىشەنمە قۇمۇشقا يۈلەنمە ›› . ‹‹ خۇتۇن ئالساڭ بايدىن ئال پۇلۇڭغا پۇل قۇشۇلار ، يەر ئالساڭ سايدىن ئال يېرىڭغا يەر قۇشۇلار ›› . ‹‹ ئىت ۋاپا ، خۇتۇن جاپا ›› . ‹‹بىشەم خۇتۇن بەش كۈلۈك ، بىزەڭ يولداش بىر كۈنلۈك›› . ‹‹ ئات ئالساڭ ئاي كېڭەش ، خۇتۇن ئالساڭ يىل كېڭەش ›› . ‹‹ قىز ئال توي قىلغان يەردىن ، بىر ئۆي ئال ئۆي قىلغان يەردىن ››. ‹‹ خېنىمنىڭ قېشىغا قارىماي . جىسمىنىڭ ئىچىگە قارا ›› . ‹‹ ئىشچان خۇتۇن سەھەر تۇرۇپ چىچىنى تارايدۇ ، ھورۇن خۇتۇن ۋاخچە قوپۇپ كۇلۇڭنى كولايدۇ ›› . ‹‹ پالاكەت خۇتۇن ئولتۇرسا ئۇچاق ئۆرۇيدۇ ، قوپسا مورىنى ›› . ‹‹ بۇ خېنىملىڭ ئۇزلىقى ، ئاپتاپتا قاپتۇ تۇزلىقى ›› . ‹‹ چېچەن خۇتۇننى ئۇچاق بېشىدا سىنا ›› . ‹‹ ئاشنى بۇزۇپ ئۇماچ قىلدى ، ناننى بۇزۇپ كۈمەچ قىلدى ›› . ‹‹ بەرمەسنىڭ ئىشى پىشماس ، بەرمەسنىڭ قازان بىشىدىن چۈشمەس ›› . ‹‹ ئېرىڭدىن يامانلىغىچە ،ئەيىپىڭدىن يامانلا ›› ‹‹ خۇيى بار قىز ئۆي تۇتالماس ›› . ‹‹ ئۆي تۇتماس خۇتۇننىڭ جىدىلى تولا ›› . ‹‹ ئاختامنىڭ چالمىسى يامان ، خۇتۇننىڭ لالمىسى ››.‹‹ خېنىمنىڭ قېشىغا قارىماي ، تاۋىقىنىڭ تېشىغا قارا ›› . ‹‹ سارىخان ئاچام ئۆيدە ، ئەخلەت كۈلى تۆردە ›› .
3. قىزلار توغۇرلۇق كۆزقاراشلار .
‹‹ قىزنىڭ ياخشىسى كېلىن بولغاندا ›› . ‹‹ كىلىڭنى كەلگەندە كۆر ، پۆكنى كېيگەندە كۆر ›› . ‹‹كېلىن بولسىڭىز كېلىڭ ، بولمىسىڭىز كېتىڭ ›› . ‹‹ ئاتىسى ئۇرۇشقاقنىڭ ئوغلى ئۇرۇشقاق ، ئانىسى ئۇرۇشقاقنىڭ قىزى ئۇرۇشقاق ›› . ‹‹ قىزنىڭ تەربىيېسى باشتا قاتتىق بولسا ، كەينى تاتلىق بۇلىدۇ ›› . ‹‹ كالاڭغا كۆڭۈل بۆلگىچە، قىزىڭغا كۆڭۈل بۆل ›› . ‹‹ ئەركە بالا جانغا جازا ،چوڭ بولغاندا بالا قازا ›› ‹‹ئانىسى ماختىغان قىزنى ئالماي ، خوشنىسى مخىتىغان قىزنى ئال›› .‹‹ چىرايلىق يۈزدە ئەمەس سۆزدە ›› .
مەنبە:ماقال تەمسىللەردىن
0 comments