| ياش ئەر – خوتۇنلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مەيل ۋە ئىشتىياقى ئۇرغۇپ تۇردىغان بولغاچقا ، ئۇلار ھەتتا ئۇخلىغاندىمۇ بىر ئورۇندا يېتپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ . ئۇلار نىكاھ ئاساسىدا يېقىنچىلىق قىلغانىكەن ئۇلارنىڭ قانداق يېتىپ ، قانداق قوپۇشى ئۆزنىڭ ئىشى . بۇ ئارلىشىدىغان ئىشمۇ ئەمەس . ئەمما ئىلمىي ، دىننىي ، پەننىي ئاساس بولغان ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى تەكىتلەپ قويۇش ھەرگىز ئارتۇقچە ئىش ئەمەس . ھۆكۈمالارنىڭ قارشىچە ئەر -خوتۇنلارنىڭ دائىم بىرگە ئۇخلاپ ئادەتلىنىشى ياخشى ئىش ئەمەس ئىكەن . گەرچە بۇ خىل يېتىش ئادىتى كىشىگە خاتىرجەملىك ،بەخت تۇيغۇسى ئاتا قىلىپ ،ئۇيقۇنىڭ شېرىنلىق دەرجىسىنى ئاشۇرسىمۇ ، ئەمما مۇئەييەن يامان تەسىرمۇ بار ئىكەن . بۇلار تۆۋەندىكىچە : ئەر -خوتۇنلار ئىزچىل بىرگە ئۇخلاشنى ئادەت قىلغاندا بارا- بارا يالغۇز ياتسا ئۇيقۇسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. تۇرمۇشتا 365 كۈن بىرگە بولىمەن دېيىش مۇمكىن ئەمەس . ئەرلەر سەپەرگە چىقىدىغان ،ئاياللار تۇغۇپ ياتىدىغان ياكى ئاغرىپ يېتپ قالىدىغان ئەھۋاللار ناھىيىتى كۆپ كۆرۈلۈپ تۇردۇ . ئەر -خوتۇنلار بىرگە ئۇخلاپ ئەدەتلەنسە ، بۇنداق چاغلاردا يالغۇز يېتپ ئۇيقۇسى كەلمەيدىغان ، يېندا كىملەرنىڭدۇ بىللە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ قالىدىغان بولۇپ قالىدۇ ھەمدە يامان ئوي – خىياللارغا بېرلىپ ئوڭايلا باشقا يامان نىيەتلەردە بولۇپ سالىدۇ . بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ تۇغۇت مەزگىلىنىڭ ئالدى -كەينىدە ئايالى بىلەن بىرگە ئۇخلاپ ئادەتلەنگەن ئەر ئۇچرايدىغان بېسىم كۈچىيىپ كېتىدۇ ۋە ئەرلەرنىڭ تالاغا قاراپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ . 2. بىر – بىرىگە بولغان ھېسسىيات سۇسلاپ كېتىدۇ. ئەر – ئاياللار بىرگە ئۇخلىغان ئىكەن ، بەدەنىڭ بىر -بىرىگە تېگىپ تۇرشى ، نەپەس ، چاچلارنىڭ غىدىقلىشى …. دېگەندەك بىر – بىرىنىڭ نەپسى ، ھېسسىياتىنى ئويغىتىدىغان ھەركەتلەر جەزمەن بولۇپ تۇردۇ . دېمەككى ، بىرگە ئۇخلاپ ئادەتلەنگەن ئەر – خوتۇنلارنىڭ ھېسسىياتى ئىزچىل قوزغۇلۇش ھالىتىدە تۇردۇ . بۇ خىل ھالەت ئۇزاق داۋاملاشسا ئەرلەردىكى مەزى بېزى كېسەللىكى ۋە سۆزنەك ، سىفلىس ، مەني بالدۇر كېتىش ، مەنىي تۇتالماسلىق دېگەندەك بۈگۈنكى زامان ئەرلىرىنى قىيناپ كېلىۋاتقان مەرەز كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىپ قويدۇ . ئۇنىڭ ئۇستىگە بىرگە ئۇخلاش ئادەتكە ئايلانسا ،بارا -بارا -ئەر خوتۇنلارنىڭ تېنى ئۇچراشسىمۇ يات ،غەيرىي ،ئۆزگىچە سېزىم پەيدا بولمايدۇ . يەنى بىر -بىرىگە ئىزچىل سۈركىلىپ تۇرغان تەنلەر قاشاڭلىشىپ كېتىدۇ – دە ھېسسىيات لازىم چېغىدا ئەسقاتماي ئەر -خوتۇننى تەڭلا ئازابلايدۇ ،رۇھىي بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ . ھېسسىياتنى تۇك ئېقىمىغا زەرەتكە ئۇخشىتىش مۇمكىن .ئىككى ۋۇجۇدىنى سىلكىنىش روھىي سوقۇلۇش زىلزىلىگە ئېلىپ كېلەلمىسە ،ئەر – خوتۇنلارنىڭ قوشۇلىشىدا لەززەت ئەمەس ھەسرەت ۋە تەم ئەمەس غام قالىدۇ . بەدىنىڭىزدىكى قىمەتلىك قۇۋەت ،زەرەتلەرنى ئاسراڭ ئۇ قالايمىقان ئېقىپ خوراپ كەتمىسۇن . توك بېسىمى تۆۋەن كېلىپ قالسا ماتۇرمۇ ئايلانمايدۇ …. ئەرلەرنىڭ ھېسسىياتى تولا قوزغىلىپ تولا قايتسا بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالدۇر .ھېسسىياتى تولا قوزغىلىپ تولا قايتقان ئەرلەرنىڭ بورىكى شىدەت بىلەن ئاجىزلاپ كېتىدۇ -دە يىلىك ،قان سوۋۇيدۇ ، جەڭگىۋارلىقى سۇسلىشىپ ،تىندە ماغدۇر قالمايدۇ .سوغۇق تەرلەيدۇ . ئۆرە تۇرسا ئۇلتۇرغۇسى ، ئۇلتۇرسا ياتقۇسى كېلىدۇ .ئىش خوشياقمايدۇ .روھى چۈشكۈن ،ئېزلەڭگۈ غەمكىن بولۇپ قالىدۇ. ئىسلامنىڭ ئاياللارنىڭ سىرىتقا چىقىشىنى، يات ئەرلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇشىنى ،تەن -ئەزايىنى ،زىننەتلىرىنى ئۇچۇق قويۇشنى چەكلىشىدە ئەرلەرگە بولغان ئىنتايىن زور كۆيۈنۈش بولسا كېرەك . چۈنكى ئەرلەر بوشىسا جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي تەڭپۇڭلۇقى شۇ زامانلا بۇزۇلىدۇ بۇ بىر ھەقىقەت ، تارىخ تالاي رەت ئىسپاتلىغان ھەقىقەت . بۇرادەر ،ئۆز ئايالىڭىز بىلەنمۇ مۇۋاپىق چەك ئىچىدە يېقىنلىشىڭ .ئۇنىڭ بىلەن سۈركىلىپ تۇرۇشنى ، بىرگە ئۇخلاشنى ئادەتكا ئايلاندۇرۇۋالماڭ . بولمىسا سىز كاردىن چىقىپ ، ئايالىڭىز قۇتراپ كېتىشى ، بارا – بارا سىزگە قانائەت قىلماي يات ئەرلەرگە تەلمۈرۈپ قارايدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن . شۇڭا قىممەتلىك تۇيغۇلارنى ئەتىۋارلاڭ .ئۇنى گۆھەرنى ئاسرىغاندەك ئاسراڭ . ئەر -خوتۇنلار ئارسىدىكى مۇنداق تۇيغۇ خوراپ كەتسە ياكى قالايمىغان ئىشلىتىلسە ئۇنى باشقا نەرسە ، ۋاستىلار بىلەن تولدۇرۇۋېلىش قىيامەت مۈشكۈلدۇر . كۆزۈڭنى ئاچ ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر………………….. مەنبە:ئەرلەرگە 101 تەكلىپ |
ئايرىم يېتىپ ئادەتلىنىڭ
A WordPress Commenter
13/01/2025 at 11:47
Hi, this is a comment.
To get started with moderating, editing, and deleting comments, please visit the Comments screen in the dashboard.
Commenter avatars come from Gravatar.
One comment