نىكاھ ۋە ئائىلە

سىز كاتېگورىيە بېتىدە
خوتۇن ئېلىش ھەققىدە

بۇ بىر قوغدالغان يازما بولغاچقا بۇ يەردە ئۈزۈندە يوق.

تەپسىلاتى
ساغلام ئائىلىنڭ ئۆلچىمى

        ساغلام ئائىلە كىشىنى شاد-خوراملىققا، جۇشقۇنلۇققا، ئىجادچانلىققا ئىگە قىلىدۇ. ساغلام ئائىلە تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:  1- ئائىلە ئەزالىرى ناھايىتى ئىناق ئۆتۈشى، ئۆز- ئارا ئىشىنىشى، بىر – بىرىگە تايىنىشى كېرەك.  2- ئائىلە ئەزالىرى ئائىلە ئەمگىكىنى  ئاكتىپ ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى، بىر- بىرىگە ئىتتىرمەسلىكى كېرەك.3- ئەر- خوتۇن ئۆز-ئارا ھۆرمەرلىشىشى ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇشى، ئۆز […]

تەپسىلاتى
تۇرمۇشنى  باياشات ئۆتكۈزۈش ئۆزىڭىزگە باغلىق

    بىر دوستۇمنىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا تۇرمۇشتىن زارلىنىپ : «بۇنداق ئوقۇپ نېمە جاپا، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن تەلىيىمىز كېلىپ قالسا بىر نەچچە مىڭ يۈەن ئۈچۈن قۇل بولۇپ ئىشلەيدىغان گەپكەن، مەن نىمە دېگەن بىتەلەي، ئەگەر پۇلى بار، باي- باياشات ئائىلىدە تۇغۇلغان بولسام ، ئوقۇشنىڭ نېمە ھاجىتى » دەپ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدىن زارلانغانلىقى ھېلىھىەم ئېسىمدە.   باياشات تۇرمۇش […]

تەپسىلاتى
كۈلۈش- ھەقسىز ھۆسىن دورىسى

تەتقىقاتتا ئېنىقلىنىشچە، كۈلۈش جىسمانىي ۋە روھى ساغلاملىقنى ئاشۇردىكەن.  كۈلگەندە جاۋغاي بىلەن ياڭاق سۆڭەكتىكى مۇسكۇللار ھەركەتلىنىپ، ئېغىز ۋە كۆزنى يۇقىرىغا كۆتىرىدىكەن. يۈز قىسمىنى بۇنداق ئۇۋۇلاش يۈز تېرىسىنىڭ بوشۇشۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن .بىر قېتىملىق كۈلكە 17 مۇسكۇلغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، بىر قېتىملىق قاقاقلاپ تېلىقىپ كۈلۈشنىڭ رولى 15 مىنۇت بەدەن چېنىقتۇرغاندىنمۇ چوڭ بولىدىكەن . بىر مىنۇتلۇق كۈلكە 45 مىنۇتلۇق بوشاشتۇرۇش […]

تەپسىلاتى
بىزگە قانداق قىزلار كېرەك

ئانا بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە، بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ . شەرىم- ھايالىق، ئەخلاقلىق، پاك دىيانەتلىك بولۇش قەدىمدىن تارتىپ قىز- ئاياللارغا قويغان ئەخلاق ئولچىمىدۇر.نۆۋەتتە ھاراققا بېرىلىش قىسمەن قىزلىرىمىز ئارىسىدا ئەۋج ئېلىپ ، جەمئىيىتىمىزدە « ئىچەرمەن قىزلار » توپىنى شەكىللەندۈرۈپ قويماقتا.ئا xx مەلۇم ئۇنۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەن، ھازىرچە ئىشسىز .    نىمە سەۋەبتىن ھاراق ئىچىدىغان بولۇپ قالدىڭىز ؟ مەكتەپ […]

تەپسىلاتى
نىكاھ

گۈلبوستان ئابدۇرېھىم  نىكاھ مۇھەببەتنىڭ نازۇك سىناقلىرىدىن دادىل ئۆتەلىگەن، بىر – بىرىگە ھەقىقىي كۆيەلىگەن، ئەقىدە – ئىشتىياق بىلەن سۆيەلىگەن قەلب ئىگىلىرىنىڭ ئىللىق ئۇۋا قۇرۇش مۇساپىسىدىكى ۋىسال مەنزىلگاھىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى، ئۇھسىنىشلار بىلەن تولغان بىسەرەمجان كېچىلەرنىڭ ھىجران پەردىسىنى يىرتىپ تاشلىغۇچى…   نىكاھ ئوخشاش يولدا ماڭغان، ئوخشاش ئوتتا كۆيگەن قەلبلەرنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزىنى چاراقلاتقۇچى، خىرە كۆزلەرنى نۇرلاندۇرغۇچى، غەمناك كۆڭۈللەرنى ئاۋۇندۇرغۇچى، مەنىۋى مۇكەممەللىك، […]

تەپسىلاتى
ئاجىرشىشىقا ئائىت قىزىقارلىق بەلگىلىمىلەر

  ئېكۋادۇر : ئەر- ئايال ئاجىرشىدىغان چاغدا ، ئۈچ كۈن تاماق يېمايدىكەن ، تۆتىنچى كۈنى ئەتىگەندە شۇ يەردىكى ئابرويلۇق مويسىپىتنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۈچ كۈن تاماق يېمىگەنلىكىنى تەكشۈردىكەن . ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۈچ كۈن تاماق يېمىگەنلىكى راست بولۇپ  چىقسا، ئاجىرشىش تەلىپى قوبۇل قىلىنىدىكەن، ئۈچ كۈن تاماق يېمىگەنلىكى يالغان بولۇپ چىقسا، مويسىپىت ئۇلارنى مەڭگۈ ئاجراشماسلىققا بۇيرۇيدىكەن .   ئەنگىلىيە : ئەر-ئايال […]

تەپسىلاتى
مۇسۇلمان ئەرنىڭ ئايالىغا ئۆتەشكە تىگىشلىك مەجبۇرىيىتى

مەنبەسى: دىن ۋە ھاياتسۇئال : ئەر كىشىنىڭ ئايالىغا ئۆتەشكە تىگىشلىك بۇرچى قايسىلار؟جاۋاپ : ئەر كىشىنىڭ ئايالىغا ئۆتەشكە تىگىشلىك بۇرچى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ :(1) ئەرنىڭ ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى ، ئۇنىڭغا ئازار بەرمەسلىكى ، ئۇنى ئاسرىشى ، پۈتۈن مۇھەببىتى ۋە سۆيگۈسىنى ئۇنىڭغا بىغىشلىغان ھالدا ، ئۇنىڭغا ھەر ئىشتا مىھرىبانلىق كۆرسىتىشى .(2) ئايالىنىڭ بەزى خاتالىقلىرىغا بولۇپمۇ ئايالىنىڭ مىجەزى […]

تەپسىلاتى
ھاياتىڭىزدا ئەپسۇسلانماي دېسىڭىز

سىز مۇھىتنى ئۆزگەرتەلمەيسىز، بىراق ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز.    ياش بولغىنىمىز ئۈچۈن بېشىمىزدىن بەزىبىر سەرگۈزەشتىلەرنى ئۆتكۈزىمىز. مەسىلەن، مۇھەببەت، دوستلۇق دېگەندەك. ھېچقانداق ئادەم ھەربىر كۈنىنى مەڭگۈ خۇشال-خۇرام ۋە بەختلىك ئۆتكۈزۈپ بولالمايدۇ. ھېچقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ قەيسەرلىكى ۋە ئاجىزلىقىغا بىمالال ھالدا يۈزلىنەلمەيدۇ. سىزنى تاۋلايدىغىنى كەچمىش بىلەن ئازاب-ئوقۇبەت. سىزنى بەختلىك قىلىدىغىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن مېھرىبانلىق، سىزنى خاتىرجەم قىلىدىغىنى چۈشىنىش ۋە ئىشەنچ.  […]

تەپسىلاتى
بىر ئۆمۈر قەدىرلىشىڭىزگە ئەرزىيدىغان كىشىلەرنى بىلەمسىز

سىز ھەقىقى سۆيدىغان ئادەمنى ئۇچراتقىنىڭىزدا، ئۇنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈڭ ھەم ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىز قىلىڭ. چۈنكى ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز ، كىيىن پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ .                                    ئىشەنچىلىك دوسىتنى ئۇچراتقىنىڭىزدا، ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ئۆتۈڭ. چۈنكى ، ئادەمنىڭ ئۆمرىدەئۇچرايدىغان سىرداش دوستى ھەقىقەتەن كۆپ ئەمەس .     […]

تەپسىلاتى
ئەقىللىق ئاياللار ئائىلىۋىي بەختنى قانداق يارىتىدۇ

ئاياللار ئائىلىنىڭ بەختىنى بەرپا قىلغۇچى ئۇلۇغ شەخس. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ چېچەن- چىۋەرلىكى، چەكسىز مېھىر- مۇھەببىتى ۋە ئىللىق چېھرى ۋە ئەقىل- پاراسىتى بىلەن ئائىلە ئەزالىرىغا خۇشاللىق بېغىشلىغۇچىلاردۇر.   كۆپ جەھەتلەردە ئوخشايدىغان ئايرىم جەھەتلەردە پەرقلىنىدىغان ئاياللار.تويدىن كېيىن تۇرمۇش ئادىتى، خاراكتېرى، قىزىقىشى ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئادەم بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئەگەر ئايال ئېرىنى ئۆزىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزگەرتمەكچى بولسا، ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ […]

تەپسىلاتى
يامان ئەخلاق ۋە ئۇنىڭ دورىلىرى

مۇسۇلمان ئەڭ ئاۋۋال قەلبىنى پاكىزلىشى لازىم. چۈنكى قەلب پۈتۈن بەدەننىڭ رەئىسىدۇر. پۈتۈن ئەزالار قەلبنىڭ ئەمرى ئاستىدا بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم« ئىنسان بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بار. ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن ئەزالار بۇزۇلىدۇ ئۇ تۈزەلسە پۈتۈن بەدەن تۈزۈلىدۇ. ئۇ بولسا قەلبتۇر.»دېگەن. يەنى پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەن بۇ نەرسە يۈرەكنىڭ ئىچىدىكى كۆڭۈلدۈر. ئۇنىڭ ساقلىقى يامان ئەخلاقلاردىن […]

تەپسىلاتى
گۇناھكار ئاياللارنىڭ ئۇ دۇنيادىكى ھالى

بۇ بىر قوغدالغان يازما بولغاچقا بۇ يەردە ئۈزۈندە يوق.

تەپسىلاتى
ئاياللار نېمىشقا ئۆزگىرىشچان

ئەرلەرنىڭ ئەڭ چۈشەنمەيدىغىنى ئاياللارنىڭ ئۆزگىرىشچان خاراكتېرى بولسا كېرەك.ئۇنداقتا،ئاياللارنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقىغا قانداق پىسخىكا سەۋەپ بولىدۇ؟ئاياللارنىڭ خاراكتېرى ناھايىتى مۇرەككەپ بولىدۇ.ئەلۋەتتە، ھەممە ئايالنىڭ ئەرلەرگە  تۇتقان پوزىتسىيەسى بۇنداق ئۆزگىرىشچان بولۇشى ناتايىن ، بۇ ئادەمگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ.خىزمەت مۇناسىۋىتىدە ئاياللار ئەرلەرگە ئاساسلىقى ئىجتىمائىي سالاھىيىتى نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ،ئەرلەر  بۇ چاغدا ئاياللارنى تولىمۇ غەرەز ئۇقىدىكەن،دەپ قارايدۇ،قىسقىسى،نورمالسىز تەرەپنى ھېس قىلمايدۇ.ئاياللارنىڭ ئۆزگىرىشچان خاراكتېرى ئەرلەر بىلەن ئاياللىق سالاھىيتى […]

تەپسىلاتى
ئەر كىم؟ ئايال كىم؟

مەزكۇر يازما تاتار ئالىمى رىزائىددىن ئىبنى فەخرىددىننىڭ <<ئىلمى ئەخلاق>> ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. بۇ كىتابنى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2006-يىلى8-ئايدا نەشر قىلغان. توي – نىكاھ دۇنيادا ياشىغۇچى ئادەملەر ئەگەر تېنى سالامەت بولسىلا، ئۆزىگە ئۆمۈرلۈك جورا تاللىشى زۆرۈر، بۇ ھەممە ئادەمگە مەلۇم. كىشىلەر بازارغا بارغان چاغلىرىدا ھەمراھىنىڭ ياخشى، ئۆزىگە يارايدىغان بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. كۆڭلىگە ياقمىغان ئادەم بىلەن بىللە […]

تەپسىلاتى
ئائىلىنى بەختلىك قىلىدىغان ئامىللار

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك تورداشلار! تۆۋەندە سىلەرگە قانداق قىلغاندا ئائىلىدە بەختلىك بولغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمەن. ئوقۇپ بەھرىمەن بولغايسىلەر. ئىسلام دىنىدا ئائىلە بىناسى ئۈچ چوڭ ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. بۇ ئاساسلار ئائىلىنى بەختلىك، ھوزۇرلۇق ۋە خاتىرجەم قىلىدىغان مەنىۋىي ئامىللاردۇر. بۇلار جانابى ئاللاھ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان سانسىز رەھمەتنىڭ نەتىجىلىرىدۇر. بۇ ئاساسلار تېپىلمايدىغان ئائىلىلەردە ھوزۇرمۇ، خاتىرجەملىكمۇ بولمايدۇ. ھالبۇكى ئائىلە […]

تەپسىلاتى
سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش

ئۆزىنى سۆيەلىگەن كىشى باشقىلارنى سۆيۈشنى بىلىدۇ. ھاياتقا كۈلۈپ باقالىغان كىشى، مۇقەررەركى ھايات ۋە تۇرمۇشقا نىسبەتەن تولۇپ – تاشقان ھاياتىي كۈچكە ئىگە كىشىدۇر. ئۆزىنى قەدىرلەشنى، سۆيۈشنى بىلمىگەنلەر باشقىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، باشقىلارغا مېھىر – مۇھەببەت بېرەلمەيدۇ.   بىر پەيلاسوپ شەھەر سىرتىدا سەيلە قىلىۋېتىپ، يىغلاۋاتقان بىرەيلەنگە ئۇچراپتۇ. پەيلاسوپ ئۇنىڭدىن نېمىگە شۇنچە ئازابلىنىدىغانلىقىنى سورىسا، ئۇ‹‹مۇھەببەتتىنمەھرۇم قالدىم›› دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. […]

تەپسىلاتى
 پەيغەمبەر ئەلەيھسالامغا كەلگەن ۋەھىينىڭ باشلىنىشى توغىرسىدا

مۆئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھارىس ئىبنى ھىشام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلدۇكى،ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامدىن:ئى رەسۇلۇللاھ،ساڭا ۋەھىي قايسى رەۋىشتە كىلىدۇ؟دەپ سورىدى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۇنىڭغا جاۋابەن:ۋەھىي ماڭا گايىدا قوڭغۇراق ئاۋازىدەك جاراڭلىق كىلىدۇ،بۇ خىلى ماڭا ئەڭ قىيىن تۇيۇلىدۇ،پەرىشتە مەندىن ئايرىلدۇ-دە،ئۇنىڭ ئىيتقانلىرىنى ئىسىمگە ئىلىۋالىمەن،گايىدا پەرىشتە ماڭا ئىنسان سۈرىتىدە بولۇپ سۆزلەيدۇ،ئۇنىڭ ئىيتقانلىرىنى ئىسىمگە ئىلىۋالىمەن،دىدى.ئائىشە مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا قاتتىق سوغۇق كۈنلەردە ۋەھىي […]

تەپسىلاتى
مۇھەببەت ھايا بىلەن مۇھەببەتتۇر

يېقىندا بىرقانچە دوستۇم بىلەن بىر ئولتۇرۇشتا بىللە بولۇپ قالدىم، بىر چاغدا سۆز تېمىمىز مۇھەببەت ۋە نىكاھ مەسلىلىرىگە كېلىپ توختىدى._ھازىر جەمئىيتىمىزدىكى قىسمەن قىزلار ۋاپاسىز ھەم ھاياسىز بولۇپ كەتتى، ئۇلار مۇھەببەت ۋە نىكاھنى ئويۇن قاتارىدا كۆرىدۇ، ئۇ ئايدا بىر يىگىت بىلەن يۈرسە، بۇ ئايدا يەنە بىر يىگىت بىلەن يۈرىدۇ، ئۇلار تەپ تارىتماستىن ئاممىۋى سورۇن، ئاپتوبۇس ھەم كوچا-كويلاردا […]

تەپسىلاتى
ئەر+ئايال= ھەقىقىي تۇرمۇش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىنى  قەلەم تەۋرىتىشكە قىستىغان بىرقىسىم ئىشلارنى سىلەر بىلەن بىللە مۇلاھىزە قىلىشنى توغرا تاپتىم . قۇلاق سالغايسىلەر .. ھازىر جەمىيەتدە ئاجىرشىش ، كىچىك توي قىلىش ، بالدۇر رەسمىيەتنى ئۆتۈش ،قاتارلىق بىرقىسىم ناچار ئىشلار يۈز بىرىۋاتىدۇ ، بۇ ئىشلاربەك ئەۋج ئەپ كەتتى بولۇپمۇ جەنۇپتا ….. شۇنى بىر ئويلىنىپ بىقىشقا تىگىشلىك مەسىللەرنى ئوتتۇرغا قويماقچىمەن . 1 – كىچىك […]

تەپسىلاتى
مۇھەببەت ۋە ئەر -خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى توغرىسىدا

مۇھەببەت ئەسلى ياشانغاندا يېتىلىدۇ   . ھەقىقى مۇھەببەتتە مۇزدا قىزىلگۈل ئۈنىدۇ  ، تاشمۇ مىۋە بىرىدۇ  . بۇنداق مۇھەببەتتىن گۈلدۈرماما مۇزىكىغا ئايلىنىدۇ  ، چاقماق مەڭگۈلۈك يۇرۇقلۇق بىرىدۇ  . بالىنىڭ ئۆگىيى بولىدۇ ئەمما ئايالنىڭ ئۆگىيى بولمايدۇ  . ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن ، ئەرنى يەر قىلغانمۇ خوتۇن  . مۇھەببەت  – دۇتار  ، ئېھتىيات قىلىپ تۇتمىساڭ ، تارىسى ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ  . تەشەببۇسكارلىق ئەركەكتىن باشلىنىشى  كېرەك   ، چۈنكى بۇلبۇلنىڭمۇ ئەركىكى سايرايدۇ  – […]

تەپسىلاتى
روزا تۇتقۇچى ئۈچۈن

روزا تۇتقۇچى ئۈچۈن دىنىي ۋە تىببىيدىن 20 نەسىھەت قىسقىچە چۈشەنچە: ئاپتور بۇ ماقالىسىدا روزىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئىنسان ھاياتىدىكى رولى، روزىنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھىكمەت، روزىنىڭ سالامەتلىككە دائىر پايدىلىرى ۋە روزىدارلار ئۈچۈن مۇھىم بەزى نەسىھەتلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا، تىببىي ئىلىملارنىڭ يەكۈنلىشى بىلەن ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنىدۇ.   ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلار رامىزان ئېيىدىن ئىبارەت رەھمەت، مەغپىرەت ئېيى سىلەرگە يېتىپ […]

تەپسىلاتى
بىز ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا  خىرىستىئانلاردىنمۇ يىقىن

لىكسىيەنىڭ ئاساسى مەزمۇنى؛        ئاللاھنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرى پەقەت بىرلا دىن ئۈچۈن ئىۋەتىلگەن بولۇپ، ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ تاكى بىزنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسەللەمگىچە بولغان بارلىق پەيغەمبەرلەر ئىسلام دىنىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىۋەتىلگەن. ھەقىقەتەنمۇ ئىسلام دىنى ئاللاھ تاللىغان بىردىنبىر دىندۇر. بۇ قىتىمقى لىكسىيمىزدە ئاللاھ ئۈچىنچى ئىلاھ، ئىيسا(ئەلەيھىسسالام) ئاللاھنىڭ ئوغلى دىگەن ئىتىقادىغا قارشى تۇرۇش ، […]

تەپسىلاتى
نىكاھتا غەلبە قازانغۇڭىز بارمۇ

بۇ ئالەمدە ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىنى خۇشال-خۇراملىق ۋە بەخىت ئىچىدىلا ئۆتكۈزگەن  بىرمۇ  ئىنسان بولمىسا كېرەك، ھاياتلىق ئادەمگە بەزىدە شادلىق شارابى تەڭلىسە،بەزىدە قايغۇ خەنجىرى تەڭلەيدۇ،بىز مەڭگۈ چاپچىپ تۇرغان تايچاق بۇلۇشنى خالىساقمۇ،ئەپسۇس تۇرمۇش  بىز ئۈچۈن مەڭگۈ سۇزۇلۇپ ياتقان يايلاق ئەمەس،بىزنى ھەر خىل قىسمەتلەر ۋە خىرىسلار كۈتۈپ تۇرىدۇ.بۇلۇپمۇ ھازىرقى جەمىيەتتە يېرىم دۇنيا دەپ ئاتالغان ئاياللار دۇچ كىلىدىغان بېسىملار ۋە قىيىنچىلىقلار ھەقىقەتەن كۆپ.  […]

تەپسىلاتى
ئەر سىتىش ئىلانى

 يىقىندا  ئاياللار ئۆزى ئەر تاللاپ سىتىۋالسا بولىدىغان دۇكان  ئىچىلدى دىگەن ئىلان چىقىرىلغان دۇكان پەيدا بولدى. ئىلان مەزمۇنى  تۆۋەندىكىچە.  1  -سىز بۇ دۇكانغا پەقەت بىر قىتىم كىرەلەيسىز.-2دۇكىنىمىز ئالتە  قەۋەتتىن تەركىپ تاپقان،سىز يۇقۇرى قەۋەتكە ئۆرلىگەنسىرى ،ئەرلەرنىڭمۇ سۈپىتى ئىشىپ بارىدۇ،3 -سىز خالىغان قەۋەتتىن  خالىغان ئەرنى تاللاش،ياكى يۇقۇرى قەۋەتكە ئۆرلەش ھوقوقۇڭىز بار.4-  تۆۋەنكى قەۋەتكە يىنىپ چۈشۈش مەنئى قىلىنىدۇ.       بىر ئايال ئۆزىگە ئۆمۈر يولداشى تاللاش ئۈچۈن […]

تەپسىلاتى
                                       قىزلارغا 100نەسىھەت

بىرىنچى نەسىھەتئەي قىزىم ، قىزلارنىڭ ئەڭ گۈزىلى ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئورالغىنىدۇر ، ھەقىقەتەنمۇ قىزلار قەلەم قاش، شەھلا كۆز ، ئۇزۇن چاچ، كېلىشكەن ، گۈزەل بولسىمۇ ، شەرمى – ھايالىق بولمىسا ، ئۇلارنى ھىچكىم گۈزەل دىمەيدۇ، ئىپپەتلىك قىز دىگەندە ، كۆز ئالدىمىزغا تەبىئىتى مۇلايىم ، ئەقىل – پاراسەتلىك ، ھايالىق، نومۇسچان، ئاتا- ئانىغا مىھرىبان، قېرىنداشلىرىغا […]

تەپسىلاتى
ئەرلەر بۆرىدەك ياشىشى كېرەك

تېخى بالا چاغلىرىمدا، باشقىلار دائىملا ماڭا ”بۆرە ــ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك، ئەڭ ۋەھشى مەخلۇق………“ دەپ بېرەتتى.ئەمما، ئاستا- ئاستا چوڭ بولۇپ بۇ دۇنيانى چۈشەنگەندىن كېيىن، بۇ گەپنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئەمەلىيەتتە بۆرە ئىرقى ــ مۇنەۋۋەر ئىرق، بۆرىدىكى ئېسىل پەزىلەتنىڭ كۆپلۈكى ئۆزىمىزنى بارچە مەۋجۇداتتىن ئۈستۈن چاغلايدىغان بىز ئىنسانلارنى خېجالەتتە قالدۇرىدۇ.بۆرە ــ ئىچى بىلەن تېشى بىردەك […]

تەپسىلاتى
ئۆي تۇتۇش

سەرەمجانلىق ۋە ئائىلە ئىختىزادىنى توغرا يۇرگۈزۈشسىز بىرەر پاراۋان ئائىلىنى تەسەۋۇر قىلىشقا بولمايدۇ ،يەنە ئىپتىخار بىلەن ئىيتىش كىرەككى،خوجىلىق ماشىنىسىنىڭ بۇ ئىككى ھالقىسىنى تۇتۇپ تۇرۇشلا ئەمەس،توغرا يولغا سىلىپ تۇرۇشقىمۇ پەقەت بىز –ئاياللار قادىرمىز.ئىيتىش جائىزكى،بۇ ئىككى ۋەزىپىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغۇچىلارنىڭ باشقا ساھەدىكى كۆپ ئەيىپلىرى يۇيۇلۇپ ، كەچۇرلۇپ كىتىدۇ.بولۇپمۇ ،ئىشتا ياخشى خادىم بولسڭىزمۇ،ئۆيدىكى ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىيالمىسىڭىز، ئۆيىڭىزدە بۇ ئەيىپىڭىزنى […]

تەپسىلاتى
ھاياتنىڭ يوشۇرۇن سىرلىرى ئۇستىدە 50 سوئال

بىر كۇنى نۇشىرۋان ئادىل ۋەزىرى بۇزۇرجۈمىھر بىلەن يالغۇز قالدى.-سەن،-دېدى نۇشرىۋان  ۋەزىرگە،-ئەقىل  ۋە ھېكمەتتە زاماننىڭ داناسىسەن،شۇڭا  سەندىن ھاياتنىڭ سىررى نىھانلىرى< يۇشۇرۇن سىرلار> ئۇستىدە ئەللىك سوئال سورىماقچىمەن،تەخىر قىلماي جاۋاب بەرگەيسەن .-قۇللۇق ،-دېدى ۋەزىر ،-ئاللاھ پىكىرىمگە جاۋاب سالماقنى نېسىپ قىلغاي!نۇشرىۋان سوئالنى باشلىدى،ۋەزىر جاۋاب  بەردى.سوئال: خۇدايىتائالادىن نېمە تىلىمەك كېرەك؟جاۋاب : ياخشىلىق ۋە ئىككىلا دۇنيادا سالامەتلىك.سوئال : يول نېمىدۇر ؟جاۋاب : خۇدانىڭ ئەمىرىنى تۇتماق ۋە بەندىلىرىگە شەپقەت […]

تەپسىلاتى
  ئاجراشقان ئەرلەردىن ئاياللارغا ئۆگۈت

         ئاياللار مۇھاببەتلەشكەندە ئۆزىنى ئىتايىن بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ، بۇنىڭلىق بىلەن تويدىن كىيىن ، ئېرىنى ئۆزى ئۈچۈن ئۇنداق – بۇنداق ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ ، بىراق شۇ ئىسىڭىزدە بولسۇن ، ئېرىڭىزنىڭ بۇنىڭغا  بەرداشلىق بىرەلمىگەن ۋاختى دەل سىزدىن ئاجراشماقچى بولغان ۋاختىدۇر ، شۇڭا ئاياللا مۇنۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سىلىڭ :          دايىم ئېرىڭىزنىڭ سادىقلىقىنى سىناپ […]

تەپسىلاتى
ئۇلۇغ ئالىملار ئېتىقان 10 خىل خىسلەت

 ئۆزىڭدىن چوڭ بۇيۇك ئادەملەر بىلەن ئويناشما .2-خىزمەتكارلارغا زۇلۇم قىلما .3-ھەسەتخور ، كۆزى كىچىك ، كۆڭلى تار چىدىماس ئادەم بىلەن سۆھبەتتە بولما .4-بېخىل بىلەن سۆھبەتداش بولما .5-نادان -جاھىللار بىلەن سۆھبەتلەشمە .6-تۇراقسىز كىشى بىلەن دوس بولما .7-يالغانچى بىلەن مۇئامىلە بولما .8-ئۇرۇشقان ، جىدەلخۇر بىلەن ئۇلپەت بولما .9-ئاياللار سۆھبىتىدە كۆپ ئولتۇرما .10-سېرىڭنى كىشىگە ئىيتما ، ئەيىپ ئىزدىگۇچىدىن قاچقىن […]

تەپسىلاتى
خانىم، تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ

نۆۋەتتە خانىم-قىزلارغا سۈت بېزى راكىدىن باشقا يەنە بالىياتقۇ راكىمۇ تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە. تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلگەن خانىم-قىزلار ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك:  ھەيز مەزگىلى ئۇزاققا سۇزۇلغانلار. خانىم-قىزلاردا ھەيز مەزگىلى قانچە ئۇزاققا سۇزۇلسا، بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.   ھامىلدار بولماسلىق. بالا يۈزى كۆرگەن ئاياللار بىلەن بالا يۈزى كۆرمىگەن ئاياللارنى سېلىشتۇرغاندا ، تۇغمىغان ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى […]

تەپسىلاتى
توي قىلىش پۇرسىتىڭىز كەلدىمۇ

كەچتە ئۇنىڭغا تېلېفون بەردىڭىز ، سۆزلىشىدىغان ئالاھىدە ئىشمۇ يوق ، پەقەت قۇرۇق پاراڭ سېلىشتىڭلار ، قارشى تەرەپ قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەندە تېلېفوننى قويۇۋېتىش تەكلىپىنى بېرىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭ.ئا __  بىر سائەتنىڭ ئىچىدە:ب__ بىر سائەتتىن ئىككى سائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا:س__ ئىككى سائەتتىن ئۈچ سائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا:د__ ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق ياكى سىز قويۇۋېتىشنى ئېيتقۇچە :ئا-دىكى ئەھۋال بولسا ، يارىڭىز ئىشلاردا ئەقىلگە […]

تەپسىلاتى
بۈۋى پاتىمە ۋە ئۇنىڭ تويلۇقى

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)        پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى بۈۋى پاتىمە بالاغەتكە توشۇپ،ھەزرىتى ئەلى شاھى مەردانغا جۈپتى ھالال ياتلىق بولۇشقا ھەقلىق،رازى رىزالىق بولىدۇ.تويلۇق ئۈچۈن نىمە ئىلىش،توينى قايسى دەرىجىدە قىلىش مەسلىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىجازەت بىرىشىگە تەقەززا بولىدۇ.مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۈممەتلىرىگە ئىغىر بولۇپ قالماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ،تويلۇق ئۈچۈن ئۈچ جىڭ ئارپا ئۇنى،بەش جىڭ خورما،ئۈچ […]

تەپسىلاتى
خانىم – قىزلىرىمىز توغۇرلۇق قىممەتلىق ماقال تەمسىللەر

 بۇرۇن ئەجداتلىرىمىز، خانىم – قىزلىرىمىز توغۇرلۇق قىممەتلىق ماقال تەمسىللەرنى ئوتتۇرغا قويغان .   شۇ ئارقىلىق خانىم قىزلىرىمىزنى تەربىيەلىگەن .ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى رولىنى مۇئايەنلەشتۈرگەن  . مەن بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ تۆۋەندىكى ماقال تەمسىللەرنى سىلەرگە سۇندۇم . 1.     ئاياللارنىڭ مۇھىم ئورنىنى ئىپادىلىگەن كۆز قاراشلار ؛  ‹‹  تىرىكچىلىكنىڭ بەركىتى ياخشى خۇتۇن بىلەن ›،  .  ‹‹ ياخشى خۇتۇن ئەرگە دۆلەت ›› .  ‹‹ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خۇتۇن ، يەر […]

تەپسىلاتى
ئەركەكلەرگە: قىلمىش_قىدىرمىش

 بىر قېتىم سەكسەن ياشقا بېرىپ قالغان ئادەم ھەققىدە گەپ بولىدى، مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئادەم يالغۇز ياشاپ كېلىۋىتىپتۇ. بەش ئوغلى بارئىكەنۇ، لېكىن بىرەرىمۇ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمايدىكەن. شۇ ھەقتە سۆز قىلۋاتقان ئادەم بۇ بىۋاپا پەرزەنتىلەردىن رەنجىپ قايناپ كەتتى.     ئاتىنىڭ ھالىنىڭ غېرىبىلىقى، ئوغۇللىرىنىڭ بولسا باغرى تاشلىقى راسىت، لېكىن شۇ تاپتا كۆڭۈلۈمدىن كەچكەن گەپنى ئاچچىق بولسىمۇ ئېيتاي_ مەن […]

تەپسىلاتى
ئەركەكلەرگە: قېرىنداشلىق قەرزلىرى

مەلۇمكى، ئوغۇل بالا كوچىدا چوڭ بولىدۇ، ئۈچ، تۆت ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئوغۇلنى كوچىغا چىقىرىش ئۈچۈن ئاتا ياخشى خاراكتېرغا ئىگە بولۇشى كېرەك. ناۋادا ئاتىنىڭ ئاتىلىق سالاپىتى بولمىسا، بۇ تەرىپى چاتاق….     ئاتىڭىزنى سەل ياۋاش، دەيلى. ئانىڭىز ئۇنىڭدىن رايىش. خوش، ئەمدى بەش ئوغۇل بەش تەرەپكە يورغىلاۋەرسۇنمۇ؟ ئاتا-ئانىدىن كېيىنچۇ؟ ھەممە ئۆزىگە خوجايىنمۇ؟بۇنداق ھالەتتە خالامدۇ، خالىمامدۇ، باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقى چوڭ ئوغۇلدا […]

تەپسىلاتى
ئەرلەرنىڭ ئەڭ سىرلىق 18 خىل مەخپىيەتلىكى

بۇ بىر قوغدالغان يازما بولغاچقا بۇ يەردە ئۈزۈندە يوق.

تەپسىلاتى
ئەركەكلەرگە: سىز ئۆينىڭ رەھبىرىسىز

ئايال ئۆزىنى ئېرىدىن تۆۋەنرەك تۇتمىقى لازىم، دەپ قارىلىدۇ، بىزنىڭ ئەدەپىمىزدە، مەن ئەر كىشىمەن، سەن ھۆرمەت قىلىشقا مەجبۇرسەن، دەپ كۆكرىكىگە ئۇرىدۇ ئەركەكنىڭ ئۆزى. بىز شەرقلىق __ئەرلەرنى ھۆرمەت قىلىش بىز ئۈچۈن پەرز، دەپ نوقۇپ گەپ قىلغۇچىلاردىن بىرى __ مەن.خوش، ئەركەك نېمە ئۈچۈن بۇ قەدەر ھۆرمەتلىك؟ ئۇلارغا تەڭرى بۇيرغان قانداق ۋەزىپىلەر بار؟شەرقتە ئاياللارنى قىزغانغانلىقتىن ئەمەس، ئايىغانلىرى ئۈچۈن كوچا […]

تەپسىلاتى
بەخىتلىك ئائىلىلەرنىڭ ئۆلچىمى

تەۋەلىك ھېسسىياتى:‹‹بۇ مىنىڭ ئائىلەم››دەيدىغان قاراش ھەركىمنى يالغۇز فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن رازى قىلىپلا قالماستىن،روھىي جەھەتتىنمۇ رازى قىلىدۇ.خۇشال-خوراملىقتىن ھەممەيلەن تەڭ بەھرىمان بولالايدىغان،كۆڭۈلسىزلىكنى ھەممىسى تەڭ تارتىدىغان،ئىچى پۇشقاندا كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى ئۆز-ئارا دىيىشەلەيدىغان،ئايرىلىپ تۇرغان تەقدىردىمۇ بىرەر پارچە خەت،بىرەر قېتىملىق تېلىغۇن ياكى بىر نەچچە ئېغىز ياخشى گەپ بولسىمۇ ئۆز-ئارا ،مىھرى-مۇھەببەت ئاتا قىلالايدىغان بولۇش.       قوللاش ھېسسىياتى:ئائىلىدە روھىي جەھەتتىن ئۆزىنى ئازادە ھىس […]

تەپسىلاتى
ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ۋە مېھرى-شەپقەت

سوئال: مەندە بېشىمنىڭ يېرىمى ئاغرىش، نېرۋا چارچاشقا ئوخشىغان كېسەللىكلەر داۋاملىشىۋاتقانلىق سەۋەبىدىن دوختۇر ئارام ئېلىشىمنى تەۋسىيە قىلىۋاتىدۇ. يولدىشىم مېنىڭ قايسى شەكىلدە بولمىسۇن ئارام ئېلىشىمنى ياقتۇرمايدۇ، (بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز بار) ھەتتا ئۇ مېنىڭ سالامەتلىك جەھەتتە ئارامسىزلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىمنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە مەن ياش بولغاندىن كېيىن مېنىڭ سالامەتلىك تەرەپتىن راھەتسىزلىككە دۇچ كېلىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. يولدۇشۇمنىڭ مېنىڭ مەلۇم مۇددەت […]

تەپسىلاتى
ئايالىڭىزنى رام قىلاي دېسىڭىز

1. كەڭ قۇرساق بولۇڭ، ئايالىڭىزنىڭ ئۇششاق سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرۋېتىڭ، چىن مۇھەببەتنى ئۈن-تىنسىز ھالدا ھەربىر ھالقىلارغىچە سىڭدۈرۈڭ.2. ئايالىڭىزغا پات-پات كۆڭلىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇڭ، مەسىلەن، خاتىرە كۈنلەردە بىر دەستە گۈل سوۋغا قىلىپ، كارتىغا «سۆيۈملىكىڭىزدىن» دېگەندەك گەپلەرنى يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ.3. ئاياللار كۆيۈنۈشكە مۇھتاج. ئايالىڭىز ئىشتىن ھېرىپ-ئېچىپ كەلسە، «تاماق ئەتمەمسەن؟!»، «ئۆي تازلىمامسەن؟!» دېمەستىن، «ئۇسسۇزلۇق ئىچىپ بىردەم ئارام ئېلىۋېلىڭ» دەپ كۆيىنىپ قويسىڭىز، […]

تەپسىلاتى
مۇھەببەت تەلقىنلىرى

مۇھەببەت كۆڭۈل ئىشىكىدىن كىرگەن چاغدا تولىمۇ سىرلىق كىرىدۇ، ئەمما كېتىدىغان چاغدا ئىشىكنى جالاقلىتىپ يېپىپ چىقىپ كېتىدۇ.                                                                                                  -جىبرانمۇھەببەت بىر خىل شىرىن ئازاپ دېمەكلىكتۇر، سەمىمىي مۇھەببەت […]

تەپسىلاتى
نىكاھتىن ئاجىرىشىش قىسمەتلىرى ۋە دەيدىغانلىرىم ،ئويلايدىغانلىرىم.  

ئالدىنقى ھەپتە بىر كۈنى توساتتىن تېلفۇنۇمغا خەنزۇچە كۈندىلىك ئۇچۇر مۇلازىمەت مەركىزىدىن كەلگەن، ئۇچۇر دىكى <ئاجرىشىش نىسپىتى داۋاملىق تىز سۈرئەتتە ئشىۋاتىدۇ> دىگەن ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ ،كۆڭلۈم بىر قىسىم بۇلۇپ قالدى،ياخشى ئىش ئەمەستە بۇ…شەخسەن پىقىرمۇ بۇ ئىشتىن مۇستەسنا ئەمەس،مەن بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار ۋە خىزمەتداشلىرىمنىڭ بېشىدىن ،دوسىت –بۇرادەرلەرنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن نىكاھ تۇرمۇشى توغرىدىدىكى بۇ ھەقتكى نۇرغۇن ئىشلارنى ئاڭلىدىم ۋە […]

تەپسىلاتى
كۈيئوغۇل بولۇش ئىلمى  

سەن كۈيئۇغۇل بولدۇڭ، بۇ كۈننىڭ ساڭا نىسىپ بولغىنىغا مۇبارەك بولسۇن، ئوغلۇم! يادىڭدا تۇتقۇنكى ، نىكاھ مۇقەددەستۇر! شۇنىڭ ئۈچۈن جۈپتى ھالال دىيىشىدۇ.      ئەمدى قانىتىىڭ قۇش بولىدۇ، ئاتا-ئاناڭنىڭ باغرىدىن ئۇچۇپ چىقتىڭ ، ئۆي بىساتىڭ ئالاھىدە ، «ئائىلە»ئاتلىق مەملىكەتنىڭ سۇلتانىدۇرسەن، ئەمرىڭنى تازىم بىلەن بىجا كەلتۈرىۋاتقان مۇلايىم ئايىم بولسا ۋەزىرىڭدۇر، ئۆيلەندىڭمۇ تامام، سۆزۈڭدە، ئۆزۈڭدە ، تۇتۇملۇرىڭدا كۆندە بىر يىتۈكلۈك، ئۇلۇغلۇق […]

تەپسىلاتى
ئائىلە ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيم«ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىزدىن ۋە ئەۋلاتلىرىمىزدىن كۆزىمىزنىڭ نۇرى بولىدىغان ياخشى كىشىلەرنى ئاتا قىلغىن، بىزنى تەقۋادارلارغا پېشىۋا قىلغىن»[1]ئائىلە نەسەپ ۋە ئۆيلىنىش ئارقىلىق بىرلەشكەن ۋە بىر ئۆيدە ياشايدىغان كىشىلەر جامائەسىدۇر. جەمئىيەتنىڭ ئۇلى بولغان ئائىلە ئۇلۇغ بىر مۇئەسسىسىدۇر.بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى، بەخت ـ سائادىتى، تىنچ ئامانلىقى ۋە داۋام قىلىشى ئۇنىڭ ئۇلى بولغان ئائىلىنىڭ مەۋجۇد بولۇپ […]

تەپسىلاتى
تويدا ئاتا – ئانىنىڭ رازى بولغىنى تۈزۈك

ئىلگىرى ئاتا – بوۋىمىزنىڭ زامانىسىدا قىز – ئوغۇللار توي قىلىش يېشىغا يەتكەندە ئاساسەنئاتا – ئانىلىرىنىڭ ياكى ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن نىكاھلىناتتىكەن . ئەلۋەتتە بۇ خىل نىكاھ نىسبەتەن مەجبۇرلاش تۈسىنى ئالغان بولسىمۇ ، ” نىكاھنىڭ مېھرى ئىسسىق دېگەندەك ، مۇتلەق كۆپچىلىق كىشىلەر يەنىلا جۆرىلىرى بىلەن مەڭگۈلۈك ھەمراھلاردىن بولۇپ قالاتتىكەن . ئاڭلىسام ، ئاتا – ئاناممۇ چوڭلارنىڭ […]

تەپسىلاتى
ئۇيغۇرلانىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى

ئۇيغۇرلار تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ شامان دىنى، بۇددا دىنى، ئىسلام دىنى قاتارلىق بىر قانچە دىنغا ئىتقاد قىلغان، شامان دىنى بولسا ئۇيغۇرلار ئەڭ بۇرۇن ئىتقاد قىلغان، ھازىرمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېخى يۇقاپ كەتمىگەن دىننىڭ بىرى، بۇددا دىنى بولسا بىز ئۇيغۇرلاردىن خوشلاشقلى 1000 يىلدىن ئاشتى. ئىسلام دىنىغا كەلسەك مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ۋاپات بولۇپ ( ئاللا […]

تەپسىلاتى
قىزچاق ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ

      مەن بۇ تېمىنى يېزىشنى ئويلاۋاتقىلى خېلى بولغان بولسىمۇ ئەمما ۋاقىت چىقىرالماي يۈرەتتىم . ئەمما تۈنۈگۈن كەچ سائەت 5 دىن ئازراق ئۆتكەن ۋاقىتتا مەكتەپنىڭ ئائىللىكلەر قوروسىنىڭ مەكتەپكە تۇتىشىدىغان ئارقا ئىشىكىدىن مەكتەپكە ئالدىراش كىرىپ كىتىۋاتسام يىڭى ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى چىملىقتا بىر قىز ئوقۇغۇچى بىلەن بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ  قاملاشمىغان قىلىق قىلىشىپ ئولتۇرغىننى كۆرۈپ قالدىم . بۇلارنىڭ […]

تەپسىلاتى
خانىم -قىزلارغا بىر قانچە نەسىھەت!

ئۆز-ئۆزىنى چۈشەنگەن،ھاياتنى ياخشى تەھلىل قىلالىغان،ھەقىقەت پەللىسىگەئۆرلەشنى ئۆزىنىڭ دائىملىق نىشانى قىلغان ئىنسانلار ھەر ۋاقىت ھاياتقا كۈلۈپ باقىدۇ،ئەڭ ئازاپلىق مىنۇتلارنىمۇ ئوخشاشلا تەمكىنلىك بىلەن ئۆتكۈزەلەيدۇ،ئۆزىگە ۋە ئۆزگىگە كېلىۋاتقان پايدا زىياننى ئوبدان بىلىدۇ،قاچان ئۆزىگە جان كۆيدۈرۈش ۋە قاچان ئۆزگىگە كۆيۈنۈش مەسىلىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىدۇ. ھاياتنىڭ لەززىتى ۋە گۈزەللىگى،بەخىتنىڭ قىممىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇنىڭ ۋايىغا يىتىشى پەقەت ئىنساننىڭ توغرا ئېتقادنى […]

تەپسىلاتى